قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرسۇنمەمەت توختىمەمەت نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

2018-09-26 15:43:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ جاھانباغ يېزا قارا قۇچقاچلار كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق تۇرسۇنمەمەت توختىمەمەت يەنىلا كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئىدى. ھازىر، ئۇ ئاز سوممىلىق نامراتلارنى يۆلەش قەرزىدىن پايدىلىنىپ، چۈجە چىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
مۇخبىر تۇرسۇنمەمەت توختىمەمەتنىڭ چۈجە چىقىرىش زاۋۇتىغا كىرگەندە، ئۇ تۇخۇمدىن ئەمدىلا چىققان چۈجىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەۋاتاتتى.
بۇ يىل تۇرسۇنمەمەت توختىمەمەتنىڭ چۈجە چىقىرىش زاۋۇتى 15 مىڭ چۈجە چىقىرىپ، كىرىمىنى 70 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزەلەيدىغان بولدى. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ تېخى كەنتتىكى نامرات ئائىلە بولۇپ، ئائىلىسىدە بەش جان بار ئىدى. كىرىم مەنبەسىمۇ ئاران ئۈچ مو يەردكى ياڭاق ۋە بىر مو يەردىكى بۇغدايدىن ئىبارەت ئىدى. نامراتلىق قالپىقىنى تېزدىن چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن، ئىلگىرى ناھىيە بازىرىدىكى چۈجە چىقىرىش زاۋۇتىدا ئىشلەپ باققان تۇرسۇنمەمەت توختىمەمەت ئىگىلىك تىكلەش خىيالىغا كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: نامرات ئائىلە بولغانلىقىمدىن ئۆزۈممۇ خىجىللىق ھىس قىلدىم. ھازىر سىياسەت شۇنداق ياخشى تۇرسا، مەن ئاز سوممىلىق نامراتلارنى يۆلەش قەرزىدىن پايدىلىنىپ، چۈجە چىقىرىش ماشىنىسى سېتىۋالماقچى بولدۇم. ئۆزۈمنىڭمۇ بۇ جەھەتتىكى تېخنىكام بار بولغاچقا، ھويلىدا كىچىك تىپتىكى چۈجە چىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇشنى پىلانلىدىم.
تۇرسۇنمەمەت توختىمەمەتنىڭ بۇ ئويى دەرھال «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئاز سوممىلىق نامراتلارنى يۆلەش قەرزى ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن تۇرسۇنمەمەت توختىمەمەت دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ماشىنا سېتىۋېلىش، زاۋۇت ئۆيى سېلىش، ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى ھەمدە كۈنلىرى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: قەرز ئېلىپ چۈجە چىقىرىش زاۋۇتى قۇرغاندىن كېيىن مېنىڭ بېسىمىممۇ ئېغىر بولدى. شۇڭا، تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش ئىرادىسىگە كەلدىم. چۈجە چىقىرىش زاۋۇتىدىن تۇنجى قېتىم پۇل تاپقاندا ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ھازىر چۈجە چىقىرىش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم. بۇلتۇر، زاۋۇت قۇرۇپ 50 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تېپىپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدىم.
ھازىر چۈجە چىقىرىش زاۋۇتىنىڭ زاكاسلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. تۇرسۇنمەمەت توختىمەمەت يەنە بەش نەپەر كەنت ئاھالىسىنى چۈجە چىقىرىش زاۋۇتىغا كېلىپ ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى. تۇرسۇنمەمەت توختىمەمەت مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ: «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» دېدى. مەن بۇ سۆزنى ئالاھىدە قوللايمەن. مەن بىر نامرات ئائىلىدىن قەرز ئېلىپ چۈجە چىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇپ، كۈرەش ئارقىلىق تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتتىم ھەمدە ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھىس قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن مەن داۋاملىق تىرىشىپ، تېخىمۇ چوڭ چۈجە چىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىرلىكتە بېيىشىغا تۈرتكە بولىمەن.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى