قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇتۇبى ناھىيەسى ئەرشىلىدەن بازىرى «تيەنفۇ» كۆچەت يېتىشتۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 500 مو ئىپارخان تاشئالما باغچىسى ساياھەتچىلەرنى سەھرا تۇرمۇشىدىن بەھرىمان بولۇشقا جەلپ قىلدى

2018-09-22 17:45:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
كۈز كىرگەندىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى ئەرشىلىدەن بازىرى «تيەنفۇ» كۆچەت يېتىشتۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 500 مو ئىپارخان تاشئالما باغچىسى ساياھەتچىلەرنى سەھرا تۇرمۇشىدىن بەھرىمان بولۇشقا جەلپ قىلدى.
ئىپارخان تاشئالما باغچىسىغا كىرگەندە، قىزىل تاشئالمىلار ساڭگىلاپ تۇرغان تاشئالما دەرىخى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ. ساياھەتچىلەر تاشئالمىلارنى شاختىن ئۈزۈپ سېۋەتكە سېلىپلا قالماي، يەنە تاشئالما دەرىخى ئاستىدا دوست- بۇرادەرلىرى بىلەن بىر قېتىملىق كۆڭۈللۈك دالا تامىقى يىيەلەيدۇ. سىچۈەندىن كەلگەن ساياھەتچى لەن ياڭ مۇنداق دېدى: تاشئالمىنى تېتىپ باقتىم، تەمى ياخشى، قەنت مىقدارى يۇقىرى ئىكەن. جۇڭچيۇ بايرىمى كېلىپ قالدى، تاشئالمىلاردىن ئۈزۈپ يۇرتۇمغا ئېلىپ كېتىپ، دوست بۇرادەرلىرىمگە سوۋغا قىلىمەن.
ئىپارخان تاشئالما باغچىسىدا، تاشئالما ئۈزۈش ۋە دالا تامىقى يىيىشتىن باشقا، يەنە ساياھەتچىلەرگە ۋېلىسىپىت تەييارلانغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر دەرەخ سايە تاشلاپ تۇرغان چىغىر يولنى بويلاپ ۋېلىسپىت مىنگەچ سەيلە قىلىپ، كۈزنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بۇلالايدۇ.
بۇ يەردە ئۆستۈرۈلگەن ئىپارخان تاشئالمىلىرى بولسا ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2014- يىلى كىرگۈزگەن يېڭى سورت. تاشئالما باغچىسى ساياھەتچىلەر كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى جاي بولۇپلا قالماي، تاشئالمىنىڭ تەمى تاتلىق بولغاچقا، بازارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ھەر كىلوگىرامىنى 50 يۈەندىن ساتقىلى بولىدۇ. بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپى جېجياڭ «لۈبەييۈەن» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى بىلەن 3 مىليون يۈەنلىك زاكاز توختىمى ئىمزالىدى. شىركەت سېتىۋېلىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ليۇ ۋېنجى مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن ئىپارخان تاشئالما سورتىنى جياڭسۇ، جېجياڭ، شاڭخەيدىكى ئالىي دەرىجىلىك مېۋە توپ سېتىش بازىرىغا كىرگۈزىمىز، كېيىن ھەر يىلى شىركىتىمىز مېۋىلىك باغنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىشىغا ئاساسەن، بازارغا بىرلەشتۈرۈپ زاكازنى كۆپەيتىپ، سېتىۋېلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىپارخان تاشئالما سورتىنى قۇتۇبىنىڭ ئالاھىدە كەسپىگە ئايلاندۇرىمىز.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى