قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىلقى جۇڭچيۇ بايرىمى دەل تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىغا توغرا كەلگەچكە، قوش بايرام شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرىنىڭ تېخىمۇ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى

2018-09-27 17:52:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 5 مىليون 250 مىڭ 800 ئادەم (قېتىم) گە، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 9 مىليارد 383 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.17 ۋە %89.44 ئاشتى. ساياھەتچى مەنبەسى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر جۇڭچيۇ بايرىمىدىكى ساياھەتكە چىققان ئاساسلىق قوشۇن بولۇپ، جەمئىي 3 مىليون 615 مىڭ 200 ئادەم (قېتىم) گە يەتكەن، بۇ ساياھەتچى ئومۇمىي سانىنىڭ %68.85ىنى ئىگىلىگەن، شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 1 مىليون 635 مىڭ 600 ئادەم (قېتىم) بولۇپ، ساياھەتچى ئومۇمىي سانىنىڭ %31.15 ىنى ئىگىلىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بايرام مەزگىلىدە، سەھرا ساياھىتى، قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت ئالقىشقا ئېرىشكەن. 2018  يىللىق 7- نۆۋەتلىك شىنجاڭ (سانجى) جۇخارگۈلى كۆرگەزمىسى، باغراش كۆلى(داخېكۇ) «داقا - دۇمباق چېلىپ كۆككە مول ھوسۇل شادلىقىنى يەتكۈزۈش» مەرىكىسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى «مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرگە سەھرالارنى ساياھەت قىلىپ، مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرغان.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېقىن ئەتراپتىكى كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش ساياھىتىمۇ كىشىلەرنى ئىنتايىن قىزىقتۇردى. ئۈچ كۈندە، ئۈرۈمچى شەھىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 946 مىڭ ئادەم (قېتىم) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.52 ئاشتى؛ ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 291 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.02 ئاشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى