قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەپۇچانلىق توغرىسىدىكى ھېكمەتلەر

2018-09-19 19:02:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەپۇچانلىق ئەڭ گۈزەل پەزىلەت جۈملىسىدىندۇر. ئالىيجاناپ كىشىلەر ھەر ۋاقىت، ھەر قانداق ئورۇن ۋە ھەر قانداق ئىشتا ئەپۇچانلىقنى ئۆزىگە دوست تۇتىدۇ. باشقىلار ئەرزىيەت يەتكۈزگەندە، قارشى تەرەپكە قارشىلىق كۆرسىتىشكە ھەقلىق تۇرۇپمۇ ئۆچ ئالماستىن، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۇلارنى كەچۈرۈۋېتىدۇ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن باشقىلارنى تەسىرلەندۈرىدۇ، كۆڭۈلدىكى كىرنى يۇيۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا دوستلۇق، ئىناقلىق ۋە خۇشال- خۇرام كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىدۇ.
ھاياتلىقتا، ھەر قانداق ئادەم خاتالىقتىن پۈتۈنلەي خالىي بولۇپ كېتەلمەيدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ مۇئەييەن كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىك تەرىپى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئادەملەر بىر- بىرى بىلەن تالاش تارتىش قىلىشتىن، مەلۇم ئىشتا ئۇقۇشماسلىق ياكى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن باشقىلارغا ئازار بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا باشقىلار ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىك، خاتالىقلارنى ئامالنىڭ بارىچە كەچۈرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم. ئەپۇچانلىق بىلەن كەچۈرسەك، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دىلى سۆيۈنۈپ، كۆڭلى خۇرسەنلىككە تولىدۇ، رەقىبىمىزدىن بىرى ئازىيىپ، دوستىمىزنىڭ بىرى كۆپىيىدۇ، ھەتتا ئۆزىمىز ئويلاپمۇ باقمىغان ھۆرمەت، ئىناۋەت، ھىممەت ۋە ياخشىلىقلارغا مۇيەسسەر بولۇشىمىز مۇمكىن.
دوستلار، ھازىر پۈتۈن جەمىيەتتە ئىناقلىق تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ، بىز ئىجتىمائىي ھاياتتا ئەپۇچانلىقنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلساق، زىددىيەت ۋە ئۇقۇشماسلىقلارنى ئىلمىي يوسۇندا بىر تەرەپ قىلساق، ئاندىن كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە ئىناقلىقنى ساقلاپ قالالايمىز. ئەپۇچان بولغاندىلا كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرغىلى، قۇۋۋىتىمىزنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، ئەپۇچانلىق بولغاندا ئۇرۇق تۇغقان، قولۇم قوشنا، دوست بۇرادەرلەر، ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدىكى ئىناق ئىتتىپاقلىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. شۇڭا ھەممىمىز كۆكسى- قارنىمىزنى كەڭ تۇتۇپ، كىشىلەر بىلەن بولغان ھەقىقىي سەمىمىيەتلىك، ئىشەنچىلىك ۋە ئىناقلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان چىن دوستلۇق بەرپا قىلايلى، كەڭ قورساقلىق ۋە ئەپۇچانلىق روھى ھەممىمىزنىڭ قەلب تۆرىدە ئورۇن ئالسۇن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى