قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 يەن جيەنخۇا تىكتاك توپ مەدەنىيىتىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ تەنھەرىكەتكە قىزىقتۇردى

2018-09-27 10:56:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئۈرۈمچىدىكى «خۇاشۈن تيەنسۇ» تىكتاك توپ كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى يەن جيەنخۇا تىكتاك توپ مەدەنىيىتىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ تەنھەرىكەتكە قىزىقتۇردى.
ئۈرۈمچىدىكى «خۇاشۈن تيەنسۇ» تىكتاك توپ كۇلۇبىدا، 8 ياشلىق گو زىچى ترېنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە توپ باشلاش قىياپىتىنى كۆڭۈل قويۇپ مەشىق قىلماقتا ئىدى. گو زىچىنىڭ ئاپىسى ۋاڭ جۈنيىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ تىكتاك توپ كۇلۇبىنىڭ ھەممە ئەسلىھەلىرى ناھايىتى تولۇق ئىكەن، تېرىنىرمۇ بالامغا تىكتاپ توپ ئويناشنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك ھەمدە سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگەتتى. تېرىنىرنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بالام تىكتاپ توپ ئويناشنى بۇ يەردە نۆلدىن باشلاپ ئۆگىنىپ، يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى تېز ئىلگىرلىدى.    
بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن يەن جيەنخۇا بۇ كۇلۇبنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا تىكتاك توپ ئويناشنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ كەسپتە ئۇتۇق قازىنىشقا بەل باغلاش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ «تىكتاپ توپ ئارزۇسى» نى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تىكتاك توپ بىزنىڭ دۆلەت توپىمىز. ھازىر نۇرغۇن ئاتا- ئانا خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش ئۆتىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ۋاقىت چىقىرىپ بالىلىرى ئۈچۈن تىكتاپ توپ ئويناشنى ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلاپ بەرمەكتە. مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ ھاياجانلاندىم. شۇڭا، مەن كەسپىي مەشق ئورنى قۇرۇپ، شىنجاڭ تىكتاك توپ كەسپىي ئەترىتىدىكىلەر ئۈچۈن ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلايمەن.
2016- يىلى يەن جيەنخۇا 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ تىكتاك توپ كۇلۇبى قۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ مەيدان ئىزدەپ، رەسمىيەت بېجىرىپ، كەسپىي ترېنېرلارنى تەكلىپ قىلدى. 2017- يىلىنىڭ بېشىدا، يەن جيەنخۇانىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 500 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان، ئەزالار، چوڭلار ۋە ياشلار- ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش بىر گەۋدە قىلىنغان «خۇاشۈن تيەنسۇ» تىكتاك توپ كۇلۇبى ئۈرۈمچىدە رەسمىي قۇرۇلدى. ئۇنىڭ تىكتاپ توپ كۇلۇبى قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، كۇلۇبتىكىلەر دائىم تىكتاپ توپ ئۆگەنگۈچىلەرنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا، باشقا ئۆلكە، رايونلارغا بېرىپ تىكتاك توپ مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، مۇنەۋۋەر ياش تىكتاپ توپ ماھىرلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يېتىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ بارا-بارا خەلق ئارىسىدىكى «ماھىر تىكتاپ توپ ئۆگەتكۈچى»دېگەن نامغا ئېرىشتى. يەن جيەنخۇا مۇنداق دېدى: بىز بىر قىسىم  مۇنەۋۋەر ترېنېرلارنى تەكلىپ قىلدۇق ۋە تاللاپ چىقتۇق. يەنە كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە پۈتۈن شىنجاڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەربىي قىسىمدىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، ئامما، تىكتاك توپ ھەۋەسكارلىرىنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى تاماق، مۇكاپات بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق مەشىق تېخنىكىمىز، سەۋىيەمىز ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈردۇق ۋە ئۆستۈردۇق.    
مەشق قىلىش، ئۆگىتىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تىكتاپ توپ ئويناشنى ئۆگەنگىلى كېلىدىغانلار تەدرىجىي كۆپەيدى. ھازىر كۇلۇبتىكى تىكتاپ توپ ئويناشنى ئۆگەنگۈچىلەر 270 دىن ئاشتى. يەن جيەنخۇا مۇنداق دېدى: مېنى ھازىر ئەڭ خۇشال قىلالايدىغان ئىش دەل كۇلۇبتا كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىق بىلەن تىكتاپ توپ ئوينىشىنى كۆرۈش. مەن كۇلۇبىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن بىر قانچە شىنجاڭلىق تىكتاك توپ ماھىرلىرىنىڭ چىقىشىنى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ تىكتاپ توپ ھەرىكىتى ئارقىلىق ساغلاملىققا ھەمدە خۇشاللىققا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى