قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

400 ساياھەتچى «جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھىتى» مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ بايىنغۇلىن ئوبلاستىغا يېتىپ كەلدى

2018-09-27 17:56:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا 408 ساياھەتچى «جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھىتى» مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ كورلا ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىپ، بايىنغۇلىندىكى ساياھەت سەپىرىنى باشلىدى.
بۇ قېتىمقى «جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھىتى» مەخسۇس پويىزىنىڭ مۇساپىسىنى ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى پىلانلاپ لايىھەلەپ، ساياھەتچىلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرىنى سەيلە قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى؛ ساياھەتچىلەر تۇنجى بېكەت بايىنغۇلىن ئوبلاستى كورلا شەھىرىگە بېرىپ، ئاندىن قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىش بىلەن بىرگە، خىلمۇ-خىل مىللىي ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى بىۋاستە ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريا، قەدىمىي شەھەر، قۇملۇق، بوستانلىقلىرى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرلەرنى تاماشا قىلالايدۇ.
بۇ 408 ساياھەتچى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن؛ مۇساپە كۆڭۈل قويۇپ پىلانلانغاندىن سىرت، بۇ قېتىمقى مەخسۇس پويىز دۆلەت ئىچىدە قاتنىغان تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق پويىز ھىساپلىنىدۇ. ساياھەتچىلەر پۈتۈن مۇساپىدە تۆت كىشىلىك ئايرىمخانىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئايرىمخانىدا زەرەتلەش روزېتكىسى بار، 24 سائەت ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ئازادە مۇھىت ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۇلار بايىنغولىن ئوبلاستى تەۋەسىدە باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى، لوپنۇرلۇقلار كەنتى، شىياڭدۇ ھارىقى قورۇقى، ئاققۇ دەرياسى مەنزىرە رايونى، باشئەگىم مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلىدىكەن.
تيەنجىندىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىم، شىنجاڭ مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ كەڭرى، گۈزەل ئىكەن، بۇ قېتىمقى ساياھەتنىڭ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمەمگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى يەنە مەخسۇس مېھرى ـ شەپقەت ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىپ، ساياھەتچىلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى نامرات ئاھالىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى ھەمدە شۇ جايدىكى ساياھەت كارخانىلىرى، مەنزىرە رايونلىرى بىلەن بىرلىشىپ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مېھرى ـ شەپقەت فوندى قۇردى. سەھرا ساياھەتچىلىكى بىلەن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى، نامرات رايونلارنىڭ سەھرا ساياھەتچىلىكى، خەلقنى بېيىتىش ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش كەسىپ سىستېمىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى.
   ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ شۈدۇڭنىڭ دېيىشىچە، 7- ئايدا، ئۇلار بايىنغولىن ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىپ، «100 قېتىملىق ئون مىڭ ئادەملىك» ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى كۆپەيتىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى چوڭ تىپتىكى ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئاساسىدا، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلار بىلەن يەنىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت ساياھەت مەنزىلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، 8- ئاينىڭ 20- كۈنى تۇنجى قېتىملىق «غەربىي يۇرتقا قايتىش، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئايلىنىش» ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى تەسىس قىلغان. بۇ قېتىمقىسى4- قېتىملىقى بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا توشۇغان ساياھەتچىلەر 1500 گە يەتكەن.
بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى ھەر 10 كۈندە بىر قېتىم مەخسۇس ساياھەت پويىزى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرىدۇ. شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەت بازىرىنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى 15كە كۆپەيتىشكە تىرىشىپ، كېلەر يىلى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ساياھەت پويىزىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى