قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭچيۇ بايرىمىدا ياڭرىغان <ئىتتىپاقلىق كۈيى>

2018-09-27 18:40:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭچيۇ بايرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىنى بىرلىكتە تەبىرىكلىدى.
ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ «يېڭىبۇلاق» مەھەللىسىدىكى پېچىنە- پىرەنىك دۇكىنىدا، ناھىيەلىك يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، مەھەللە كادىرلىرى بىلەن 10 دىن ئارتۇق مەھەللە ئاھالىسى ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يەردە بىر مەيدان «ئايتوقاچ تەييارلاپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. تورت ياساش ئۇستىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۆپچىلىك خېمىر يۇغۇرۇش، قىيما ئارىلاشتۇرۇش، پىشۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى تەرتىپلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇزاق ئۆتمەيلا، يېڭى ئايتوقاچلار پىشىپ چىقتى. كۆپچىلىك ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن ئايتوقاچلارنى تېتىدى، ئۇلارنىڭ چىرايىدا بەخت ۋە قانائەت تۇيغۇسى ئەكس ئەتكەنىدى.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن مەھەللە كادىرلىرى يېڭىلا پىشقان ئايتوقاچلارنى ئېلىپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارغا بايراملىق بەخت تىلىدى. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ «يېڭىبۇلاق» مەھەللىسىدىكى ئاھالە ئايگۈل توختى مۇنداق دېدى: ئۇلار ئايتوقاچ بىلەن مېنى يوقلاپ كەپتۇ، مەن بەك خۇشال بولدۇم، بەك ھاياجانلاندىم.
ئونسۇ ناھىيەلىك يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ «يېڭىبۇلاق» مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى دېڭ يىجۈن مۇنداق دېدى: بىز ئۆز قولىمىز بىلەن ئەتكەن ئاي توقاچلارنى ئۇلارغا سوۋغا قىلدۇق. بۇ ئايتوقاچلارغا بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تىلىكىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بولغان مۇھەببىتىمىز سىڭگەن.
قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ تۆگىچى يېزىسىدا، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ 20 دىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچىسى قۇمبا كەنتىگە تۇغقان يوقلىغىلى كەلگەن بولۇپ، كۆپچىلىك كەنت ئاھالىلىرىگە ئالاھىدە سوۋغات-- ئاي توقاچنى سوۋغا قىلدى. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ قورۇسىدا، كەنت ئاھالىسى نۇرەك دۇتار چېلىپ، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىنى كۈيلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز تۇغقانلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭچيۇ بايرىمى ئۆتكۈزدۇق، بىللە ئايتوقاچ يىدۇق، تۇغقانلارنىڭ ياردىمىدە، بىز بۇ يىل ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئالدۇق، كۈنلىرىمىز كۈنسىرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، تۇغقانلار بىلەن بولغان مېھرى- مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.  
 قوشماق تۇغقان بولۇشقان كادىرلار كەنت ئاھالىلىرىگە ئېسىل نۇمۇرلارنى تەقدىم قىلدى، كەنت ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇن قويۇش ئەترىتىمۇ ئۇزۇندىن بېرى رېپېتىتسىيە قىلىپ كېلىۋاتقان ئويۇنىنى كۆرسەتتى. پائالىيەتتە يەنە قوشماق تۇغقان بولغان كادىرلار بىلەن تۇغقانلىرى قاتناشقان شار قىستۇرۇش، ئارغامچا تارتىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ چاۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى جۇڭچيۇ بايرىمى ئەڭ ئەھمىيەتلىك بايرام بولدى، تۇغقانلىرىمىز بىلەن تېخىمۇ زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ بەزى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بەردۇق، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىزمەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئىشلەيمىز.
ئەتىگەندىلا، يەكەن ناھىيەسىنىڭ «شياڭياڭ» مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق توختى مەمەت ئايالى بىلەن بىللە بازارغا بېرىپ، قۇرۇق مېۋە- چىۋە، ئايتوقاچ سېتىۋېلىپ، قەدىناس دوستى يۈ جۈنشەننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈشكە تەييارلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: يۈ جۈنشەن ئاكامغا ئوخشايدۇ، بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن، بۈگۈن بادام، ئۈزۈم، ئايتوقاچ، ياڭاق سېتىۋالدىم. 20 نەچچە يىللىق كونا قوشنىلاردىن بولغان توختى مەمەت بىلەن يۈ جۈنشەنلەر ئادەتتە تۇرمۇشتا ئۆزئارا بىر- بىرىگە ياردەم بېرىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقانىدى. ھەر قېتىم بايرامدا، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر- بىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ يوقلىشاتتى ھەمدە بايرامنى بىللە ئۆتكۈزەتتى. يۈ جۈنشەن مۇنداق دېدى: بىز ھازىر قېرىنداشلاردەك يېقىن بولۇپ كەتتۇق، ئۇنىڭ قانداق قىيىنچىلىقى بولسا مەن ياردەم قىلىمەن، مېنىڭ قانداق قىيىنچىلىقىم بولسا، ئۇ ياردەم قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى