قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چېن يۇڭ شۇ جايدىكى دېھقانلارغا توخۇ بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، كۆپچىلىكنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى

2018-09-21 12:30:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تارلاق يېزىسىدىكى «يېڭىدىن گۈللەنگەن» تەشكىلاتلار بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، «لۈفېڭ» ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى چېن يۇڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارغا توخۇ بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، كۆپچىلىكنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.
يېقىندا، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزا چارۋىچىلىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان خەيرىگۈل ياسىن «لۈفېڭ» ئېكولوگىيەلىك ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 100 چۈجە سېتىۋالدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى چېن يۇڭ تېخنىكلارنى ئۇنىڭ ئۆيىگە توخۇ بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشكە باشلاپ كەلدى. خەيرىگۈل ياسىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى توخۇ بېقىپ باقمىغاچقا، بۇ چۈجىلەرنى ئەي قىلىشتىن ئەنسىرەپ قالغانىدىم. تېخنىكلار ئۆيۈمگە ئالايىتەن كېلىپ ماڭا چۈجە بېقىش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارغا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگەتتى. مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خوش بولدۇم ھەم ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. 
چېن يۇڭنىڭ توخۇ بېقىۋاتقىنىغا 20 يىل بولدى. ئۇ ئاساسلىقى نەسىل ياخشىلاش، ئىلمىي باقمىچىلىق جەھەتتە كۈچەپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جياڭسۇ، جياڭشى قاتارلىق جايلاردىن ئەلا نەسىل لاڭشەن توخۇسى ۋە قارا توخۇ قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، بازاردا مۇقىم ئورۇنغا ئىگە بولدى. ئۇ تىجارىتىنى بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە قىلغاندىن كېيىن، 2014- يىلى ئەتراپتىكى توخۇ بېقىش ئويى بار دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى. كوپىراتىپ ئۆلچەملەشكەن ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىقنى يولغا قويغاچقا، گۆش، تۇخۇم مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرى يېشىل ئۆلچەمگە يېتىپ، بازاردا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى. چېن يۇڭ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزدا پەقەت سەككىزلا ئەزا بار ئىدى. ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتپىمىزدىكىلەر 200 دىن ئاشتى. بىز دېھقانلارنى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلىدۇق، ئۇلارمۇ بىزنىڭ بۇ ئەندىزىمىزنى قوبۇل قىلدى.
چېن يۇڭ باقمىچىلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، «پارتىيە ياچېيكىسى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، باقمىچى ئائىلىرى» ئۆزئارا بىرلەشكەن ئەندىزىنى قوللىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ۋاسىتە قىلىپ، بىر تۇتاش چۈجە تارقىتىپ، بىر تۇتاش يىغىۋېلىپ، بىر تۇتاش سېتىپ، باقمىچىلىق خەۋپىنى تۆۋەنلەتتى. چېن يۇڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە تارلاق يېزىسىدىكى 200 باقمىچىنىڭ بېقىۋاتقان ئۆي قۇشى 40 مىڭدىن ئېشىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كۆپەيدى. باقمىچى مەمەت ھوشۇر مۇنداق دېدى: ھازىر سېتىشتىن غەم قىلمايمىز، ئۇلار ئۆزلىرى ئۆيلىرىمىزگە كېلىپ توخۇلىرىمىزنى سېتىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى بازار باھاسىدىنمۇ يۇقىرى.
كۆپچىلىكنى توخۇ بېقىپ بېيىشقا يېتەكلەش جەريانىدا، بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەبلىغى كەمچىل بولغاچقا، چېڭ يوڭ بازار باھاسىدىن تۆۋەن باھادا دېھقانلارغا 500 نەچچە مىڭ چۈجە تارقىتىپ بېرىپ، باقمىچىلارغا 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ تېجەپ بەردى؛ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىق تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، ئۇ باقمىچىلىق پەن- تەتقىقاتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، ناھىيەدىكى باقمىچىلارغا يىل بويى تېخنىكا جەھەتتىن ھەقسىز يېتەكچىلىك قىلدى ۋە مۇلازىمەت قىلدى. چېن يۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقىلا، بىز بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۇق. مەن ئۆزۈم بېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپچىلىكنىمۇ تەڭ بېيىسىكەن دەيمەن. شۇڭا، مەن چوقۇم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بېيىش يولىغا يېتەكلەيمەن.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى