قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مۇتىتار دۆلەت قۇملۇق باغچىسى ئۆزگىچە مول يەر شەكلى نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى

2018-09-27 11:02:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
مۇتىتار دۆلەت قۇملۇق باغچىسى جىڭ ناھىيەسى تودوگ بازىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، كۆلىمى 220 مىڭ مو بولۇپ، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھىسابلىنىدۇ. ئۆزگىچە مول يەر شەكلى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا، ئېكسپېدىتسىيە قىلىشقا، ئارام ئېلىشقا جەلپ قىلدى.
جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى لى خەي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مۇتىتار دۆلەت قۇملۇق باغچىسىغا ئوينىغىلى كەلگەنىدى. بۇ يەردە قۇملۇق دالا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 50 نەچچە ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ 100 دىن ئارتۇق دالا ئاپتوموبىلى قۇملۇق ئىچىدىكى ئەگرى- توقاي يوللاردا چاڭ- توزان چىقىرىپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى. تاماشىبىنلار يۇقۇرى ئاۋازدا ۋارقىرىشىپ مەدەت بېرىۋاتاتتى. لى خەي مۇنداق دېدى: بالامنى ئېلىپ دالا ئاپتوموبىلى مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى كەلدىم. بۇ يەرنى ئايلانسا، ئادەمنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، راھەتلىنىپ قالىنىدىكەن.
مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرى مالىدې ئىلى ئوبلاستىلىق بولۇپ، قۇملۇقتا دالا ئاپتوموبىلى ھەيدەشتىن سۈرئەت ۋە قايناق ھېسىياتنى ھىس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قۇملۇقتا ئاپتوموبىل ھەيدەش بەك ياخشىكەن. بۇ يەردىكى قۇملۇق بىلەن پىچاندىكى قۇملۇقنىڭ ئارزاق پەرقى باركەن، مۇسابىقىلىشىشقا بەكمۇ باب كېلىدىكەن. تودوگ بازىرىغا كىرسىڭىزلا توغراقلىق رايونى بولۇپ، مەنزىرىسى بەك گۈزەلكەن، ھازىر بۇ توغراقلىق ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرىپتۇ.
قايناق ھېسسىياتقا تولغان قۇملۇقتىن باشقا، مۇتىتار قۇملۇقىدىكى بىر- بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن قۇم بارخانلىرى، يۇمشاق قۇملار ساياھەتچىلەرنىڭ قۇم ئوينىشى، قۇمنى تاماشا قىلىشىدىكى ياخشى جايى بولۇپ قالدى. كۆپكۈك ئاسمان ئاستىدا، چەكسىز كەتكەن قۇملۇق خۇددى قۇم دېڭىزىدەك كۆرۈنەتتى. ئاسمان بىلەن تۇتۇشىپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ساياھەتچىلەر يۇمشاق قۇم ئۈستىدە پىيادە مېڭىپ، ياكى تېيىلىپ خۇشال بولۇشتى. شاڭخەيلىك ساياھەتچى لى گېندى مۇنداق دېدى: قاراڭ، بۇ قۇملۇق نېمىدېگەن كەڭ، پاكىز ھە! ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى قىزغىنكەن. بۇ يەرگە كېلىپ، سەپەردىكى ھېرىپ- چارچاشلىرىمدىن قىلچىمۇ ئەسەر قالمىدى، بەك خۇشال بولدۇم، كۆڭلۈم يايراپ كەتتى.
قۇملۇق ئالاھىدە ساياھىتى ئەتراپتىكى ئاۋۇل ئارامگاھلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. تودوگ بازىرىنىڭ گۇرتۇ چارۋىچىلىق كەنتى قۇملۇققا بېرىشتا چوقۇم ئۆتىدىغان جاي بولۇپ، كەنتكە كېلىپ ئارام ئالىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. قىزغىن، ئەتراپلىق مۇلازىمەت، ئېسىل تائاملار ۋە ئادىل باھا گۇرتۇ چارۋىچىلىق كەنتىدىكى چارۋىچى ناخىمانىڭ ئاۋۇل ئارامگاھىنىڭ داڭقىنى چىقاردى. 2017- يىلى ئاۋۇل ئارامگاھىنىڭ پايدىسى 120 مىڭ يۈەنگە، ساپ كىرىمى 70 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. بۇ يىل ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، ناخىما ھەر كۈنى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاۋۇل ئارامگاھىمىزغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى سىرتتىن كەلگەن، بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. بىز چىقارغان قورۇمىلاردىن ئۇلارمۇ بەك رازى بولۇشتى. بۈگۈن 20 نەچچە ئادەمنى كۈتۈۋېلىپ،  2000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدىم.

تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى