قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

19 يىلدىن كېيىن يەنە جەم بولۇش

2018-09-20 11:51:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
19يىلنىڭ ئالدىدا، نىلقا ناھىيەسىدىكى ئۆسمۈر سېرىك ئەلى ۋۇشىدىكى پىدائىي تاڭ چۈەنجى بىلەن ئاتا- بالىلىق رىشتە باغلىدى. 19 يىلدىن كېيىن، سېرىك ئەلى ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئەينى يىللاردىكى «دادىسى تاڭ چۈەنجى» نى تاپتى ھەمدە نىلقا ناھىيەسىدە جەم بولۇپ، 4 مىڭ كىلومېتىردىن ھالقىغان «ئاتا- بالىلىق رېشتى» نى نامايەن قىلدى. 
ئالتۇن كۈزدە، نىلقا ناھىيەسى قاراسۇ يېزىسىنىڭ جار توغان كەنتى ئاھالىسى سېرىك ئەلى ئۇزۇندىن بۇيان سېغىنغان دادىسى تاڭ چۈەنجىنى كۈتۈۋالدى. ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئېسىل تائاملارنى يېگەچ، ئەينى يىللاردىكى ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشلەرنى ئەسلىدى. تاڭ چۈەنجىنىڭ ئايالىنىڭ سېرىك ئەلىنىڭ ئاچچىققا ئامراق ئىكەنلىكى، ئالاھىدە نىسبەتەن ئاچچىق كاۋاپنى سېرىك ئەلىگە يىگۈزىدىغانلىقى ھېلىھەم ئېسىدە ئىدى.
1999- يىلى ۋۇشى ۋە ئىلىدىن ئىبارەت ئىككى جاي بىرلىشىپ، ئىلىدىكى ياشلار- ئۆسمۈرلەر بىلەن ۋۇشىدىكى پىدائىيلار بىرلىكتە چاغان ئۆتكۈزىدىغان ئاممىۋىي پاراۋانلىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 11 ياشلىق سېرىك ئەلى ۋۇشىدىكى پىدائىي تاڭ چۈەنجى ئەر- ئايالنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنتۇلغۇسىز چاغاننى ئۆتكۈزدى. ۋۇشىدىكى شۇ چاغلاردا تاڭ چۈەنجى ئەر- ئايال ئىككەيلەن جىمخۇر ھەم تارتىنچاق سېرىك ئەلىگە ئۆز بالىسىدەك كۆيۈنۈپ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالدى. ئايرىلىدىغان چاغدا، سېرىك ئەلى ئۇلاردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن 1999- يىلى جياڭسۇنىڭ ۋۇشىغا بارغان، بىز ئۇ يەردە 10 نەچچە كۈن تۇردۇق، تاڭ چۈەنجى دادامغا بولغان مۇھەببىتىم ئىنتايىن چوڭقۇر.
سېرىك ئەلى كەتكەندىن كېيىن، تاڭ چۈەنجى ئائىلىسى خىزمەت سەۋەبىدىن ئەسلىدىكى جايدىن كۆچۈپ كەتكەچكە ئىككىيلەننىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. لېكىن، ئىزچىل بىر- بىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇردى. 2016- يىلى 11- ئايدا، ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ۋە تاراتقۇلارنىڭ ياردىمىدە، «ئاتا- بالا» توردا كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق يۈز كۆرۈشتى. بۇلتۇرنىڭ بېشىدا، سېرىك ئەلى ۋۇشىغا بېرىپ، تاڭ چۈەنجى ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلارنى نىلقا ناھىيەسىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. تاڭ چۈەنجى بۇ قېتىم نىلقىغا كېلىپ، سېرىك ئەلىنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى بىزەكچىلىك تىجارىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ خۇشال- خۇرام تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم كەلگىنىمدىن بەك خۇشالمەن، مەن ئەسلى بۇلتۇر كېلىشكە تەييارلىق قىلغان، لېكىن سالامەتلىكىم ئانچە ياخشى ئەمەس ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمىتىم ئالدىراش بولغاچقا كېلەلمىدىم. بۇ يىل ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنى كۆرۈپ كېتىشكە كەلدىم.
سېرىك ئەلى دادىسى تاڭ چۈەنجى ئائىلىسىدىكىلەرنى كۈتۈۋالغان ئۈچ كۈندە، ئۇلارنى تاڭبۇلا يايلىقى، نارات يايلىقى قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. مېڭىشتىن ئىلگىرى ئىككىيلەن بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتى. سېرىك ئەلى مۇنداق دېدى: مەن بىر قازاق، تاڭ چۈەنجى دادام خەنزۇ، بىز ئاتا- بالىلىق مۇناسىۋىتى باغلىدۇق.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى