قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «تۇغقان يوقلاش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ جۇڭچيۇ بايرىمىنى ئالدىن ئۆتكۈزدى

2018-09-20 12:20:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى ساي كەنتى، ئازغانباغ كەنتى ۋە لۇڭگا كەنتىدىكى قوشماقلاشقان توغقانلاردىن 34 كىشىنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ «تۇغقان يوقلاش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، رادىيو ئىستانسىسىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى ئالدىن ئۆتكۈزدى.
بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ۋە 34 ئۇرۇق-تۇغقان ۋەكىلى بىر يەرگە جەم بولۇپ، سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلانغاچ، بىللە كەچلىك تاماق يېدى، بىر-بىرىگە سوۋغا بېرىشتى. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەنزۇچە خەۋەرلەر رادىيوسىنىڭ مۇھەررىرى يې چىڭ تۇغقىنىغا ئىككى بوغچا ۋە بىر قۇتا ئايتوقاچ تەييارلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىككى يىلدىن بۇيان تۇغقان يوقلاپ، ئۆزئارا ئەھۋال ئىگىلىشىپ، مۇناسىۋېتىمىز بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. بۇ قېتىم تۇغقىنىم جۇڭچيۇ بايرىمىغا ئۈلگۈرۈپ ئۈرۈمچىگە كەلدى. مەن ئۇنىڭغا ئىككى بوغچا، يەنە بىر قاپ ئايتوقاچ تەييارلىدىم، بۇ بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈشىمىزگە سىمۋول قىلىنغان».
بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى يەنە تۇغقانلىرىنى ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىشتى، يەنە سىرتلارغا چىقىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇردى. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى موڭغۇلچە رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى بادۇمۇجاپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى تۇغقان يوقلاشقا دائىم يالغۇز باراتتىم، بۇ قېتىم تۇغقىنىم كەلگەندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭغا ئاتا- ئانام ۋە بالامنى تونۇشتۇردۇم يەنە ئۇنى خەلقئارا چوڭ بازارغا ئېلىپ بېرىپ ئايلاندۇرۇپ كەلدىم. بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز بارغانسىرى قۇيۇقلىشىۋاتىدۇ».
بادۇمۇجاپنىڭ تۇققىنى ئايىمنىسا مەمەت مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كىلىشىم. مەن تېخىمۇ كۆپ تۇققانلار بىلەن تۇنۇشتۇم، ئۇلار مېنىڭ ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئالدى، ھازىر بىز بىر چوڭ ئائىلىگە ئايلاندۇق.
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قوشماقلاشقان تۇغقانلاردىن 34 كىشىنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى. گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرى ساي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەخمەتجان ئوسمان مۇنداق دېدى: مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇن، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ناھايىتى ئىناق ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. كۆرگەزمە باغچىسىدا بىز نۇرغۇن گۈل كۆردۇق، كەنتىمىزدىكى ھويلا-ئاراملارنى ئۆزگەرتكەندە گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلانساق بۇلىدىكەن.
مۇجى بازىرى ئازغانباغ كەنتىدىكى تۇغقانلار ۋەكىلى ئاماننىساخان مەمەت مۇنداق دېدى: «ئىككى يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىدىم، ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ تېز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى پەخىرلەندىم.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى