قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ 2018- يىللىق خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018-09-21 18:09:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 19- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. 2018- يىللىق خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى 9- ئاينىڭ 19- كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2018- يىللىق خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار، ئەلئارا تىنچلىق تەشكىلاتلىرى، خەۋپسىزلىك ئاقىللار ئامبىرى ۋەكىللىرى ۋە ھەر ساھە زاتلىرىنى چىن قەلبىمدىن سەمىمىي قارشى ئالىمەن.
  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تىنچلىق باشتىن- ئاخىر ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى ۋە سەمىمىي ئىنتىلىشى بولۇپ كەلدى. بۈگۈنكى دۇنيادا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات دەۋرنىڭ باش تېمىسىغا ئايلاندى، لېكىن ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپسىزلىك تەھدىتى كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىپ، ئۇرۇش ۋەھىمىسى باشتىن- ئاخىر يوقىمىدى. جۇڭخۇا مىللىتى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ، جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنىڭ قىممەتلىكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ، ئۇ مەڭگۈ دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ.
  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، تىنچلىق ئىدىيەسىنى تارقىتىشقا، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشقا كۈچەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خەۋپسىزلىكنى تۈزەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغان، خەلقئارا تىنچلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى. بۇ يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتىدە «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر دۇنيا قۇرايلى» باش تېما قىلىندى، بۇ، خەلقئارا تىنچلىق كۈنى تەسىس قىلىش ئاساسىي مەقسىتىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ توپلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 2018- يىللىق خەلقئارا تىنچلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى