قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئۈچ تەنھەرىكەتچى ئورتاق تەنھەرىكەت قىزىقىشى بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مەيداندىكى ياخشى سەپداشلاردىن، ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى

2018-09-20 11:36:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىخەنزە ئاياللار تەپكۈچ كوماندىسىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان ئۈچ تەنھەرىكەتچى ئورتاق تەنھەرىكەت قىزىقىشى بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مەيداندىكى ياخشى سەپداشلاردىن، ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى.
9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللار تەپكۈچ مۇسابىقىسى مەيدانىدا، شىخەنزە كوماندىسىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر پاس بېرىپ تەپكۈچنى ئېلىشتا ئۆزئارا ماسلىشىپ، ھەر بىر ھەرىكەتنى ناھايىتى چىرايلىق ئىشلەپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، شىخەنزە كوماندىسى كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ، مۇسابىقىدە غەلىبە قىلدى. بىر ئاي ئىلگىرى قۇرۇلغان شىخەنزە كوماندىسىدىكى ئۈچ ماھىرنىڭ ھەممىسى شىخەنزە تۆمۈر يول سىستېمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىدى. كوماندا باشلىقى جۇ يۈن ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، قوشۇندىكى «تايانچ»، 42 ياشلىق بۇ «ئايال سەركەردە» زېرەك، ئۆتكۈر بولۇپ، ئىقتىدارى نىسبەتەن ئەتراپلىق ئىدى. مەركەزلىك مەشقتە، ئۇ ئەزالارغا ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قوياتتى. كوماندا ئەزاسى دېلدار ھەسەن مۇنداق دېدى: «بىز ئۈچەيلەن بىللە مەشق قىلىمىز، مەشق قىلغاندا كوماندا باشلىقى بىزگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ئالدىنقى قېتىم ماڭا تەنبىھ بېرىپ مېنى مەشق مەيدانىدىن چىقىرىۋەتتى. بىز بىر ئايدىن بۇيان مۇشۇنداق جاپا تارتقاچقا، ياخشى ماسلىشىپ ھەمكارلاشقاچقا بۈگۈنكىدەك نەتىجىگە ئېرىشتۇق، ناھايىتى ھاياجانلاندىم ھەم بەك خوش بۇلىۋاتىمەن، ئىككى ھەمراھىم، سىڭلىمغا رەھمەت، بىز ھازىر يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. بىز بىرلىكتە تەپكۈچ ئويناپ، تەنھەرىكەتنىڭ خوشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بۇلىۋاتىمىز».
بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن رائىلە ئەنۋەرنىڭ يېشى ئەڭ كىچىك بولۇپ، 2- نومۇرلۇق پاسچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاساسلىق ھوجۇمچىغا تەپكۈچنى سىلىق، توغرا پاس بېرىشى كېرەك ئىدى. تەپكۈچ ئويناۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان رائىلە ئەنۋەرنىڭ تېخنىكىسى خېلى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما پىسخىكا ساپاسى ئۈچ كوماندا ئەزاسى ئىچىدە ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. كۈندىلىك مەشقتىن باشقا، بىر ئايدىن بۇيان، ئىككى ئاچىسى رائىلە ئەنۋەرنىڭ تاكتىكىسىنى تەھلىل قىلىپ، روھىي ھالىتىنى تەڭشىشىگە ياردەم بەردى. رائىلە ئەنۋەر مۇنداق دېدى: «ئىككى ئاچامنىڭ ياردىمىدە مەندە زور ئىلگىرىلەش بولدى. بىز ناتونۇشلاردىن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق، ھازىر ئۇلار ماڭا ئۆز قېرىندىشىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ. بىز مەيداندا ئورتاق تىرىشىمىز، باشقا چاغلاردا ئۆزئارا ياردەملىشىپ ئۇرۇق- تۇغقانلاردەك ئۆتىمىز.
كىچىككىنە تەپكۈچ ئارقىلىق شىخەنزە كوماندىسىدىكى ئۈچ ماھىر ناتونۇش كىشىلەردىن تونۇشۇپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. كوماندا باشلىقى جۇ يۈن مۇنداق دېدى: «بۇ تەنھەرىكەت كوللېكتىپ تۈر بولۇپ، ئۈچ ئادەم ئورتاق تىرىشقاندا ئاندىن ئەڭ ياخشى سەۋىيەنى جارى قىلدۇرغىلى، ھەم مۇسابىقىنى ياخشى ئوينىغىلى، كوللېكتىپنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كوماندىمىز قازاق، ئۇيغۇر، خەنزۇ مىللىتىدىن ئىبارەت ئۈچ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان. بۇ مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسى، بىز بىرگە بولساق ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھېس قىلىمىز. مەشق قىلىۋاتقان بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، تەنھەرىكەتنىڭ خوشاللىقىدىن بەھرىمان بولدۇق.   تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى