قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئابابەكرى: كارخانىغا كىرىپ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتىم

2018-09-27 17:16:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئابابەكرى سېختا ئىشلىمەكتە. (مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا فوتوسى)

  9- ئاينىڭ 10- كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى خۇاتەي شىركىتى كۆيدۈرگۈچى ئىشقار سېخىنىڭ خىزمەتچىسى ئابابەكرى ئۆمەرئېلى مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، ئۆزىمىز تىرىشىدىغانلا بولساق، ئىلگىرى چۈشىمىزدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز.

  ئابابەكرىنىڭ ئائىلىسى يېڭىسار ناھىيەسى ساغان يېزىسى يىكەنكۆل كەنتىدە بولۇپ، بۇلتۇر 4- ئايدا، ئۇ ئاپتونوم رايوننىڭ قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياخشى سىياسىتىدىن نەپكە ئېرىشىپ، خوتۇنى مەرىگۈل ئابلەت بىلەن بىللە جۇڭتەي گۇرۇھى خۇاتەي شىركىتىگە كېلىپ، كارخانا خىزمەتچىسىگە ئايلاندى. ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن جۇڭتەي گۇرۇھىغا يېڭى كەلگەندە، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى سەۋىيەسى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھىت ناتونۇش، كارخانىنىڭ باشقۇرۇشى قاتتىق بولۇش سەۋەبلىك، سەل كۆنەلمىگەنىدى.

  بىراق ئابابەكرى قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمىدى. شىركەت ئورۇنلاشتۇرغان سىستېمىلىق تەربىيەلەشتە، خوتۇنى بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. تىل ئۆتكىلىنى يېڭىش ئۈچۈن، ئۇلار دەرس ۋاقتىدا ئۆگىنىپ، دەرستىن چۈشكەندە مەشىق قىلىپ، ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ، يېتەرسىزلىكلىرىنى ئىجتىھات بىلەن تولۇقلىدى. ئۇلار ئەمەلىي مەشىق باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، بىلەلمىگەن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە كەمتەرلىك بىلەن ئۇستازلىرىدىن تەلىم ئېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ناھايىتى تېزلا ئىگىلىۋالدى. يېرىم يىللىق دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، بۇلتۇر 10- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئابابەكرى ۋە خوتۇنى شىركەت تەشكىللىگەن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىزمەتچىلەرنى رەسمىيلەشتۈرۈش ئىمتىھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، شىركەتنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسىگە ئايلاندى.

  دېھقاندىن كارخانا ئىشچىسىغا ئايلىنىش ئابابەكرى ئەر- خوتۇننىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، ئۇلارغا ئەڭ بىۋاسىتە تەسىر قىلغىنى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى تىك سىزىق بويىچە ئاشۇرۇش ئىدى. ئابابەكرى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 11- ئايدا، رەسمىيلەشكەندىن كېيىنكى تۇنجى ئايلىق مائاشىمنى ئالدىم، ئايلىق مائاشىم ئەسلىدىكى 2000 يۈەندىن 4100 يۈەنگە ئۆسۈپتۇ، بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈنگىچە ھاياجانلاندىم. بۇنىڭغا يەنە خوتۇنۇمنىڭ مائاشىنى قوشقاندا، ئىككىمىز بىر ئايدا ئاز دېگەندىمۇ 7000 يۈەن پۇل تاپالايدىكەنمىز.

  ئابابەكرى ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، تېجەشلىك كۈن كەچۈرۈپ، ناھايىتى تېزلا نەچچە ئون مىڭ يۈەن پۇل يىغدى، يەنە ئىلگىرى ئۆي سالغاندا ئالغان 30 مىڭ يۈەن قەرزنىمۇ قايتۇرۇپ، نامرات ئائىلە، دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىدى. بۇ يىل 4- ئايدا، جۇڭتەيدە خىزمەت قىلغىنىغا بىر يىل بولغان ئابابەكرى ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن يىللىق دەم ئېلىشىنى ئېلىپ، يۇرتىغا قايتتى. قوشنىلار ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ، قىزغىن مۇڭداشتى، ئۇلارنىڭ پۇتۇڭخۇا ئۆگەنگەنلىكىنى، يۈرۈش- تۇرۇش ۋە سۆز- ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىماي قالغانلىقىنى كۆرگەن ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرى ئۇلارغا تولىمۇ ھەۋەس قىلدى. «سىلەر ھازىر كارخانىنىڭ ئادىمى بولدۇڭلار، كېيىن ياخشى خىزمەت پۇرسىتى بولسا بىزنىمۇ ئويلاپ قويۇڭلار!» دېدى كەنتتىكى نامرات ئاھالە غۇلام ئابباس ئابابەكرىگە قايتا- قايتا جېكىلەپ.

  ئابابەكرى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىدى، يېقىندا ئۇ 850 يۈەن پۇل تۆلەپ، يۆتكەش- توشۇش ماشىنىسى شوپۇرلۇق كۇرسىغا قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، ئالاقىدار سالاھىيەتكە ئېرىشتى. ئابابەكرى مۇنداق دېدى: سېختا يۆتكەش- توشۇش ماشىنىسىنى ئىشلىتىدىغان جاي كۆپ، مەن بىر تۈرلۈك ئىش ئورنى ماھارىتىنى كۆپ ئىگىلىسەم، ئادەم يېتىشمىسە ئورنىغا ئىشلىسەم بولىدۇ.

  ئائىلە شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئابابەكرىنىڭ ئىككى قىزىنىمۇ سىرتقا چىقىپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى. بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، ئابابەكرى ئانىسى ۋە ئىككى قىزىنى يېنىغا ئەكىلىۋالدى، ئۇ ئانىسىنى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتتى، ئىككى قىزىنى بالىلار باغچىسىغا ئويناتقىلى ئاپاردى. ئابابەكرى ئىككى قىزىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاپ غەيرىتى تولۇپ تاشقان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن خوتۇنۇم بىلەن بىللە شىركەت ئەتراپىدىكى مەكتەپلەرگە باردىم، بىز يەنە ئازراق پۇل يىغىپ، پۇل قەرز ئېلىپ ئەتراپتىن ئۆي سېتىۋېلىپ، بالىلىرىمىزنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇتۇپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىمىز.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى