قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسى باشلامچى مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ، تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئۆز جايىدا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى

2018-09-28 11:43:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:   
ئاۋات ناھىيەسى باشلامچى مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ، تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئۆز جايىدا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.
بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن گۈلمىرە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ باغتوغراق يېزا قاراكۆجەك كەنتىدە ئولتۇرىدۇ. ئۇ ساياھەتچىلەرنى ھەر كۈنى دۆلەت A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى- دولان قەبىلىسىنى چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئائىلىسى نامرات گۈلمىرە يېرىم يىل ئىلگىرى تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، مەنزىرە رايونىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولدى، ئۇ مۇخبىرغا: دولان قەبىلىسىگە كەلگەندىن كېيىن، دولان مەدەنىيىتىگە قارىتا خېلى كۆپ چۈشەنچىگە ئېرىشتىم. مەن بۇ يەردە ساياھەت يېتەكچىسى بولدۇم، ئايدا 4 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئالىمەن دېدى.
نۆۋەتتە، دولان قەبىلە مەنزىرە رايونىدا 186 ئىشچى- خىزمەتچى بار، بۇنىڭ ئىچىدە گۈلمىرەگە ئوخشاش نامرات ئائىلىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يېرىمدىن كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
ساياھەت ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە، مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى تۇغبېشى كەنتىدىكى تۇراخاننىڭ سەھرا ئارامگاھىدا ھەر كۈنى 2،3 تۈركۈم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىدۇ، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە دېھقانلارنىڭ كۆكتاتلىرىنى تېتىپ، باغدا مىۋە- چىۋىلەرنى ئۈزۈپ يەپ، ئۆزگىچە يېزا تۇرمۇشىنى ھېس قىلىدۇ. ساياھەتچى رائىلە مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ مۇھىتى، مۇلازىمىتى ياخشى، تاماقلىرىمۇ ئۆزگىچە ھەم يېيىشلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە باغدا مېۋىلەر بەك كۆپ، بىز خالىغانچە يىسەك بولىدۇ، ھەممىسى ھەقسىز.
50ياشلىق تۇراخان سەھرا ئارامگاھى ئېچىشتىن ئىلگىرى، ئادەتتىكى بىر دېھقان ئايال بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى غورىگىل ئۆتەتتى. 2017- يىلى 5- ئايدا يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە تۇراخان ۋە باشقا بەش كەنت ئاھالىسى ساياھەت مۇلازىمىتى بويىچە تەربىيەلىنىپ، ھويلا- ئاراملىرىنى ئۆزگەرتىپ رېمونت قىلىپ، سەھرا ئارامگاھى ئاچتى. تۇراخان مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىكنىڭ بېسىقچىلىق مەزگىلىدە، كۈنىگە تۆت، بەش يۈز يۈەندىن كۆپرەك سودا قىلىمىز، سەھرا ئارامگاھى بىزنىڭ ئۆيدىن چىقمايلا كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇشىمىزغا تۈرتكە بولدى، ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە رەھمەت.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا- كەنتلىرىدە 50 دىن ئارتۇق سەھرا ئارامگاھى ئېچىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەشى ئاپتونوم رايون بويىچە يۇلتۇز دەرىجىلىك سەھرا ئارامگاھىنى باھالاشتىن ئۆتۈپ، 2 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولغان.
تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى