قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالەم بوشلۇقى تازىلىق ئىشچىسى

2018-09-28 12:51:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پايانسىز بوشلۇقتا، نۇرغۇنلىغان سۈنئىي ئالەم ئەسۋابى يەر شارىنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بەزى سۈنئىي ھەمراھلا ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارنىڭ ئورنىنى بېكىتىشكە ئىشلىتىلسە، بەزى سۈنئىي ھەمراھلار ھاۋا رايى ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. بەزى سۈنئىي ھەمراھلار ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئالاقە تورى ئورنىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بوشلۇق تېلىسكوپى بولسا بوشلۇق ئوربىتا بېكىتىدە كېچە كۈندۈز توختىماي ئالەم سىرلىرىنى كۆزىتىپ، ئىلمىي تەجرىبە ئېلىپ بارىدۇ.
بۇ خىل ئالەم ئەسۋابلىرىنى لايىھەلەشتىن تارتىپ تاكى ياساپ، ئالەمگە قويۇپ بېرىشكىچە بولغان جەرياندا غايەت زور ئەمگەك كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچى سەرپ بولىدۇ. ئۇلار ئايلىنىۋاتقان چاغدا ئەگەر تاسادىپىي ھالدا كىچىككىنە مەسىلە كۆرۈلۈپ قالسا ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى تولدۇرىۋالغۇسىز بولىدۇ. ئەمما بىر قىسىم ئاز ساندىكى «بۇزغۇنچىلار» توختىماي ئۇلارنىڭ بىخەتەر ئايلىنىشىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ «بۇزغۇنچىلار» بولسا ناچار ئالەم بوشلۇقى ئەخلەتلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئالەم بوشلۇق ئەخلەتلىرى دېگەن نېمە؟ ئالەم بوشلۇق ئەخلەتلىرىنىڭ بەزىلىرى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىنلا لايىھىيەلەنگەن ئىشلىتىلىش مۇددىتى توشۇپ بىراك بولغان سۈنئىي ھەمراھلاردۇرئ بەزىلىرى بولسا قويۇپ بېرىلىشتىلا مەغلۇپ بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىرەلمىگەن ئالەم ئەسۋابلىرىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش راكىتاسىنىڭ قالدۇق پارچىلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىنىڭ كونتىروللىقىدىن ئايرىلىپ، خۇددى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا يول يۈرۈپ ئۇدۇل كەلگەن يەرگە سوقۇلغان ئاپتوموبىللارغا ئوخشاش، ئايلىنىۋاتقان ئالەم ئەسۋابلىرىغا سوقۇلسىلا دەرھال بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
ئالەم بوشلۇقى ئەخلەتلىرىنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتى ناھايىتى تېز ھەم بۇزغۇنچىلىق قىلىش كۈچى ناھايىتى زور. شۇنداقلا سىرتقى بوشلۇقتىكى ھاۋا شالاڭ ھەم قارشىلىق كۈچى كىچىك بولغاچقا، ئۇلار يەر شارىنى بويلاپ ئۇزۇن يىل ئايلانسىمۇ ئاتموسفىرا قاتلىمىغا چۈشۈپ كۆيۈپ كەتمەيدۇ.
ئۇنداقتا ئالەم بوشلۇقى ئەخلەتلىرىنى تازىلىۋەتكىلى بولمامدۇ؟ ئەنگىلىيە ئىلىم-پەن تەتقىقاتچىلىرى مەخسۇس ئالەم ئەخلەتلىرىنى تازىلايدىغان بىر خىل سۈنئىي ھەمراھنى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ بىز دەۋاتقان «ئالەم بوشلۇقى تازىلىق ئىشچىسى»دۇر. ئۇ ئالەم بوشلۇقى ئەخلەتلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن ئىبارەت كىشىنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ.
ئالەم بوشلۇقى «تازىلىق ئىشچىسى»نىڭ ماسسىسى ئالتە كىلوگىرام بولۇپ، ياساشتىن تارتىپ قويۇپ بېرىلىشكىچە بولغان جەرياندىكى پۈتۈن چىقىمى بىر مىليونغا ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ بارمايدۇ. ئەمما ئۇنى كىچىك چاغلاپ قالماڭ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى قالتىس.
ئۇنىڭغا تۆت دانە سىن ئېلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئاستى-ئۈستى، ئوڭ-سول ۋە ئالدى-ئارقا تەرەپلەردىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتەلەيدۇ. ئەگەر ئۇ ئالەم بوشلۇقى ئەخلەتلىرىنى كۆرۈپ قالسىلا، ئۇچقاندەك بېرىپ، بۇ «بۇزغۇنچى»نى قاماللاپ تۇتىدۇ-دە، ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتى بىلەن بىرگە سۈرئىتى تەڭ ئاستىلاپ، ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرى ئاستىدا پەسكە قاراپ تۆۋەنلەيدۇ ھەمدە تەڭ قويۇق ئاتموسفىرا قاتلىمىغا كىرىپ، غايەت زور سۈركىلىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان يۇقىرى تېمپراتورىدا تەڭلا ۋەيران بولىدۇ. يەر يۈزىدىن قارىغاندا، خۇددى ئاسماندىن ئاقار يۇلتۇز چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.
ئەگەردە ئەخلەتنىڭ ھەجىمى ناھايىتى چوڭ بولسا، ئاتموسفرا قاتلىمىدا تولۇق كۆيۈپ بولالماي قالسا، ئالەم بوشلۇقى تازىلىق ئىشچىسى تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىش ۋاقتىنى كونترول قلىپ، ئۇنىڭ قالدۇق پارچىلىرىنىڭ قۇملۇق ۋە دېڭىزلارغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالەم بوشلۇقى ئەسۋابلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىپلا قالماستىن، يەنە يەر يۈزىدىكى كىشىلەرگە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇشتىن ساقلايدۇ.
ئالەم بوشلۇقى «تازىلىق ئىشچىسى» بولغاچقا، سىرتقى بوشلۇقنىڭ ئايلىنىشىمۇ بىخەتەر بولىدۇ. ھازىرقى ئۇسۇل پەقەت ئالەم بوشلۇقى تازىلىق ئىشچىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتىنى بىراقلا ۋەيران قىلىدۇ. گەرچە ياساپ چىقىش تەننەرخى قىممەت بولمىسىمۇ، ئەمما بىر بوشلۇق ئەخلىتىنى تازىلاش ئۈچۈن بىر بوشلۇق تازىلىق ئىشچىسىنى ۋەيران قىلىشقا توغرا كېلىدىغان بولغاچقا بۇنى يەنە تەننەرخى تۆۋەن دېيىشكىمۇ بولمايدۇ.
ئالىملارنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانى بولسا بىر بوشلۇق ئەخلىتىنى يوقاتقاندىن كېيىن، يەنە بىر بوشلۇق ئەخلىتىنى ئىزدىيەلەيدىغان، كۆپ قېتىم تازىلاش خىزمىتىنى ئىشلىيەلەيدىغان تېخىمۇ ئىلغار ئالەم بوشلۇقى تازىلىق ئىشچىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشتۇر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى