قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چىڭگىل ناھىيىسىدىكى مېتېئورىت مۇزېيى

2018-09-27 17:59:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چىڭگىل ناھىيىسىدىكى مېتېئورىت مۇزېيى رەسمىي ھالدا ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى، نۆۋەتتە 14 خىل مېتېئورىت ئەۋرىشكىسى كۆرگەزمىگە قويۇلدى.
چىڭگىل ناھىيەسى دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان مېتېئورىت يامغۇرى مەركىزىي رايونى بولۇپ، مېتېئورىت چۈشۈش بەلبېغى 425 كىلومېتىرغا سوزۇلغان. سارايدا شۇ جايدىكى مېتېئورىتلارنى كۆرگەزمە قىلغاندىن باشقا، يەنە لىۋىيە ئەينەك مېتېئورىتى ۋە روسىيە چېليابىنسكى ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن مېتېئورىت تاش چۈشۈش كېتىش ۋەقەسىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان نىكېل مېتېئورىتى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
چىڭگىل ناھىيىسىنىڭ مېتېئورىتلىرى بەك داڭلىق. جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ ـــ «كۈمۈش تۆگە» ناملىق تۆمۈر مېتېئورىت ـــ 1898ـ يىلى چىڭگىل ناھىيەسىدە بايقالغان، بۇ «ئالەم چولپانى» ھازىر شىنجاڭ قېزىلما بايلىقلار مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. «كۈمۈش تۆگە» نىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.58 مېتىر، كەڭلىكى 1.89 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.76 مېتىر، ئېغىرلىقى 30 توننا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن يەر شارىدا يوق بولغان ئالتە خىل مىنېرال ـ كونۇسسىمان تاش، نىكېل سىزىقلىق تاش، ئۆزگەرگەن نىكېل سىزىقلىق تاش، بىرىكمە تاش، مېتېئورىت گۈڭگۈرت تۆمۈر ۋە فوسفور نىكېل تېشى قاتارلىقلار تېپىلدى.ساياھەتچىلەرنىڭ چىڭگىل ناھىيىسىدىكى مېتېئورىت مۇزېيىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئالەمنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ كېلىشىنى قارشى ئالىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى