قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭى تېخنىكا ــــ بىزنىڭ بېيىش يولىمىزنى ئاچتى

2018-09-20 12:54:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يۇرتداشلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىشىگە تاياندى.
 «سۇ خوجايىن، سىزنىڭ كاشتان تاتلىق ياڭيۇرىڭىزنىڭ تەمى بەك ياخشى ئىكەن، دوستۇم ماڭا ئۆزىگە ئازراق ئالغاچ كېلىشىمنى ھاۋالە قىلغان».
بۇ ئاي كىرگەندىن بۇيان، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ ئۇلان ئۇس بازىرى بېيخۇ كەنتىدىكى دېھقان سۇجىنشەن ئائىلىسىگە كېلىدىغان خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ئۇلار: ساۋەن، شىخەنزە، كۈيتۈن قاتارلىق ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىن؛ قاراماي، ئۈرۈمچى، كورلا قاتارلىق جايلاردىن؛ ھەم ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خېرىدارلار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈندىدار ئارقىلىق زاكاز قىلىدىغان خېرىدارلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ـــ سۇجىنشەن كاشتان ياڭىقى تاتلىق ياڭيۇسىنى دەپ كەلگەن ئىدى.
 «كاشتان ياڭىقى تاتلىق ياڭيۇسى مەن بۇلتۇر كىرگۈزگەن يېڭى سورت، بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ تۇپرىقى ياخشى، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، بۇ يەردە ئۆستۈرۈلگەن تاتلىق ياڭيۇنى دۈملەپ پىشۇرغاندا، يىيىشلىك بولۇپلا قالماي، بەك تاتلىق، يەنە كاشتان ياڭىقىنىڭ پۇرىقىمۇ بار، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە سېلېن تەركىبى مول بولغان يېمەكلىك ھىسابلىنىدۇ، ئەڭ مۇھىمى ساقلىقنى ساقلاش قىممىتى بار. شۇڭا، بازاردا ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى» دېدى، سۇجىنشەن خۇشال ھالدا.
 سۇجىنشەن تاتلىق ياڭيۇ تېرىۋاتقىلى 30 يىل بولدى، تېرىقچىلىق ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىسى مول. تېرىقچىلىق مەزگىلىدە، ئۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق، ئاكتىپلىق بىلەن يېڭى تاتلىق ياڭيۇ سورتلىرىنى كىرگۈزدى.
يېڭى تاتلىق ياڭيۇنىڭ رەڭگى ئوچۇق بولىدۇ. بۇلتۇر سۇجىنشەن كاشتان ياڭىقى تاتلىق ياڭيۇسىنى كىرگۈزدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىىسمىنى قوللىنىپ «سۇجىنشەن كاشتان ياڭىقى تاتلىق ياڭيۇسى» ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى. بۇ يىل سۇجىنشەن بۇلتۇرقى تېرىش كۆلىمى ئاساسىدا  كاشتان ياڭىقى تاتلىق ياڭيۇسىنىڭ تېرىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتتى. بۇ ئاينىڭ بېشىدا «سۇجىنشەن كاشتان ياڭىقى تاتلىق ياڭيۇسى» بازارغا سېلىندى. خېرىدارلار ئىشىك ئالدىغىچە كېلىپ تاتلىق ياڭيۇنى تالىشپ سېتىۋالدى.
ساۋەن ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «كاشتان ياڭىقى تاتلىق ياڭيۇ» سىدىن مول ھوسۇل ئېلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۈندىدار، QQ  توپى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سۇجىنشەننىڭ مەھسۇلاتىنىڭ تەشۋىقاتىغا ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، «سۇجىنشەن كاشتان ياڭىقى تاتلىق ياڭيۇسى» ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا توپ سېتىلغاندىن سىرت، يەنە خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، خاڭجۇ قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، سۇجىنشەن كاشتان ياڭىقىغا بەلگە نۇمۇرى سېلىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە كاشتان ياڭىقى تاتلىق ياڭيۇسى چىقىدىغان جاي، سورتى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ، «سۇجىنشەن كاشتان ياڭىقى تاتلىق ياڭيۇسى»دىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ماركىنى تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىشنى پىلانلىدى.
 ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان يېزىسى توغراق كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئوبۇل قاسىم ئەر - خوتۇن يېقىندا بىر تەرەپتىن توخۇلىرىغا دان بەرگەچ، بىر تەرەپتىن خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىغا پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماڭا بۇ نامراتلارنى يۆلەش توخۇلىرىنى ھاۋالىلىك بېقىشقا بەرگەنلىكىگە رەھمەت، بۇ يىل يەنە بۇ توخۇلارنى ھاۋالىلىك بېقىش تۈرى ئارقىلىق 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمەن...... ».
 بۇ يىل 5- ئايدا دولان يېزىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توخۇ تۈرى رەسمىي يولغا قويۇلدى، بۇ يېزىدىكى بەش كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەر نامراتلارنى يۆلەش توخۇسى ئالدى. ئاۋات ناھىيەلىك دولان ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى باقمىچىلىق تېخنىكىسى قاتارلىق سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلارنى يۆلەش توخۇلىرىنى مەركەزلىك بېقىشقا، بىر تۇتاش باشقۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
 بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، باقمىچىلىق تەجرىبىسى مول بولغان ئوبۇل ئەر ـ خوتۇن تۇنجى بولۇپ تىزىملىتىپ، ئۆزىنىڭ ئون نەچچە مو بېغىنى قاشا قىلىپ، ئورمان باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كەنتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش توخۇسىنى  ھاۋالىلىك بېقىشنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئەر ـ خوتۇن ئىككىسى «باغ توخۇسى» بېقىش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى.
خىزمەت ئەترىتى باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، پائال ئالاقىلىشىپ، يەنە 750 توخۇنى كۆپەيتتى؛ خىزمەت ئەترىتى توخۇلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كەسپىي باقمىچىلىق تېخنىكا خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ ئوبۇل ئەر - خوتۇننىڭ باقمىچىلىق ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئوبۇل ئەر - خوتۇن ئۇزۇن مەزگىل ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۆزگىچە بېقىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تېخنىكىسىدىن ئىبارەت بىر يۈرۈش بېقىپ- باشقۇرۇشتىكى ئۈنۈمى ياخشى بولغان ئۇسۇللارنى شەكىللەندۈردى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى توخۇ بېقىشتكى «يەرلىك مۇتەخەسسىس» كە ئايلاندى.
ئوبۇل ئۆزى باققان توخۇلارنى تىلغا ئالغىنىدا پەخىرلەنگەن ھالدا: «توخۇلارغا بېرىۋاتقنىمىز يەم ئەمەس، پۇرچاق ئارىلاشتۇرۇلغان كۆممىقوناق، باغدىكى چۈشۈپ كەتكەن مېۋە- چېۋىلەر، ئۆسۈملۈك قاتارلىقلار يەم ئورنىدا بېرىلىدۇ. شۇڭا، بىز باققان توخۇلار ھەقىقىي ئىسمى- جىسمىغا لايىق «باغ توخۇسى!».
ئىگىلىنىشىچە، خىزمەت ئەترىتى تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاپلا قالماي، يەنە «باغ توخۇسى» سېتىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن، ھازىر كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 نەچچە توخۇ سېتىلىۋېتىپتۇ، ھەر بىر توخۇنىڭ سېتىلىش باھاسى 45 يۈەن بولۇپ، توخۇلارنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەر بىر توخۇنى 32 يۈەن بويىچە ھىسابلاپ نامرات ئائىلىلەرگە ھىسابات قىلىپ بېرىلىدىكەن.
مۇشۇ ئاينىڭ 13- كۈنى «بۇ يىل يامغۇر كۆپ ياغدى، كەنتىمىزدە ياۋا موگۇ كۆپ ھەم سۈپىتى ياخشى. مەن موگولارنى چارۋىچىلارنىڭ قولىدىن سېتىۋېلىپ، تور سودا سۇپىسى ئارقىلىق ساتتىم، خېرىدارلىرىم بېيجىڭ، شاڭخەي، نەنجىڭ، گۇاڭدوڭ قاتارلىق جايلاردا كۆپ بولغاچقا كۈنىگە 300 نەچچە كىلوگىرام ساتالىدىم!» دېدى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ ئالغۇ يېزىسى ئۇلاستاي چاغان كەنتىدىكى «موگۇ شاھى» ئالاش ھاياجانلانغان ھالدا.
ئالغۇ يېزىسى تاغلىق جىلغىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتلاق بايلىقى مول، ياۋا موگۇنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. ئالاش شۇ جاينىڭ تەبىئىي بايلىقىغا تايىنىپ، ياۋا موگۇ سېتىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلار ئۈزگەن ياۋا موگۇلارنى بىر تۇتاش سېتىۋېلىپ، كورلا شەھىرى، خېجىڭ ناھىيە بازىرى قاتارلىق جايلارغا  ئاپىرپ ساتتى.
خېجىڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئالاشنىڭ كۆلەمنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق سېتىشىغا ئىلھام بەردى.  بۇ يىل 7-  ئايدا، 3- نۆۋەتلىك ئالغۇ جىلغىسى موگۇ شادلىق بايرىمىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئالغۇ يېزىسى ئۆزگىچە ياۋا موگۇنى نۇقتىلىق بازارغا سالدى، ئالاش ياۋا موگۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى ۋە ئاچتى، ياۋا موگۇ ئۇلاستاي چاغان كەنتىدىكى چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى «ئەڭگۈشتەر» بولۇپ قالدى.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، ئۇلاستاي چاغان كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى بايېر مۇنداق دېدى: «تىيانشان ياۋا موگۇسى يېشىل، تەبىئىي، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغاچقا، تېخىمۇ كۆپ مېھمانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بۇ يىل ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق، كەنتتىكى ياۋا موگۇ سېتىش زاكاز تالونى زور دەرىجىدە ئېشىپ، بىر تۈركۈم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. كېيىنكى قەدەمدە بېيىش باشلامچىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يەرلىك كالا گۆشى، قوي گۆشى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قۇرۇتۇش ئۆيى ياساشقا مەبلەغ سېلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، يېشىل، ئورگانىك، زىيانسىز يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى دەلىللەش خىزمىتىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ۋە بازار ئەۋزەللىكىگە ئىگە داڭلىق ماركىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچىلارنىڭ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولىمىز».
مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭى مەھەللە يېزىسى لايلىق كەنتىدىكى ئەسقەر ئېزىز يېڭىدىن سېتىۋالغان دالا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ناھىيە بازىرىغا كېلىپ يېڭى ئۆيىنى بېزىدى.
ئالتۇن كۈزدە ئەسقەرنىڭ ئائىلىسنىڭ تۆت مو يەردىكى ئەينۇلا كۆچىتى تازا مېۋە بېرىش مەزگىلىگە كىردى، يېڭى ئەينۇلانى يىغىپ بولماي تۇرۇپلا سودىگەرلەرنىڭ زاكاس تالونى كەپ بولدى. «بۇ يىل ئېتىز بېشىدىلا پۇل تېپىپ، بۇلتۇرقىدىن يۈز نەچچە مىڭ يۈەن كۆپ كىرىم قىلدىم، ئەينۇلادىن كىرىم قىلىپ، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بەردىم، ئۆيۈمنى بېزىدىم» دېدى، ئۆزىنىڭ ئەينۇلا سېتىپ كىرىم قىلىش ئەھۋالىنى تىلغا ئالغاندا، ئەسقەر خۇشال ھالدا.
بۇ يىل پەيزاۋات ناھىيەسى سېتىش يوللىرىنى ئېچىشتا باغۋەنلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، باغۋەنلەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا، بازار ئېچىشقا يېتەكلىدى، ئەسقەر مانا شۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپلەپ نەپ ئالغۇچىلارنىڭ بىرى.
  2005- يىلى پەيزاۋات ناھىيەسى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ، چەتئەلدىن فالەنشى، ستەيلى، نۈشېندىن ئىبارەت ئۈچ خىل يېڭى ئەينۇلا سورتىنى كىرگۈزدى. ئۆزگىچە قۇياش نۇرى، ئىسسىقلىق، سۇ، تۇپراق بايلىقى ئەينۇلانىڭ سۈپىتىنى پەيزاۋاتتا ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. يېڭى پېتى يېيىشكە ماس كېلىدىغان فالەنشىنى مېۋە سودىگەرلىرى ئېتىز بېشىدىلا سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئوراپ -  قاچىلاش ئارقىلىق بىۋاسىتە ئىچكىرى جايلاردىكى بازارلارغا كىرگۈزۈپ، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى خىل سورت  پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن قۇرۇتۇلىدۇ، قىيام ۋە ئىچىملىك قىلىپ ياسىلىدۇ.
ئەينۇلا سوغۇق ساقلايدىغان توشۇش زەنجىرى ياكى ھاۋا تىرانسپورتى شەكلىدە ئىچكىرى جايلاردىكى بازارلارغا سېتىلىدۇ.
پەيزاۋات ناھىيەسى ئەينۇلانىڭ كەڭرى بازار ئىستىقبالىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كۆچەت ۋە ئۇلاش، ئۇلاقلىق ھەققىگە تولۇقلىما تولۇقلىما بېرىپ، ئەينۇلا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى ۋە زورايتتى. ناھىيە، يېزا مالىيەسى ھېسابات قىلىدىغان، باغۋەنلەر ھەقسىز مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان باغۋەنچىلىك كەسپىي تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا باغۋەنلەرگە تېخنىكا جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. يېڭى مەھەللە يېزىسى پەيزاۋات ئەينۇلاسىنى ئەڭ بالدۇر ئۆستۈرگەن يېزا بولۇپ، يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، تەرەققىي قىلىپ ھازىر 228 موغا يەتتى. پەيزاۋات قوغۇنىدىن قالسىلا خەلقنى بېيىتىپ، ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى.  نۆۋەتتە، لايلىق كەنتىدىكى 545 ئائىلىلىكتىن  394 ئائىلە ئەينۇلا ئۆستۈردى، ئەينۇلا ئۆستۈرگەن نامرات ئائىلىلەر يەنە ئەينۇلاغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى