قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئامىرخاننىڭ پەرمۇدەچىلىك كەسپى بىلەن ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت يولى

2018-09-19 19:15:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى «زۇنۇن» سامسىخانىسىنىڭ پەرمۇدەلىرى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئېسىل تائاملىرىنىڭ بىرى. بۇنى شۇ جايدىكى كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەپلا قالماي، ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى كىشىلەرمۇ داڭقىنى ئاڭلاپ تېتىپ بېقىشىقا كېلىشىدۇ، دائىم دېگۈدەك سامسىخانا ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ تېزىلىپ كەتكەن كىشىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.
بۇ دۇكاننىڭ ئېچىلغىنىغا بەش يىل بولدى، پەقەت ئوخشىتىپ قىلىنغان پەرمۇدەلا چىقىرىدۇ. ئامىر زۇنۇن ئىسملىك پەرمۇدە دوكىنى خوجايىنى بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن يىگىت بولۇپ، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ دۇكاننىڭ تىجارىتىنى ياخشى ماڭدۇرماقتا.
پەرمۇدە توغرىسىدا گەپ بولغاندا، ئامىر زۇنۇن مۇنداق دېدى: بۇ تەم دەل بالىلىق چاغلىرىمدا ئاغزىمدا قالغان تەم دېسەم ئاشۇرۋەتكەن بولمايمەن. بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن، دادام ئاشخانا ئاچاتتى. ئەينى چاغدا ئاشخانىمىزدا بىر ئۇستام دەل موشۇنداق پەرمۇدە ياقاتتى، ھىلىھەم ئېسىمدە ئۇ ئۇستامنىڭ پەرمۇدەلىرى ئەينى يىللاردىكى مېنىڭ بۇدرۇققىنە قوللىرىمدىنمۇ كىچىك تۈگىلگەچكە، ئېغىزغا بىر كىلەتتى. شۇنچىلىك نېپىز ئېچىلغان پەرمۇدە جىلىتىگە پاقلان گۇشىدىن ئوخشىتىپ قىلىنغان قىيما سېلىنغاچقا بەكلا يېيىشلىك ئىدى. كېيىنچە دادام مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئاشخانىنى تاقىدى، شۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ ئۇنچىلىك ئوخشىغان پەرمۇدەلەرنى يەپ باقمىدىم.
    2013- يىللىرى، ناۋايلىق قىلىپ يۈرگەن ئامىر زۇنۇندا باشقىچە بىر ئىگىلىك تىكلەش ئويى پەيدا بولدى. خېلى كۈنلەرگىچە بازار ئارىلاپ، نېمە قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا زەڭسىلىۋاتقان ئامىر بالىلىق چاغلىرىدا يىگەندىكىدەك پەرمۇدەلەرنى ھازىر ھېچكىمنىڭ ياقمايدىغانلىقى، بۇنىڭ بىر سودا پۇرسىتى ئىكەنلىكى، ئەگەر ياخشى قىلالىسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ يېيىشىگە، سېتىۋېلىشىغا ئىرىشەلەيدىغانلىقىنى بايقىدى. ئارقىدىنلا ئامىر ئاكىسى بىلەن بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدى ھەمدە تۇنجى قەدەمدە 20 يىل ئىلگىرى دادىسى بىلەن تەڭ ئاشخانىنى ماڭدۇرغان شۇ پەرمۇدە ئۇستىسىنى تەكلىپ قىلىپ، دۇكىنىنىڭ پەرمۇدە يېقىش ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلغۇزدى.
 ئامىرنىڭ ئاكىسى ئابلەت مۇنداق دېدى: بىز بۇ ئۇستامنىڭ ھۈنىرىنى ئۈگىنىپلا قالماي، خام ماتىرىيالدىن تارتىپ يېقىشقىچە بولغان بارلىق جەريانلارغا ئاز- تولىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزدۇق، ھازىرمۇ پەرمۇدە خېمىرىنى قولدا يۇغۇرىمىز، پاقلان گۆشىدە قىيما قىلىمىز. ھەر كۈنى ئىككى پاقلاننىڭ گۆشىنى قىيىما قىلىپ، ئۇنىڭغا قويرۇق يېغى، باش پىياز، زىرە، تۇز ۋە قارىمۇچ قاتارلىق ماتىرىياللارنى راۋرۇس ماسلاشتۇرغاندا، ئاندىن پەرمۇدەنىڭ تەمى كىشىنىڭ ئاغزىدا قالغۇدەك دەرىجىدە ساپ ھەم مەززىلىك بولىدۇ. دۇكاننى ماڭدۇرۋاتقىنىمىزغا بەش يىل بولدى، پەرمۇدە تەمى بۇرۇنقىدەكلا تېتىملىق ۋە ئوخشايدىغان بولغاچقا، بىر كەلگەن خىرىدار يەنە قايتا كېلىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ، كونا خىرىدارلىرىمىز بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.
   پەرمۇدەنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىكى ھۈنەر- سەنئەتكە سەل قاراشقا بولمايدۇ، بىر ئەمەس بەش ئۇستامنىڭ چىۋەر قوللىرىدىن ئۆتۈپ، ھەممەيلەننىڭ ھۈنەر- سەنئىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەندىن كېيىنلا ئاندىن پەشخونغا چىقىدۇ. دۇكاندا بىر ئۇستام پاقلان گۆشىدىن قىيما قىلسا، يەنە بىر ئۇستام قولدا يوغۇرۇلغان ھەم يۇمشاق ھەم ئىلاستىكىلىقى شۇنچىلىك ياخشى چىققان خىمىردىن نېپىز قىلىپ جىلتا ئاچىدۇ. ئىككى ئۇستام ماھىرلىق بىلەن پەرمۇدە تۈگۈپ، پەرمۇدەلەرنى ئەمبەل ئۈستىگە رەتلىك تىزغاندىن كېيىن، تونۇر بېشىدىكى يەنە بىر ئۇستام چاققان، پىشقان ماھارىتى بىلەن پەرمۇدەلەرنى تونۇرغا ياقىدۇ.
پەرمۇدە يېقىشنىڭ پۈتۈن جەريانى مانا موشۇنداق قولدىن- قولغا ئۆتۈپ تاماملانغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىيىشلىك ھەم مەززىلىك بولغاچقا، ئامىر زۇنۇن كۈنلۈكى ھەر دانىسىنى ئىككى يۈەنلىك باھادا 3 مىڭ تال ئەتراپىدا پەرمۇدە ساتىدۇ، يەنە تېخى خىرىدارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ.  

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى