قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

غۇلجا شەھىرىدىكى «قازانچى» مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھەت رايونى مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت ماركىسىنى يارىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

2018-09-21 12:52:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
غۇلجا شەھىرىدىكى «قازانچى» مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھەت رايونى مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت ماركىسىنى يارىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
«قازانچى» مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھەت رايونىغا كىرگىنىڭىزدە، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە چىرايلىق بېزەلگەن ئات ھارۋىلىرىنى كۆرىسىز. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئات ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ، گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلىشىدۇ. ئات ھارۋىسى بىلەن كېتىۋاتقىنىڭىزدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادىتى ئاساس قىلىنغان فىلولوگىيەلىك مەنزىرە رايونى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ. بۇ يەردىكى بەزى تۇرالغۇلار نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ساياھەتچىلەر بۇ ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ ئۆزگىچە ياسالغان ئىشىكلىرىنى بەس- بەستە سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرۇشتى. بىر ساياھەتچى مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ، باشقا يەرلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن. ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ بېزىلىشىمۇ بەك چىرايلىق ئىكەن، مەن رەسىمگە تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىمگە چىقىرىپ بولدۇم.     
شۇ جاينىڭ ئۆرپ- ئادىتىنى يەنىمۇ ياخشى چۈشىنەي دېسىڭىز شۇ جايدىكى ئائىلىۋى زىيارەت نۇقتىلىرىغا كىرسىڭىز بولىدۇ. «قازانچى» مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھەت رايونى ئۆزگىچە قۇرۇلۇش، ئاھالىلەر ئولتۇراق ئۆيلىرىنى تايانچ قىلىپ، ئائىلىۋى زىيارەت، ھويلا- ئارام ساياھىتى، ناخشا- ئۇسسۇل قاتارلىق كۆپ خىل ساياھەت تۈرلىرىنى بەرپا قىلدى. ئائىلىۋى زىيارەت نۇقتىلىرىدا يەنە شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە تائاملىرىغىمۇ ئېغىز تېگەلەيسىز. ئاھالە ئاسىيە ھىزىمنىڭ ئائىلىۋى زىيارەت نۇقتىسى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر سودام ناھايىتى ياخشى. 7- ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئائىلىۋى زىيارەت نۇقتامغا كەلگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولدى. ھازىر بىر كۈندىلا 300، 400 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىمەن، قىلىدىغان كىرىمىممۇ كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. 
بۇ يىل 7- ئايدىن باشلاپ «قازانچى» مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھەت رايونى ھەر كۈنى 2 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتىۋېلىپ، بۇلتۇرقىدىن %30 كۆپەيدى. ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئائىلىۋى ياتاقلارنىڭ سودىسىمۇ قىزىپ كەتتى. مەنزىرە رايونى ئائىلىۋى ياتاقلارنى بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى ساقلاپ قېلىش ئالدىنقى شەرتىدە، زامانىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەرگە شۇ جاينىڭ تۇرمۇشىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى. غۇلجا شەھىرى «قازانچى» ئائىلىۋى ياتاق تۈرىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ خوڭتاۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر ئائىلىۋى ياتاقلىرىمىز 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە زاكاز قىلىنىپ بولدى. بىز ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىراش تۇرمۇشتىكى ھەر خىل بېسىملىرىنى يېنىكلىتىش ھەمدە ئۇلارغا ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان تەسىرات قالدۇرۇش ئۈچۈن، ناھايىتى ياخشى شارائىت ھازىرلىدۇق.
غۇلجا شەھىرى «قازانچى» مەنزىرە رايونىنىڭ باش دىرېكتورى ھەلىمە ئاۋۇت مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەنزىرە رايونىمىزدا تارقاق ساياھەتچىلەر ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۈزۈكسىز كۆپەيدى. بىزمۇ مەنزىرە رايونىمىزنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۇردۇق. نۆۋەتتە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 12 مىليون 147 مىڭ 700 يۈەن سېلىنىپ قۇرۇلۇۋاتقان «قازانچى» مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھەت رايونى نەنمىن 2- باسقۇچلۇق ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى تۈرى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ، بۇ يىل 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ. ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى كۆك ۋە ئاق رەڭنى ئاساسىي رەڭ ھەمدە ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە تۇرالغۇسىنى ئاساس قىلىش بىلەن بىللە، ئىدراكلىك ساياھەت سۇپىسى قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى ساياھەت مۇساپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. ھەلىمە ئاۋۇت مۇنداق دېدى: ھازىر ساياھەتچىلىك ئەندىزىسىدە ئۈزۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ، بۇ بىز ئۈچۈنمۇ بىر چوڭ سىناق. ساياھەتچىلەرنى ھەر ۋاقىت تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى