قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چارۋىچى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاق بېيىغان جاڭ فېڭ

2018-09-22 17:40:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:

سانجى شەھىرى ئاشىلى قازاق يېزىسىنىڭ نۇرجا كەنتىدىكى «شىنفېڭ» سۈت كالىسى باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاڭ فېڭ كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شۇ جايدىكى 300 ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ بېيىش يولىدىكى باشلامچىسىغا ئايلاندى.

كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان جاڭ فېڭ يېقىندا سانجى شەھىرىنىڭ 5- نۆۋەتلىك «سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرىدىغان ئەخلاق نەمۇنىچىسى» بولۇپ باھالاندى. جاڭ فېڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسىلىق مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، مەڭگۈ خەلق ئۈچۈن جان- دىل خىزمەت قىلىمەن.

1998- يىلى، جاڭ فېڭنىڭ ئاكىسى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. جاڭ فېڭ ئاكىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، بىر قىسىم يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ شوخلا تېرىماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەر ھۆددىگە ئالىدىغانغا پۇلى يەتمىگەنىدى. كەنتتىكى چارۋىچى دوستلار جاڭ فېڭنىڭ قىيىنچىلىققا يولۇققانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇندى. كۆپچىلىك يەرنى ئاۋۋال ئۇنىڭغا ھۆددىگە بېرىپ، ئۇ پۇل تاپقاندا ئاندىن ھۆددە پۇلىنى بەرسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە جاڭ فېڭ باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلدا بارلىق قەرزنى قايتۇرۇپ بولدى، يىغقان پۇلىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. تۇرمۇشى ياخشىلانغان جاڭ فېڭ ئىلگىرى ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان چارۋىچى دوستلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. 2008- يىلى جاڭ فېڭ 3 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، 11 چارۋىچى بىلەن بىرلىكتە «شىنفېڭ» سۈت كالىسى باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى چارۋىچىلارغا ناھايىتى تېزلا پايدا ئېلىپ كەلدى. كوپىراتىپ ئەزاسى ئىرفان ئەكبەر مۇنداق دېدى: ئايلىق مائاشىم 3 مىڭ يۈەن، ئۇنىڭدىن سىرت بەش سۈت كالام ئارقىلىق بىر ئايدا 1 مىڭ 500 كىرىم قىلىمەن، ئۇنىڭغا يەنە يەرلەرنى ئوبوروت قىلىش ھەققىنى قوشقاندا بۇ يىل 80 مىڭ يۈەن پۇل تاپتىم.

ھازىر «شىنفېڭ» سۈت كالىسى باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا قازاق، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، خەنزۇ مىللىتىدىن بولۇپ 386 كوپىراتىپ ئەزاسى، بېقىلىۋاتقان سۈت كالىسىدىن 2 مىڭ 152 سى، قوتاندىن 48 ئى، سۈت سېغىش ئورنىدىن ئىككىسى بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جاڭ فېڭ يەنە كوپىراتىپتىكى ياشلارنى بىلىم ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ياردىمىدە، ئون نەچچە ياش شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە بىلىم ئاشۇرۇشنى تاماملىدى. كوپىراتىپ ئەزاسى ئاسانقان مۇقايىت مۇنداق دېدى: جاڭ فېڭ ئاكامنىڭ ياردىمىدە، ھازىر تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلاندى. مەن ئۆگەنگەن بىلىملىرىم ئارقىلىق جاڭ فېڭ ئاكامنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم قىلىمەن.

ئاشىلى قازاق يېزىسىدا چوڭ بولغان جاڭ فېڭ بۇ يەردىكى چارۋىچىلارنى ئىزچىل ئۆزىنىڭ چىن قېرىندىشىدەك كۆرۈپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى چارۋىچى قېرىنداشلارنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەش مىنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم. مەن بۇ يولدا تېخىمۇ كۆپ چارۋىچىنى بېيىشقا يېتەكلەپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمەن. بۇ مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى