قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 200 ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى 12- ئاينىڭ بېشىدا ئاياقلىشىدۇ

2018-09-27 17:53:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 200 ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە 57 ئاممىۋى ھاجەتخانا پۈتتى، قالغان 143 ھاجەتخانىدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇ قۇرۇلۇش 12 ـ ئاينىڭ بېشىدا تاماملىنىدۇ ھەمدە يىل ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جامائەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئۆلچىمى ۋە ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ. 
دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدىغان 200 ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ 77 سى تيانشان رايونىدا، 42 سى سايباغ رايونىدا، 34 تى يېڭى شەھەر رايونىدا، 26 سى شۈموگۇ رايونىدا، 11 ئى تۇدۇڭخابا رايونىدا، 10 نى مىدوڭ رايونىدا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى تۈردىكى ئۆلچەم بويىچە ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىدىغىنى 30، ئىككىنچى تۈردىكى ئۆلچەم بويىچە ئۆزگەرتىلىدىغىنى 170 ئىكەن. بۇ ئاممىۋى ھاجەتخانىلار ئادەم كۆپ، ئىشلىتىش نىسبىتى يۇقىرى رايونلارغا مەركەزلەشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە نۆۋەتتە نورمال ئېچىۋېتىلگەن ھەر خىل بىۋاسىتە باشقۇرۇلىدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانا 727 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە سۇ بىلەن چايقىلىدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانا 583، مۇھىت ئاسرايدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانا 144 بولۇپ، يەتتە رايون، بىر ناھىيىگە تارقالغان.
ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل «ھاجەتخانا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى» نى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئادەم كۆپ رايونلاردىكى 200 ئاممىۋى ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىپ، بىر تۈركۈم ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئۈلگىلىك ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ، پاكىزە، رەتلىك، ھاجەت قىلىش مۇھىتىنى ھازىرلىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى