قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سۈرەت تارتىش ھەققىدىكى ھېكايە

2018-09-28 12:48:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شۈ چېن

7ـ ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەخسۇس گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن ئۆلكىلىرىگە تۇرمۇش ئۈگىنىشكە كەلگەندە شېنجېن ليەنخۇاشەن باغچىسىنىڭ شەندىڭ مەيدانىغا كەلدىم. كىشىلەر يانفونىنى كۆتۈرۈپ يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ھەيكىلىنى چۆرىدەپ تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشىۋاتاتتى، يول بويى كۆرگەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئويلاپ، ئويلىمىغان يەردىن كۆزلىرىمگە ياش تولدى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنى ئويلىسام، ھاممامنىڭ بىر جۈپ ئوغۇل ـ قىزى سۈرەت تارتىشنى بىلەتتى، ئۇلارنىڭ بىرى چېنجى گۇڭشېسىدا  سۈرەتخانا ئاچتى، يەنە بىرى گاۋجى گۇڭشېسىدا دۇكان ئاچتى. ئۇ چاغلاردا، رەسىم تارتىشنى بىلىش كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان تېخنىكا بولۇپ، سۈرەتخانا ئاچقانلار ئادەتتىكى ئادەملەر ئەمەس ئىدى. سۈرەت شۇ چاغدا ئاز ئۇچرايدىغان نەرسە ئىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى پۈتۈن ئائىلە بويىچە سۈرەتكە چۈشسە چوقۇم ھاللىق ئائىلە ھېساپلىناتتى؛ قىز بالا ياتلىق بولماقچى بولسا، ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ رەسىمىنى كۆرىدىكەن، ئوغۇللارمۇ ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن قىزنىڭ سۈرىتىنى كۆردىكەن. سۈرەتنى قولغا چۈشۈرەلىسىلا توي ئىشى ئاساسەن پۈتكەن بولىدىكەن.
 نەۋرە ئاكام بىلەن نەۋرە ئاچام بىزنىڭ ئۆيگە تۇغقان يوقلىغىلى بارغاندا، دائىم فوتو ئاپپاراتىنى ئېلىپ، ئاتا ـ ئانامنى يوقلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئاتا ـ ئانامنىڭ ئۆيىدىكى ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىنى رەسىمگە تارتىپ قوياتتى. نەۋرە ئاكام ۋە ئاچام قىزىل لاتا ئىچىگە بېشىنى تىقىپ تۇرۇپ، ئاپاراتنى تەڭشەيتتى، ئاندىن بېشىنى  چىقىرىپ، يەل كالتىگىدەك بىر نەرسە تۇتۇۋالغان ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ: «بۇ ياققا قاراڭلار، يېقىنراق، بېشىڭىزنى سەل تۆۋەن قىلىڭ، كۈلۇڭلار» دەيتتى، «چاراس» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ رەسىممۇ پۈتەتتى.
بىزنىڭ ئائىلىمىزدىكىلەر يېزىدا چوڭ بولغاچقا، باشقىلار نەۋرە ئاكامنى بوۋا، نەۋرە ئاچامنى موما دەپ چاقىرىپ قويسا، بىر پارچە رەسىمگە چۈشسە بەش پۇڭ ئەرزان توختايتتى. ئۇ دەۋردە، بەش پۇڭ پۇل كۆپ ئىدى، كەنتىمىزدە بىر قاۋۇل ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى سەككىز پۇڭ ئىدى!بىزنىڭ ئۆيدە سۈرەتكە چۈشسە پۇل تېجىگەننى ئاز دەپ، ئالتە ـ يەتتە چاقىرىم يولنى ئاز ماڭاتتى، ئەڭ مۇھىمى، بەزى چوڭ قىزلار ياكى يىگىتلەر سۈرەتكە چۈشۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، كۆرۈشۈشكە تېگىشلىك كىشىلەر بىلەن بىۋاستە كۆرۈشىۋالاتتى.
بىزنىڭ ئانچە چوڭ بولمىغان قورۇيىمىز خۇددى بازارغا ئوخشاپ قالاتتى، كەنتتىكى ئەر ـ ئاياللار دائىم مۇشۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئۆيگە چاپاتتى، سۈرەتكە چۈشىدىغانلار، سۈرەتكە چۈشكەنلەرنى كۆرۈشكە كەلگەنلەر، سۇ ئىچىپ، گازىر چاقىدىغانلار، شۇنداقلا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆرۈشۈشكە كەلگەنلەرمۇ بار ئىدى. ئاتا ـ ئانام ئۇلارنى گازىر، كەمپۈت ۋە چاي بىلەن مېھمان قىلاتتى، ئۇلار چاي ئىچىپ، گازىر چېقىپ، پاراڭلىشىپ كۈلۈشەتتى. ئانام بىردەم  كەمپۈت ئېلىپ چىقسا، بىردەم چاي قۇياتتى. ئادەتتە مىجەزى چۇس دادام ھەممە ئادەمگە دېگۈدەك سالام بېرىپ، ئۇلارغا تاماكا تۇتاتتى، ئۇلار ئۆيگە كىرىپ چاي ئىچەتتى ياكى گازىر چاقاتتى، بەزىدە ئۇلارغا «چۈشتە ياكى كەچتە كەتمەڭلار، تەييارلىق قىلىپ قويغان، ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىمىز» دىسە، بەزىلىرى قولىنى پۇلاڭلىتىپ: «بوۋا، سىز ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، بىز رەسىمگە چۈشۈپلا ماڭىمىز!» دەيتتى، يەنە بەزىلەر تەكلىپ قىلىپ قويسىلا ئۇدۇل ئۆيگە كىرىپ، ئۈستەلنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى-دە، خەلقارادىكى چوڭ ئىشلاردىن ئۆيدىكى ئۇششاق ئىشلارغىچە پاراڭ سېلىپ، كەچ قىلاتتى.
ئۆيىمىزدىكى مېھمانلار يەپ ئىچىۋاتقان كەمپۈت ۋە گازىر، ھاراق ـ تاماكىنى ئادەتتە ئاتا ـ ئانام ئۆزلىرى يىمەي، ئىچمەي، بىز بالىلارغىمۇ يىگۈزمەي ساقلايتتى، ئانام دادامغا: «سىز ۋە بالىلار بۇ كەمپۈت، تاماكىلارنى ئاغزىڭلارغىمۇ ئېلىپ باقماي، بىر يىل يىغىپ، ئەمدى ئۆيگە كەلگەن قولۇم -قوشنىلار، جىيەن ئوغۇل قىزلارغا يىگۈزۈپ، ئىچكۈزىۋەتتىڭىز، ئىچىم ئاغرىپ كەتتى» دىسە، دادام: « بىزنىڭ بۇ بەش بالىمىز كۆزنى يۇمۇپ -ئاچقىچە چوڭلا بولۇپ قالدى، ئۆيگە ئادەم كىرگىنى بىزنىڭ بەختىمىز، ئۆيگە كىرىپ يەپ -ئىچىۋاتقانلار بىزنىڭ ئەزىز مېھمىنىمىز، كىم بىلىدۇ، كېيىن ئۇلار بىزنىڭ ئەلچىمىز بولۇپ قالامدۇ -تېخى» دەيتتى.
ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆيلەپ قويۇش ئاتا ئانامنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى. لېكىن دادام بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكىچە بالىلارنىڭ تويىنى كۆرەلمىدى. ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن بىر پارچە رەسىمگىمۇ چۈشەلمدى.
سۈرەت تارتىشقا نىسبەتەن مۇقەددەس ۋە گۈزەل ئەسلىمە بولغاچقا، ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا، تۇنجى ئايلىق مائاشىمغا «شاگۇا» ماركىلىق فوتو ئاپاراتتىن بىرنى سېتىۋالدىم. فوتو ئاپاراتنى قولۇمغا ئېلىپ، خۇددى گۆھەرگە ئېرىشكەندەك، ئاسانلىقچە ئادەمگە كۆرسەتمەي، تۈن نىسپى بولۇپ كەتكەن كېچىدىلا ئاندىن ساندۇقتىن ئېلىپ، قىيماي ئوينايتتىم. بۇنداق كۈنلەر بىر يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشتى. كېيىن مەن ئايالىم بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، تۇنجى قاپ سۈرەت لېنتىسىنى سېتىۋېلىپ، بۇ ئاپپارات بىلەن تۇرمۇشۇمنى خاتىرىلەپ قويدۇم. ئۇ سىرتقا چىققاندا مېنىڭ ئايرىلماس دوستۇم بولۇپ قالدى، «چاراس ـ چۇرۇس» قىلغان ئاۋازدا، ئايالىمنىڭ مەن بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزارا چۈشىنىپ، ئاندىن توي قىلىپ بالىلىق بولۇشتەك تۇرمۇشنىڭ گۈزەل مىنۇتلىرىنى خاتىرىلىدۇق.
 بۇ فوتو ئاپپاراتتا تارتىلغان بارلىق سۈرەتلەرنىڭ ئىچىدە، ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان بىر پارچە سۈرەت بار، ئۇ شەندۇڭ لياۋچېڭ شەھىرى خۇەنچېڭ كۆلىدە تارتىلغان بىر پارچە سۈرەت.
 1998-يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا كەم ئۇچرايدىغان ياخشى ھاۋا رايى كۆرۈلدى. چۈشتىن بۇرۇن ئايالىمنىڭ دەرىسى يوق ئىدى، مەن ئىدارىدىكى رەھبەرلەردىن رۇخسەت سورىدىم، ئىككى ياشلىق ئوغلۇم بىلەن 70 ياشلىق ئانامنى ئېلىپ خۇەنچېڭ كۆلىگە بېرىپ دەم ئېلىش كۈنىنى ئۆتكۈزدۈق. زۇمرەتتەك چايقىلىپ تۇرغان كۆل يۈزىدە، مەن كېمە بېشىدا كېمە ھەيدەۋاتاتتىم، ئانام بىلەن ئوغلۇم كېمىدە ئولتۇرۇپ، ئايالىم كېمىنىڭ قۇيرۇق تەرىپىدە ئۇلارغا قاراپ ئولتۇراتتى. كېمە مېنىڭ باشقۇرۇشۇم ئاستىدا، بەزىدە تىز، بەزىدە ئاستا كېتىۋاتاتتى. ئانامنىڭ چىرايىدىن مېھرىبانلىق چىقىپ تۇراتتى، ئوغلۇمنىڭ تۇرقى شۇنچىلىك ئوماق ئىدى، ئايالىم بولسا، سۇمبۇل چاچلىرىنى تۈرۈپ، ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى. كېمىدىن چۈشكەندە،ئايالىم بىر چەتتە قاراپ تۇردى، ئانام ئوغلۇمنىڭ قولىدىن تارتىپ كېمىدىن چۈشۈۋاتاتتى، مەن دەرھال بۇ قىممەتلىك دەقىقىنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم. مېنىڭچە سۈرەتتىكى كېمە ئايالىم ئىككىمىزدىن تەركىپ تاپقان بىر كىچىك ئائىلىگە ئوخشايتتى. ئاپام ئوغلۇمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، مەن بولسام دائىم سىرتلاردا يۈرەتتىم.
شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ تەسىرىمگە ئۇچراپ، ئايالىممۇ رەسىم تارتىشقا ھېرىسمەن بولۇپ قالدى. ھېلىقى «شاگۇا» ماركىلىق فوتو ئاپاراتىدىن باشلاپ، 2006-يىلىدىكى رەقەملىك فوتو ئاپپاراتىغىچە، ھەم كېيىنكى يان تېلېفوندا سۈرەت تارتىشقىچە ئايالىم نەگە بارسا، شۇ يەردە سۈرەت تارتاتتى. بۇ يىل 3- ئايدا، مەن ئايالىم بىلەن تونۇشقىلى 25 يىل بولغان خاتىرە كۈنى ئۇنىڭغا ئىچكى سىغىمى 128 GB بولغان خۇاۋېي ماركىلىق يانفوندىن بىرنى سوغا قىلدىم. ئايالىم خۇشال ھالدا : «شۇنچە چوڭ سىغىم مېنىڭ ئىككى يىل ئىشلىتىشىمگە يېتىدۇ!» دىدى.
دۇنيادىكى ئىشلار ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دەۋر ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. سۈرەتكە تارتىش ھەققىدىكى  ھېكايىلەر ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەرگە شاھىت بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ھاياتنى خاتىرىلەپ، كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان مەڭگۈلۈك ئىنتىلىشىنى بايان قىلىدۇ.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى