قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يازغۇچىلىرىدىن فېڭ شوۋ، لى جۈەن لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2018-09-26 19:29:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، شىنجاڭ يازغۇچىلىرىدىن فېڭ شوۋ، لى جۈەن ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتى ۋە نەسر- فېليەتون مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ يازغۇچىسى فېڭ شوۋنىڭ چوڭ ھەجىملىك ھۆججەتلىك ئەسىرى- «غەربىي سەددىچىن سېپىلى» بۇ نۆۋەتلىك لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ئەسەردە بىڭتۈەننىڭ 60 يىللىق سەلتەنەتلىك تارىخى تولۇق كۆرۈنۈشلۈك قايتا نامايان قىلىنىپ، ئىنچىكە، تەسىرلىك يېزىش ئۇسلۇبى ئارقىلىق نەچچە ئەۋلاد بىڭتۈەنلىكلەرنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى گۈللەندۈرگەن، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشقان كاتتا ئىش- ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن.
ياش يازغۇچىسى لى جۈەننىڭ چوڭ ھەجىملىك- «يىراقتىكى ئاپتاپپەرەسلىك» ناملىق ئەسىرى نەسر- فېليەتون مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ئەسەردە پاساھەتلىك، ئېنىق ۋە جانلىق تىل ئارقىلىق چېگرا رايون تۇرمۇشىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە شېئىرىي تۈسى نامايان قىلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالتە يازغۇچى لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇلارنىڭ لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلىرى شېئىر، نەسر، ئوبزور، ئەدەبىي ئاخباراتتىن ئىبارەت تۆت ئەدەبىيات ساھەسىگە چېتىلىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى