قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاق قېيىن ئورمانلىقى رەسساملارنى جەلپ قىلدى، رەسساملار دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولدى

2018-09-27 17:55:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ ئىككى كۈندە، 50 ياشلىق دېھقان مۇھەممەتنىڭ ئائىلىسى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئون رەسسامدىن تەركىپ تاپقان بىر تۈركۈم ئالاھىدە مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. بۇ رەسساملار بىر نەچچە كۈن بۇ يەردە تۇرۇپ رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
مۇھەممەتنىڭ ئۆيى ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيىسىنىڭ ئاقئارال كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، كەنتتىكى 115 ئائىلە غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي ئاق قېيىن ئورمانلىقىنىڭ ئىچكىرىسىدە ئولتۇراقلاشقان. كۈز پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن، ئاق قېيىن دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى كۈندىن ـ كۈنگە سارغىيىپ، ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرى ئاستىدا، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلار، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار بىلەن ئۆز ئارا گىرەلىشىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپلا قالماي، سەنئەتكارلارنىمۇ ئۆزىگە ئىلھام ئىزدەشكە جەلپ قىلىدۇ.
رەسىم سىزىش پائالىيىتىگە قاتناشقان رەسسام ۋاڭ ۋېنشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى تەبىئەت بايلىقى ۋە ئادەم مەنزىرىسى (پورترىت تەسۋىرى) رەسىم سىزىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ، رەڭگى سۈزۈك، نۇرى يېتەرلىك. مىللىي كىيىم ـ كېچەك، تۇرمۇش ئادىتى رەسساملارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
مۇھەممەتنىڭ ئائىلىسى، قابا ناھىيىلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ئىدارىسى كەنتتە نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ بەرپا قىلغان ئالتە پۇخراۋىي ياتاقنىڭ بىرى بولۇپ، قابا ناھىيە بازىرىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاقئارال كەنتى چەت ـ ياقىدىكى چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش كەنتى ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى دېھقانلار يەر تېرىشقا تايىنىپ قورسىقىنى ئاران تويغۇزاتتى. بۇ يەرنىڭ ساياھەت بايلىقى مول؛ نۆۋەتتە كەنت ئاھالىلەرنىڭ پۇخراۋى ياتاق ئېچىشىغا ئىلھام بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشتا كارىۋات قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
نۆۋەتتە كەنت ئون ئائىلىنى تاللاپ پۇخراۋىي ياتاقنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى. نۇقتىلىق بەرپا قىلىش، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاھالىلەرنىڭ پۇخراۋىي ياتاق ئېچىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈردى.قابا ناھىيىسى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالى چىگرىسىغا جايلاشقان، غەربىي ۋە شىمالى قازاقىستان ۋە رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاناسقا تەخمىنەن 90 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، مول ساياھەت بايلىقىغا ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 247 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئاق قېيىن ئورمانلىقى، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى تارقىلىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىپتىدائىي ھالىتى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ساقلىنىپ كەلگەن تەبىئىي ئاق قېيىن ئورمانلىقى ھېساپلىنىدۇ

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى