قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش پىكرىنى ئىنكاس قىلدى

2018-09-20 11:04:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇشۇ ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە ئاپتونوم رايوننىڭ 2017- يىللىق ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسىنى  باھالاشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىگە قارىتا نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇشۇ ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئىنكاسلارنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.    
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېڭ جيېمىڭ نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزغا ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ۋېڭ جيېمىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپلا قالماي، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىۋېلىش بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە ئائىت سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە نامراتلىقنى ئازايتىش يولىدا ماڭدى.
ۋېڭ جيېمىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: نامرات ئاممىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئىقتىدارى ۋە ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىش؛ شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنى كەسىپ تەرەققىياتىغا تايىنىپ، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ نامراتلارنى يۆلەش تۈرى، مەبلەغ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرىنچى سەپتىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى «تۆت ئاڭ» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە «ئىككىنى قوغداش» نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا سۈپىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.
شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىنكاس قىلىنغان پىكىرلەرنى تۈزىتىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل تۈزىتىدۇ؛ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ؛ نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلەپ، نامرات ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش ھەمدە ئۇلارغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى