قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يەتتە تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە تەدبىرى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللايدۇ

2018-09-27 17:51:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، خەلق بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى، بانكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، ئاكسىيە نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تۈزۈپ چىققان ۋە ئېلان قىلغان بولۇپ، «پىكىر»دە يەتتە جەھەتتىكى پۇل مۇئامىلە تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇل مۇئامىلە تىرىكى بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىندى.
«پىكىر»دە پۇل سىياسىتىنىڭ يېتەكلىشى ۋە يەتكۈزۈلۈشىنى كۈچەيتىش، پۈتۈن رايون ساياھىتى كرېدىت باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۈتۈن رايون ساياھىتى كرېدىت مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ساياھەت خەۋپ ـ خەتىرىگە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش خاراكتېرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق يەتتە جەھەتتىن پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
پۈتۈن رايون ساياھىتى كرېدىت باشقۇرۇش مېخانىزىمى مۇكەممەللەشتۈرىلىدۇ. ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى، ئوخشاش بولمىغان قەرز سۇبيېكتى ۋە ئۇنىڭ ساياھەت كەسىپ زەنجىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن، ساياھەتچىلىكنىڭ تىجارەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىناۋەت كۆرسەتمىسى، ئۆلچىمى بېكىتىلىدۇ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈلىدۇ. پۈتۈن رايون ساياھىتى كرېدىت مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىدۇ. نۇقتىلىق تۈرلەر ئارقىلىق ساياھەتچىلىكتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ ئۈزۈلۈش زەنجىرى، ئۈزۈلۈش نۇقتىسى قاتارلىق يېتەرسىزلىكلىرى تولۇقلىنىپ، «يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر، ساياھەت، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» ھالقىلىرىدىكى مەرۋايىت شەكىللىك پۇل مۇئامىلە پارچە سېتىش كەسپى بىلەن ساياھەت باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى توپ سېتىش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تارقاق ھەق ئېلىشتىن تارتىپ بىر تۇتاش مەركەزلىك نەق پۇل ئوبوروتىنى باشقۇرۇشقا ئۆتۈشىگىچە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان شەخسلەرگە ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى بېرىلىدۇ؛ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىككە ئالاقىدار يۈرۈشلەشكەن تىجارەت قىلىدىغان دېھقان ـ چارۋىچىلارغا «شىركەت + مەنزىرە نۇقتىسى + دېھقان ئائىلىسى»، «قىزىل ساياھەت + نامرات ئائىلە»، «يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكى + نامرات ئائىلە» قاتارلىق كەسىپلەر ئارقىلىق يېتەكلەش ئەندىزىسى بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى تارقىتىلىدۇ.
پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى كېڭەيتىلىدۇ. بانكا، ئاكسىيە، سۇغۇرتىنىڭ پۇل مۇئامىلە بىرىكمە رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، زايوم ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بىلەن ۋاسىتىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ماس ئىلگىرى سۈرىدىغان ساياھەت پۇل مۇئامىلە قوللاش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ.
پۈتۈن رايون ساياھىتى خەۋپ-خەتىرى كاپالەت سېستىمىسى مۇكەممەللەشتۈرىلىدۇ. سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ ساياھەت سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىلىپ، «يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر، ساياھەت، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلار بىلەن تولۇق قاپلانغان ئۇنىۋېرسال خارەكتىرلىك بىر بىكەت شەكىلدىكى ساياھەت سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەر تەرەپلىمە ساياھەت كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىلىدۇ.پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش خاراكتېرى ئۆستۈرۈلىدۇ. ساياھەت ئىستېمال چىقىمى، ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ تاشقى پېرېۋوت كەسپىنىڭ قولايلىقى ئۆستۈرۈلۈپ، بانكا كارتىسى بار ئابونتلارنىڭ ئالاھىدە پۈتۈشكەن سودىگەرلەر ئىستېمالى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن كىرىش بېلىتى سېتىۋېلىش، يول ھەققى ئېلىش، مېھمانساراينى ئالدىن زاكاز قىلىش، چارۋىچىلىق ئارامگاھى كىرىم ـ چىقىمى، ساياھەت ئالاھىدە تۈرلىرى قاتارلىقلاردا بەلگىلىك ئېتىبار بېرىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى