قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دادىللىق بىلەن سىناشقا جۈرئەت قىلغاندىلا، نەتىجە قازانماق تەس ئەمەس

2018-09-19 19:17:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ھويلىدا پورەكلەپ ئېچىلغان رەڭگا- رەڭ گۈل- گىياھلار، كىرىمنىڭ ئېشىشىغا ئاساس سالدى. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان يېزىسى كىچىك بەشئېرىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەخمەت نىياز تىلغا ئېلىنسا، كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى باشمالتېقىنى چىقىرىپ «ئۇ جاپاغا چىدايدىغان، ئىرىنمەي ئۆگىنىدىغان، پۇختا ھەم ئىشەنچىلىك كىشى»دەپ ماختىشىدۇ.
ئەخمەتنىڭ قۇرۇسىغا كىرگۈدەك بولسىڭىز، قورۇ ئىچىگە تىزىۋىتىلگەن ھەر خىل رەڭدىكى تۈگمە گۈل، سۆگەتگۈل قاتارلىق گۈللەر ۋە ياپيېشىل تەشتەك مەنزىرىلىرى، ئۈزۈم بارىڭىنىڭ كەينىگە ياسالغان پارنىكلاردا ئۆستۈرۈلگەن تۈرلۈك گۈل- گىياھلاردىن كۆزىڭىزنى ئۈزەلمەي قالسىز.
 ئەخمەت نىياز مۇنداق دېدى: 1995- يىلى ئايالىم ئىككىمىز تويىمىزنى پاتاڭغىچە قەرزگە بوغۇلۇپ ئاران ئۆتكۈزۈۋالغانىدۇق. ئۇ چاغدا ئائىلىمىز تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە تاينىدىغان نامرات ئائىلە بولغانلىقتىن، تۇرمۇش بېسىمىمىزنىڭ ئىغىرلىقىغا گەپ كەتمەيتتى، كېيىنچە مەن ئائىلىمىزنىڭ 16 مو ھۆددە يېرىگە ئاشلىق تېرىپ ئۆتكەن بىلەنلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ، پارنىك ياساپ كۆكتات تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ياخشىلىقىنى تونۇپ يەتتىم ھەمدە ئەتراپتىكى خەنزۇ خوشنىلاردىن پارنىكتا كۆكتاتلىرىنى پەرۋىش قىلىش، يېتىشتۈرۈش تېخنىكىلىرىنى ئۆگەندىم.
شۇنداق قىلىپ ئەخمەت نىياز ئۆزىنىڭ ھويلىسىنى بىكارلاپ، بوش يەرگە پارنىك ياساپ، مۇچ، پىدىگەن، شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىپتۇ. 
ئەخمەت نىياز يەنە: گەرچە كۆكتات تېرىقچىلىقى ئاشلىق تېرىقچىلىقىدىن كۆپ جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي كىرىمى ھەقىقەتەن ياخشىكەن. ئەگەر كۆكتات تېرىقچىلىقىدىن پۇل جۇغلاپ قەددىمنى رۇسلىمىغان بولسام، ھىلىھەم كەنتىمىزدىكى نامرات ئائىلىلەر قاتارىدىن چىقالمىغان بۇلاتتىم، -دېدى. دەرۋەقە، ھازىر ئۇنىڭ پارنىكى دەسلەپكى نەچچە پۇڭ يەردىكىدىن ئىككى موغا كېڭىيىپتۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئازادە، يورۇق، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىپ، خېلى ياخشى تۇرمۇش كەچۇرۋېتىپتۇ.
2016- يىلى، بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئەخمەت نىياز ھويلىسىنى گۈزەللەشتۈرگىلى گۈل سېتىۋالغىلى بېرىپ، پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن گۈل- گىياھلاردىن قالىدىغان پايدىنىڭ كۆكتات تېرىقچىلىقىنى نەچچە قاتلايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى ھەمدە قۇرۇسىغا بىر پارنىك ياساپ گۈل ئۆستۈرۈپ سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى.
 لېكىن، گۈل تېرىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى- ئەلۋەتتە. ئەخمەت نىياز ئىلمىي ئۇسۇلدا گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۆز جايىدىكى دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىدىن كەمتەرلىك بىلەن تەلىم ئېلىپ، رادىيو پىروگراممىلىرىدىكى بۇنىڭغا ئائىت ساۋاتلارنى قەرەللىك ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى. يەنە ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بازار ئارىلاپ ناھىيە بازىرىدىكى گۈل- گىياھ دۇكانلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، سېتىش يوللىرىنى كەڭ ئاچتى. بىر يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ 8- 9 پۇڭ كۆلەمدىكى پارنىكتا ئۆستۈرۈۋاتقان گۈل- گىياھلاردىن قىلغان ساپ كىرىمى 30 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇنداق ياخشى پايدىنى كۆرگەن ئەخمەت نىياز گۈل ـ گىياھ ئۆستۈرىدىغان پارنىكىنى ئۈچكە كۆپەيتتى.
مانا ئەمدىلىكتە ئەخمەت نىياز دەسلىۋىدىكى بۇغداي، قۇناقلا ئۆستۇرىدىغان دېھقاندىن پارنىكتا كۆكتات، ئاخىرىدا گۈل ئۆستۈرىدىغان زامانىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە گۈلدار دېھقانغا ئايلاندى. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، گەرچە ئەخمەتنىڭ دېھقان سالاھىيىتى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىدىيىۋى ئۆزگىرىشى توختىماستىن يېڭىلاندى، تېرىقچىلىق ئۇسۇلى ۋە ئۆستۈرۈۋاتقان سورتلىرى بازار ئېھتىياجىغا قاراپ ئۈزۈكسىز يېڭىلىنىپ، كىرىمى بارغانسېرى ئاشتى. ئەخمەت نىياز مۇنداق دېدى: تۇرمۇش مەيدانى ئۈزۈكسىز سىناق مەيدانى، توختىماستىن كۈرەش قىلىش سەھنىسى ئىكەن. پەقەت جاپاغا چىدايدىغان، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، پۇرسەتنى چىڭ تۇتالايدىغان، بارلىق پايدىلىق شارائىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان ئىرادىلا بولىدىكەن، چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغىلى، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.
خۇددى ئەخمەت نىياز ئېيتقاندەك تۇرمۇش مەيدانى ئۈزۈكسىز سىناق مەيدانى، توختىماستىن كۈرەش قىلىش سەھنىسى، ئۆزى ياقتۇرغان كەسىپنى قىلىشنى تاللىغان، شۇنداقلا تىرىشىپ يول ئاچقان كىشى بۇ سەھنىدىكى مۇۋەپپەقىيەت ساھىبىغا ئايلىنالايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى