قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سەمىمىي يىگىت ئەل قەلبىنى ئىللىتتى

2018-09-19 16:47:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«بۇ كېلىشكەن يىگىت ئاممىغا سەمىمىي، قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىكەن، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىكەن، دائىم ئامما بىلەن ئىچقويۇن- تاشقويۇن بولۇپ كېتىدىكەن، يۇرتداشلار ئۇنى چىن كۆڭلىدىن ياقتۇرۇپ قالدى». كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گې ۋېنجۈن تەرىپلەۋاتقان «كېلىشكەن يىگىت» فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ زىنچۈەنزى بازىرى نەنچۈەن مەركىزىي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى گاۋ فېڭ ئىدى.
ئۇ بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن بولۇپ، كەنتتە تۇرىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئاممىغا يېقىنلىشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن ئىشلەپ، قايناق ھېسسىياتى ۋە ياشلىق باھارى بىلەن خەلققە بولغان ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
 ئاپئاق، كېلىشكەن گاۋفىڭ كەنتكە يېڭى كەلگەندە ئۆلچەملىك دۆلەت ئورتاق تىلىدا سۆزلەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ چىرايى ساغلاملىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان بۇغداي ئۆڭگە كىرىگەن بولۇپ، يەرلىكنىڭ تەلەپپۇزدا سۆزلەپ، ھەممە ئائىلىگە كىرىپ پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلدى. كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى ماختاپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىگىتنىڭ كۆڭلى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى نۇرغۇن زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ھەل قىلدى».
كەنت ئاھالىسى لى شېفا بىلەن شۈ يۇڭشياڭ قوشنا بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى يولنى؛ كۆكتات گەمىسى يەرنى ئىگەللىۋىلىش قاتارلىق كىچىك ئىشلار سەۋەبلىك كەنتتە «رەقىب» بولۇپ قالغان ئىدى، ھەتتا كەنت كادىرلىرىمۇ ئارقا- ئارقىدىن بېشىنى چايقاپ: «بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئاسان ئەمەس» دەيتتى. گاۋفېڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىككى ئائىلىنى ياراشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى، كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئىككى ئائىلە يەنىلا بىر- بىرىگە يول قويمىدى. گاۋفېڭ ۋاز كەچمىدى، ئۇ ئويلىنىپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلدى.
ئۇلارنىڭ روھىي ھالەتى ۋە پىسخىكىسىدىن قول سېلىپ، قوشنىلار ھوقۇقىغا ئالاقىدار قانۇن- بەلگىلىمىلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. ئۇ دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشكەندىن كېيىن، مىۋە- چىۋە ئېلىپ كىرىپ ئىككى ئائىلىنى زىيارەت قىلىپ، لاۋلىغا قوشنىلارنىڭ ئىناقلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى، لاۋ شۈگە تارختىكى «سەنچى كوچىسى» توغرىسىدىكى تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى.
گاۋفىڭ ئۇلارغا زېرىكمەي- تېرىكمەي نەسىھەت قىلىپ، ئاخىرى ئىككى ئائىلىنىڭ ئاداۋىتىنى يوقاتتى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ سۈيمېي ئىككى ئائىلىنىڭ شاد- خۇراملىققا چۆمگەنلىكىنى كۆرۈپ قايىل بولۇپ: «بۇ يىگىت ھەقىقەتەن قالتىسكەن، جاھىل ئادەمنى ئەيۋەشكە كەلتۈردى!» دېدى.
گاۋ فېڭ ئاممىنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، ئامما بىلەن باراۋەر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ قەلبىدىكى تۈگۈننى ئاچتى. گاۋفېڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىشىغا ياردەم بەردى. ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئەل قەلبىنى مايىل قىلدى. كەنت ئاھالىسى تې ۋاڭكۇي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرى ھەقىقەتەن ياخشى، ھازىر مېنىڭ ئۆيۈمدىكى قويلار تېخىمۇ كۆپەيدى. شاۋگاۋغا رەھمەت».
تې ۋاڭكۈي بىلەن ئانىسى مېيىپ بولۇپ، ئىككىسى بىر- بىرىگە يار- يۆلەك بولۇپ، تەس كۈن كەچۈرەتتى. گاۋ فىڭ دائىم ئۇلارنى ئويلاپ، بوش ۋاقتى بولسىلا ئانا- بالا ئىككىيلەننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. گاۋ فېڭ ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشتىن باشقا، دائىم تې ۋاڭكۇينى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىغا ماسلىشىشىغا ياردەم بەردى. تې ۋاڭكۈينىڭ ئاددىي ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، گاۋفېڭ ئانا- بالا ئىككىسىگە نامراتلارنى يۆلەش قويىدىن 9 نى ئىلتىماس قىلدى ھەمدە تې ۋاڭكۈي بىلەن بىرلىكتە كۆڭۈل قويۇپ باقتى.
 گاۋفىڭ تې ۋاڭكۈي ئائىلىسىدىكى قوينىڭ ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن، تورغا چىقىپ قوي، كالا بېقىشقا دائىر بىلىملەرنى ئىزدەپ، چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىدىن مەسلىھەت سورىدى. ھازىر تې ۋاڭ كۈينىڭ قويى 17 گە يەتتى. گاۋفېڭ توختىماي ئۆگىنىش، تەجىربە توپلاش ئارقىلىق، تەدرىجىي ھالدا كەنتنىڭ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق مۇتەخەسسىسىگە ئايلاندى. باقمىچى ئائىلىلەرنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىگە چۈشەنچە بېرىس، ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش، دېھقانلارغا ئىلمىي بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىش ئۇنىڭ دائىملىك خىزمىتى ئىدى. كەنت ئاھالىلىرى قىيىنچىلىققا يولۇقسا ھەمىشە گاۋفىڭنى ئويلايدۇ. ئىككى كۈن ئىلگىرى كەنت ئاھالىسى باۋ شاڭۋېننىڭ كالىسى قوشكېزەك موزايلىدى، باۋ شاڭۋېن خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي: «مەن گاۋفىڭدىن نۇرغۇن كالا بېقىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىۋالدىم، كېيىن ئۆيىمىزدىكى كالىلار چوقۇم بارغانسېرى كۆپىيىدۇ».
چوڭ- كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان گاۋفىڭغا، يۇرتداشلارمۇ ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى. كەنت ئاھالىسى ۋاڭ شياۋيىڭ گاۋفىڭنىڭ يازدا تەنھەرىكەت ئايىغى كىيىپ ھەممە يەردە ئالدىراش يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆز قولى بىلەن لاتا خەي تىكىپ گاۋفىڭغا سوۋغا قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئاياق بەك سالقىن، ئېلىڭ، كىيىۋېلىڭ». شۇ دەقىقىدە، گاۋ فېڭنىڭ قەلبى ۋاللىدە ئىللىدى.
گاۋ فېڭ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قەلبى بىلەن ئامما ئارىسىغا سىڭىپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئاممىنى غەم- قايغۇدىن خالاس قىلىپ، ئاممىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ياخشى ھەل قىلغاندىلا، ئاممىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.
ئاممىنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىپ ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەش. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى دارۋازىسى ئالدىدا ۋاسكېتبول، تىكتاك توپ ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر قانچە كەنت ئاھالىسى «كەنتنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بارغانسىرى موللاشتى. يەنە بىر مۇسابىقە سەھنىسى بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى»، «شۇنداق، ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى، تىكتاك توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزەتتۇق» دىيىشىپ پاراڭلىشىۋاتاتتى.
گاۋ فېڭ يۇرتداشلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، كۆڭلىگە بىر پىلان پۈكتى. ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن فۇكاڭ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» ئۆتكۈزگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە «ماي» بايرىمىلىق ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى باشلىنىپ قىزىپ كەتتى. كەنت ئاھالىسى گې سۇنشىن مۇنداق دېدى: «پائالىيەت بەك قىزىپ كەتتى، ئاكتىپ كۈچ يەتكۈزۈلدى، بىز بۇنداق پائالىيەتلەرنى ياخشى كۆرىمىز».
كەنت ئاھالىسى شۈ خۇڭشيا 35 كىشىلىك دېھقانلار ئۇسسۇل ئەترىتىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللىدى، ھەر بايرامدا ئۇسسۇل ئەترىتى دېھقانلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ ئاساسىي سەپلىمىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى بۇنىڭغا قاتنىشىپ، ئۇسسۇل ئەترىتىنى كەنت مەدەنىيىتىنىڭ «ئىسىم كارتىسى» قىلىپ قۇرۇپ چىقتى، گاۋ فېڭ ئۆزى 6 مىڭ يۈەنلىك كومپيۇتېر ۋە يۈرۈشلەشكەن ياڭراتقۇنى ئۇسسۇل ئەترىتىگە ئىئانە قىلدى. گاۋفېڭنىڭ بۇ ئىشى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنى كەنت مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ «باشلامچىسى» غا ئايلاندۇردى.
ھازىر ئۇ كەنتتە تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان تۈرلۈك لېكسىيە، كەچلىك مەكتەپتە تەربىيەلەش، مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىقلار بارغانسېرى جانلىنىپ كەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەش ئارزۇسىمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى. ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قاتنىشىش تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرغاندىلا، كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرغىلى بولىدۇ.كەنت ئاھالىلىرى دائىم گاۋفىڭدىن: «سىز كۈن بويى كەنتنىڭ ئىشى ئۈچۈن غەم يەيسىز، ئاتا- ئاناڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايسىز، ھەتتا لايىقىڭىز بىلەن پاراڭلىشىدىغان ۋاقتىڭىزمۇ يوق، نېمە ئويلايدىغانسىز؟» دەپ سورىغان سۇئالىغا، گاۋفىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ: «كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى بىز ياشلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى چېنىقىش. ياشلىقتا ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىش كېرەك، سىلەرنىڭ تۇرمۇشىڭلارنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقى، چىرايىڭلاردىكى كۆلكىنى كۆرۈش مەن ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىش» دەپ جاۋاب بېرەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى