قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«قىشتا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» جۇڭگو غەربىي رايون قار-مۇز ساياھەت بايرىمى ۋە 13- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىش پەسىللىك ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2018-09-20 11:17:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:   
«قىشتا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» جۇڭگو غەربىي رايون قار- مۇز ساياھەت بايرىمى ۋە 13- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىش پەسىللىك ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى9-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت يەرمەنكىسى كېلەر يىلى 3- ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن. شۇ ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى 130 نەچچە تۈرلۈك ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 100 گە يېقىن ئېتىبار بېرىش تەدبىرىنى يولغا قويىدىكەن. بۇ مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز «تەكلىپ قىلىش» تەدبىرىنى قوللىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى 100 داڭلىق ساياھەت سودىگىرى، ئاخبارات ۋاستىلىرى، داڭلىق شەخسلەر، فوتوگرافلار، قار تېيىلىش كۇلۇبلىرى قاتارلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىشكە تەكلىپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قار- مۇز بايلىقىنى تەشۋىق قىلىدىكەن؛ يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمى- ئۈرۈمچى خەلقئارا قار- مۇز بايرىمىدا شىنجاڭدىكى تۇنجى قار- مۇز شادلىقى باغچىسى بەرپا قىلىنىپ، ساياھەت، قار- مۇز تەنھەرىكىتى، قار- مۇز شاتلىقى، قار- مۇز تائاملىرى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، مال سېتىۋېلىش قاتارلىق كۆپ ئىقتىدارلىق سىناق رايونلىرى تەسىس قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە كۆپ تەرەپتىن قار- مۇز شادلىقى ئاتا قىلىنىدىكەن.
يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، تۇنجى نۆۋەتلىك «قىشتا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» باش تېمىسىدىكى شىنجاڭ قىش پەسىللىك قار-مۇز ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەش مۇسابىقىسىمۇ 9-ئاينىڭ 18-كۈنى باشلانغان. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە شىنجاڭنىڭ قىش پەسىللىك يادرولۇق ساياھەت بايلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت سودىگەرلىرى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى زاكاز قىلغۇچىلار، شىنجاڭنىڭ نوپۇزلۇق ساياھەتچىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل مۇھىم كىشىلەر ئارىسىدىن شىنجاڭنىڭ قىشلىق ئەلا سۈپەتلىك قار- مۇز ساياھەت مەھسۇلاتلىرى توپلانغان.

تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى