قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توقسۇن ناھىيەسى «قاتناش، ساياھەت» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئەندىزە ئارقىلىق دېھقانلارنى ساياھەتچىلىكتىن نەپكە ئېرىشتۈردى

2018-09-19 16:22:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:   
توقسۇن ناھىيەسى يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈردى. يول بويىدىكى دېھقانلار ساياھەتچىلىك بىلەن شوغۇللىنىپ، ساياھەتچىلىكتىن نەپ ئالدى.
بىر ئاسفالىت يول توقسۇن ناھىيە بازىرى بىلەن كۆجەي بازىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. يول بويىدىكى يارداڭ يەر شەكلى، قىزىل ئېقىن ۋە غەلىتە تاش ئورمانلىرى ساياھەتچىلەرنى كۈچلۈك جەلپ قىلىپ، ساياھەت قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. ساياھەتچى ما خانىم مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم مەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ، توقسۇنغا ئوينىغىلى كەلگەنتىم، يول بەك راۋان، مەنزىرىسى بەك گۈزەل ئىكەن، بۇ يەرگە كېلىپ، ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسىنىڭ بەك قىززىيدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم، كېلەر يىلى يەنە كېلىمەن.
توقسۇن ناھىيە بازىرى بىلەن كۆجەي بازىرىنىڭ ئارىلىقى 50 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئارىلىقتا ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ياسالغان ناھىيە يولى 079- لىنىيەسىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ، نۇرغۇن يول بۆلەكلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، كىشىلەرنىڭ قاتناش ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي قالغانىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، توقسۇن ناھىيەسى 2016- يىلى 27 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يولنى ئۆزگەرتتى، 25 كىلومېتىر يولنى يېڭىدىن ياسىدى، كەنتنى تۇتاشتۇرىدىغان قۇملۇق يول ئاسفالت يولغا ئايلاندى. توقسۇن ناھىيەلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم مەخسۇس يارداڭ يەر شەكلىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان بەش كىلومېتىرغا يېقىن يول ياساپ، مەنزىرە رايونىنى ئېچىشقا ياخشى شارائىت ھازلىدۇق. بىز تاغنىڭ ئەڭ ئۈستىگە، يەنى ئەسلىدىكى يولنىڭ سول تەرىپىگە يەنە بىر يول ياسىدۇق، ئەسلىدىكى كونا يول مەنزىرە رايونى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا جەمئىيەت قاتنىشى بىلەن ساياھەت قاتنىشى بىر- بىرىگە دەخلى قىلماي، ھەم بىخەتەرلىككە ھەم يۇقىرى ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. مەنزىرە رايونى يوللىرى ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھازىر بۇ يەردە ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى.
كۆجەي بازىرىنىڭ يول بويىدىكى ئۈچ كەنتتىكى دېھقانلار ساياھەتچىلىككە تايىنىپ سەھرا ئارامگاھى ئېچىپ، ساياھەتچىلەرگە نان، ئۆرۈك، ياڭاق ۋە قىمىز قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ساتتى. كۆجەي كەنتىدە ئون نەچچە سەھرا ئارامگاھى ئېچىلدى، 4 ناۋايچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، 50 نەچچە ئائىلىلىك دېھقان بۇ كوپراتىپقا ئەزا بولۇپ، ھەر كۈنى 1 مىڭ 500 دىن 2 مىڭغىچە نان ساتىدۇ.
توقسۇن ناھىيە بازىرىغا پەقەت بىر نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان شاھ يېزىسىنىڭ نەخۇل كەنتى--- «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار» تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسىنىڭ ئاساسىي پائالىيەت مەيدانى. نەخۇل كەنتىدىكى 37 ياشلىق ئاھالە غۇپۇر غوجىدۇل ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسى مۇناسىۋىتى بىلەن سەھرا ئارامگاھى ئاچقانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى يول ياخشى ئەمەس، مېھمانلار كەلسە ئاۋارچىلىق ھىس قىلاتتى، ھازىر كېلىدىغانلار كۆپ، سودىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئاشخانىمۇ ئاچتۇق، ھازىر كۈنىگە بىر كالا، بەش قوينىڭ گۆشى تۈگەۋاتىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ناھىيە، يېزا، كەنت يول تورى ھەممە تەرەپكە تۇتاشتى، يېزا تاشيول مۇساپىسى 1 مىڭ 300 كىلومېتىردىن ئاشتى، ناھىيە بويىچە يېزا، بازار، مەمۇرىي كەنتلەردە يولنىڭ راۋانلىشىش نىسبىتى %100 كە يەتتى. راۋان يوللار نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ئايلاندى.

تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى