قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باغراش كۆلىدىكى ئالتۇن كۈز جىلۋىسى

2018-09-19 21:28:03     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جاڭ يەنلىن، ۋاڭ لۇبىن خەۋىرى، فوتوسى: باغراش ناھىيەسىدىكى باغراش كۆلى ئەتراپىدا بولۇق ئۆسكەن ياۋا قومۇشلار ئالتۇن كۈزنىڭ قەدىمى بىلەن تەڭ ئاستا-ئاستا سارغىيىپ، مامۇقتەك ئاپئاق قومۇش پۆپۈكلىرىنى چىقاردى. سەلكىن كۈز شامىلىدا ئۇلار يېنىك چايقىلىپ، «ئۇسسۇل ئويناپ»، كۆل بويىغا ئۆزگىچە ھۆسىن قوشۇپ كىشىلەرنى جەلپ قىلدى.
  باغراش كۆلى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت مەبلەغ سېلىپ باغراش كۆلى ئەتراپىدىكى سۇلۇق يەرلەرگە قارىتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى. 2017-يىلى 12-ئايدا، باغراش كۆلى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتۈپ، رەسمىي «دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى»غا ئايلاندى.
  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2018-يىلى، باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى سۇلۇق يەر ياۋا قومۇشلۇقىنىڭ ئۆسۈش كۆلىمى 600 مىڭ مودىن ئېشىپ، يىللىق قومۇش زاپىسى بايلىقى 200 مىڭ توننىدىن ئاشقان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى