قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

غۇلجا ناھىيەسىدىكى كوچا ئاپتوبوس شوپۇرى ليۇ خەينىڭ 25 يىلدىن بۇيان ئوقۇغۇچىلارنى خالس توشۇغانلىق ھېكايىسى

2018-09-20 12:30:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى: 
غۇلجا ناھىيەسىنىڭ لىنىيە ئاپتۇبۇس شوپۇرى ليۇ خەي 25 يىلدىن بۇيان، مەيلى قار- شىۋىرغان ياكى تومۇز ئىسسىق بولسۇن، ھەر كۈنى سائەت 9 يېرىمدىن بۇرۇن، كەنتتىكى بالىلارنى 6، 7 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى، بالىلارمۇ ئۇنى دەسلەپكى تاغا دەپ ئاتاشتىن تەدرىجىي بوۋا دەپ چاقىرىدىغان بولدى.
ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 يېرىمدا، ليۇ خەي مۇددەتتىن بۇرۇن رەتلىك، پاكىزە ئاپتوموبىلىنى غۇلجا ناھىيە بايتوقاي يېزىسىنىڭ چىغلىق مازار كەنتى ئېغىزىغا توختىتىدۇ ھەمدە توختىماي ئاپتوموبىل لاباسىنى بېسىپ، بالىلارنى ئۆيدىن چىقىشقا ئەسكەرتىدۇ، ليۇ خەي بالىلارنىڭ بىر- بىرلەپ ماشىنىدىن چۈشۈپ مەكتەپكە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئاندىن خاتىرجەم بولۇپ مەكتەپتىن ئايرىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتوبۇس كۈندە ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولىدۇ، بەزىلىرىنى باشلانغۇچ مەكتەپكە، بەزىلىرىنى ئوتتۇرا مەكتەپكە توشۇيمەن. بېرىپ كېلىشكە يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇلار بىخەتەر مەكتەپكە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم بولىمەن.
51 ياشلىق ليۇ خەي چىغلىق مازار كەنتىدىن. 1993- يىلى ئۇ 19 ئورۇندۇقلۇق ئاپتوبۇس سېتىۋېلىپ مەخسۇس بايتوقاي يېزىسىدىن غۇلجا ناھىيەسىگە قاتنىدى. بىر ھەپتە قاتنىغاندىن كېيىن، ليۇ خەي بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش- قايتىشىنىڭ بىر قەدەر قىيىن ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ليۇ خەي مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى يولمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى، بالىلار مەكتەپكە ئاساسەن پىيادە باراتتى، ئۇلار باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن ئۈچ كىلومېتىر، يېزىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن 7 كىلومېتىر يول يۈرەتتى. بولۇپمۇ، قىشتا ھاۋا سوغۇق، يول تېيىلغاق بولغاچقا، بالىلار تاڭ يورۇماستىنلا ئۆيدىن چىقاتتى، نۇرغۇن ئاتا- ئانا بالىلىرىنى ئۆزلىرى مەكتەپكە ئاپىراتتى ۋە قايتۇرۇپ كېلەتتى. شۇڭا، مەن بالىلارنى مەكتەپكە ھەقسىز ئاپىرىپ قويۇش نىيىتىگە كەلدىم».
ھەر دۈشەنبە كۈنى يولۇچى تىرانسپورت ئاپتۇبۇسلىرىنىڭ سودىسى ئەڭ ياخشى بولىدىغان ۋاقىت. باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ليۇ خەي تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى، چۈنكى ئۇ ئاۋۋال بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپ، ئاندىن يولۇچىلارنى توشۇيتتى. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە بارىدىغان يول ئەمەلىيەتتە ليۇ خەينىڭ غۇلجا شەھىرىگە بېرىشتا چوقۇم ئۆتىدىغان يولى ئەمەس، ئەمما ليۇ خەي بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش مەسىلىسىنى ئويلاپ، بالىلارنى ۋاقتىدا مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلاتتى. ليۇ خەي بۇ بالىلارنى ئۆز بالىسىدەك كۆرەتتى، كەنتتىكىلەر ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇشاتتى، ئۇ دائىم يولدا كېتىۋاتقاندا باشقىلار ئۇنى توختۇتۇپ، سۇ، تاماق بېرەتتى. 25 يىلدىن بۇيان، ليۇ خەي قانچىلىك بالىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ئەمما، بالىلار ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ليۇ خەي مۇنداق دېدى: مەن توشۇغان بالىلاردىن ئىشلەۋاتقانلارمۇ خېلى كۆپ. ئادەتتە تېلېفون بېرىپ ياكى قىسقا ئۇچۇر يوللاپ مەن بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، چاغان مەزگىلىدە ئۇلار كەنتكە قايتقاندا مېنى يوقلاشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئۇلار ماڭا مېنى ھەمدە ئۇلارنى توشۇغان ئاپتۇبۇسنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تەسىرلىنىپ كېتىمەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ليۇ خەي ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ تۆت ئاپتۇبۇس ئالماشتۇرۇپ بولدى. ئەمما ئۇ بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇشتا ئىزچىل چىڭ تۇردى. ليۇ خەي مۇنداق دېدى: «بۇ بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، ئۇلارغا ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن باشقا بىر خىل غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىق ئاتا قىلدىم. مېنىڭچە بۇ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەنمۇ ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىمەن. مەن ئاپتۇبۇس ھەيدەشنى ئىزچىل داۋاملەشتۇرۇپ، بالىلارنى ساق- سالامەت مەكتەپكە ئاپىرىپ قويىمەن.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى