قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار، مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسى بىرلىكتە جەم بولۇپ بايرامنى تەبرىكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى

2018-09-26 11:30:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار، مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسى بىرلىكتە جەم بولۇپ بايرامنى تەبرىكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.
مۇشۇ ئاينىڭ 22- كۈنى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرىدىكى «چىڭچۈەن» يەسلىسىدە، مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە بۇنىڭغا ئائىت قائىدە- يوسۇنلارنى تونۇشتۇردى. بالىلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى ھەمدە ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئويۇن ئويناپ، بايرام شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى. راھىلە ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: جۇڭچيۇ بايرىمىدا مەن بالىلار ناخشىسىنى ئۆگىنىۋالدىم. جۇڭچيۇ بايرىمىدا ھەرخىل تەملىك ئايتوقاچلارغا ئېغىز تېگىپلا قالماي، ئۆيدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە تولۇن ئاينى كۆردۇق. بۇ بايرامنى بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال- خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزدۇق.               
ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىسى قۇددۇس ھۈسەن مۇنداق دېدى: جۇڭچيۇ بايرىمى پائالىيىتى ئارقىلىق بالىلار ۋە ئاتا- ئانىلارغا بۇ ئەنئەنىۋى بايرامنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپلا قالماي، پائالىيەت جەريانىدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە قائىدە- يوسۇنلارنى ھەر قايسى ھالقىلارغا سىڭدۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان تونۇشىنى كۈچەيتتۇق. 
جۇڭچيۇ بايرىمى9-ئاينىڭ 24-كۈنى كۈنى كەچتە ئالاتاۋ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسى، شەھەرلىك چېگرا ئېغىزىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالاتاۋ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى، ئالاتاۋ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى بىرلىكتە «مېھىر-مۇھەببەتلىك تولۇن ئاي» جۇڭچيۇ بايرىمىلىق بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. مەھەللە ئاھالىسى فەن جىڭيى مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ، شاد-خۇراملىققا چۆمدى.
تۇرپان شەھىرىنىڭ ئېدىقۇت رايونى كونا شەھەر يولى مەھەللە ئىش باشقارمىسى چۈنشۇ يولى مەھەللىسىدە، ئېدىقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىن تۇغقان يوقلىغىلى كەلگەن كادىرلار تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى كۈتۈۋالدى. سۇنايدا ئورۇندالغان مۇزىكا، ناخشا-ئۇسسۇل، ئىتوت، جۇڭچيۇ بايرىمىغا ئاتالغان شېئىرلار قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق نومۇرلار ئارقا-ئارقىدىن ئورۇنلاندى. كۆپچىلىكمۇ بۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشتى. تۇققان يوقلىغىلى كەلگەن كادىرلار جەم بولۇشقا سىمۋول قىلىنغان ئاي توقاچلارغا تۇققانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېغىز تېگىشتى. تۇرپان شەھىرى ئېدىقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ كونا شەھەر يولى مەھەللە ئىش باشقارمىسى چۈنشۇ يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى تاشپولات سىراجىدىن مۇنداق دېدى: پائالىيەت ھەر مىللەت ئاھالىسىگە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، بايرىمى، قائىدە- يوسۇنلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. مول مەزمۇنلۇق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاھالىلەر بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكى مۇھەببەت تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەلىپىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىشغا تۈرتكە بولىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى