قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ دەۋر روھىنى گەۋدىلەندۈرەيلى

2018-09-28 13:00:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چېن شيەنيى

ھازىرقى ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتىدە، تارىخىي تېما قىلىنغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇھىم تېما تۈرى سۈپىتىدە پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ، ھەتتا ئاممىنىڭ تارىخىي بىلىملەرگە ئېرىشىشىدىكى بىر خىل ئۇسۇلغا ئايلاندى. بۇنداق ئەھۋالدا، بىزنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئىتىمىزنىڭ ئاممىنى قانداق ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلىشى، ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ قالدى. تارىخى تېما قىلىنغان تىياتىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يازغۇچى، سەنئەتكارلار قانداق تارىخى قاراش بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشى، جەمىيەتكە قانداق تارىخى تېمىدىكى ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىشى، يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ قانداق ئىجادىيەت مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، قانداق يولدا مېڭىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك تارىخىي تېمىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن قويۇلۇپ، بۇ تۈردىكى تېمىدىكى ئىجادىيەتلەرنىڭ سانى ۋە سۈپىتى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، نۇرغۇن ئەسەرلەر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.
«نېمە ئۈچۈن جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇزاق تارىختا توختىماي ئىلگىرىلەپ، ئەۋلادتىن ـ ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن تەرەققىي قىلالايدۇ؟ بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى تومۇرداشلىق روھى ئىنتىلىشقا، مەنىۋى ئالاھىدىلىك ۋە مەنىۋى قان تومۇرلىرىغا ئىگە». ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر قولىدىكى قەلەم بىلەن مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت شەكلى ئارقىلىق 5 مىڭ يىللىق شانلىق مەدەنىيەت تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ «جان-دىل بىلەن كۈچ توپلاش، ئاساسنى پۇختىلاش» ئىقتىدارىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇلغىلى بولىدۇ، پەقەت جۇڭخۇا ئېسىل ئەنەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، ئېستېتىك شەكلى بىلەن «مېھرىبانلىقنى تەكىتلەش، خەلقنىڭ ئاساسىغا ئەھمىيەت بېرىش، ھەققانىيەتنى قەدىرلەش، ئىناقلىقنى ساقلاش، بۈيۈك بىرلىكنى كۆزلەش» تەك دەۋر قىممىتىنى سەنئەتلىك نامايەن قىلغاندىلا، بىزنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئىتىمىز ھەقىقىي دەۋر روھىغا ئىگە بولۇپ، خەلقنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلەيدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، ئەگەر مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ۋاز كەچسەك، ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى جان تومۇرىمىزنى كېسىپ تاشلىغان بولىمىز.
تارىخ بىر ئەينەك، بىر مۇنەۋۋەر تارىخى تېما قىلىنغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى ئوينىيالايدۇ، مىللىي ئاڭلىقلىقىمىزنى ئويغىتالايدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، جۇڭخۇانىڭ بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخى تارىخىي تىياتىر ئىجادىيىتىگە كەڭ زېمىن ھازىرلاپ بېرىپ، ئۇزاق تارىخ، چوڭقۇر مەدەنىيەت، يازغۇچى، سەنەتكارلارنى پۈتمەس ئىجادىيەت مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زور تۈركۈمدىكى يازغۇچى، سەنەتكارلار ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى، قەدىمكى تارىخ تېمىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «بۈيۈك چىن ئىمپېرىيەسى»، »يۈ چېڭلۇڭ» قاتارلىق مىللەتلەر تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە تياتىرلىرى بارلىققا كەلدى. بۇ ئەسەرلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى «شەرقىي جۇدىكى بەگلىكلەر»، « خەن سۇلالىسى پادىشاھى كاڭشى»، «بۈيۈك مىڭ سۇلالىسى 1566»، «جېنگۇەن دەۋرىدىكى ھۆكۈمرانلىق» قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق كاتتا ئەسەرلەر بىلەن بىللە قەدىمكى تارىخى فىلىملەرنىڭ مەدەنىيەت مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئەت ساھەسىدە تېلېۋىزىيە سەنئىتى ئارقىلىق نامايەن قىلىنغان جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تارىخى دەپ ئاتالدى. بۇ ئەسەرلەردە جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخىدىكى نۇرغۇن مۇھىم شەخسلەر، زور ۋەقەلەر بەدىئىي ئىپادىسىنى تاپقان ۋە ئوبرازى يارىتىلغان. بۇ ئەسەرلەر تاماشىبىنلارنىڭ تارىخىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە تاماشىبىنلارنىڭ دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزم ئۇسۇلى ئارقىلىق، 5 مىڭ يىلدىكى جۇڭگو جەمىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا جەمىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تونۇپ يېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ، شۇ ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.
يېقىنقى، ھازىرقى زامان ئىنقىلابى تارىخىنىڭ مەزمۇنى ئەزەلدىن تارىخىي تېلېۋىزىيە تىياتېر ئىجادىيىتىنىڭ مۇھىم سەھىپىسى بولۇپ كەلگەن. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدا ھەر يىلى نەچچە يۈز قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كۆرسىتىلىش ئومۇمىي مىقدارىدا، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئىنقىلابىي تارىخى تېما قىلىنغان مەزمۇنلار بىر قەدەر زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر ئون يىل بۇرۇن بارلىققا كەلگەن «شەمشەر»، «قەست قىلىش»، «تارىخ ئاسمىنى» قاتارلىق يىلدا بىرنى ئىشلەشتەك يىللىق قىزىق نۇقتىلارغا سېلىشتۇرغاندا، پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بۇ تۈردىكى ئەسەرلەرنىڭ سانى كۆپ، سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان ھادىسە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر يىلى بىر تۈركۈم تارىخىي تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى قويۇلۇپ ئاممىنىڭ ئېستېتىك يۆنىلىشىنى يېتەكلەپ، جەمىيەتتىكى ئاممىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە «بېيپىڭ ئۇرۇشى»، «چاڭشانى قوغداش ئۇرۇشى»، «ئۈچ سەككىز سىزىقى»، «24ئەگىم»، «جۇڭگونىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش قوشۇنى» قاتارلىق زور ۋەقەلەر قايتا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر تۈركۈم ئەسەرلەر، شۇنداقلا تارىخىي شەخسلەرنى نۇقتىلىق ئىپادىلەيدىغان مەسىلەن: «جياڭ جې»، «ۋاڭ داخۇانىڭ ئىنقىلابى ھاياتى» قاتارلىق ئەسەرلەر بار. تېمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر تۈركۈم ئېسىل غايە ۋە ئېتىقاد بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يوشۇرۇن سەپنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەر، مەسىلەن: «يوشۇرۇنۇش»، «لەگلەك» قاتارلىقلار تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ، نەچچە يىلدىن بۇيانقى كۆرۈش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۇ ئەسەرلەر ئىنقىلابىي تارىخ تەربىيىسىنىڭ ئوبراز دەرسلىكىگە، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن قىزىل ئائىلە نەسەبنامىسىگە ئوخشاش، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى ۋە پارتىيە تارىخى، ئارمىيە تارىخى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
   نۇرغۇن ئەسەرلەر ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش كۈنى، چوڭ ئۇرۇش خاتىرە كۈنى، دۆلەتنىڭ چوڭ تەبرىكلەش كۈنى قاتارلىق مۇھىم بايرامنى تەبرىكلەش كۈنلىرى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەندى. 2016 ـ يىلى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ئۇزۇن سەپەرنى خاتىرىلىگەن ئەسەرلىرى ئوندىن ئېشىپ، جامائەت پىكرى جەھەتتە ۋە تاماشىبىنلار ئارسىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بولۇپمۇ «ئارقا سەپ قوغدىغۇچىسى»، «مەن قىزىل ئارمىيە»، «مىڭ چاقىرىملىق گۈلدۈرماما ئاۋازى»، «قىزىل بايراق بىلەن غەرب شامىلى» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ جەمىيەتتە پەيدا قىلغان كۆرۈش دولقۇنى ئويلىمىغان يەردىن چىقتى. بۇ ئەسەرلەر تاماشىبىنلارغا كىشىلەر بىلمەيدىغان تېخىمۇ كۆپ تارىخىي ھېكايىلەرنى چۈشەندۈرۈپلا قالماي، ۋەتەنپەرۋەرلىك، قەھرىمانلىق ۋە كوللېكتىۋىزملىق روھى ئارقىلىق ھازىرقى زامان كۆرۈرمەنلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى.
تارىخىي تېمىدىكى تېلېۋىزىيە تياتېرلىرى ھازىرقى زامان نۇقتىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھەرقانداق بىر تارىخىي تىياتىر رېئاللىقنى كۆزىتىش ئۈچۈن بولۇپ، ھەممىسى ئۆتمۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق رېئاللىقنى يورۇتىدۇ. يېقىنقى، ھازىرقى زامان ئىنقىلابى تارىخى توغرىسىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەر بۈگۈنكى كوممۇنىستلارنى، ھەتتا پۈتكۈل جەمىيەتنى تارىخىي ئەينەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن: دەسلەپكى ئىنقىلاب تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى «غايە ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش» تەك ئاساسىي تېمىنى بايان قىلغان. مەسىلەن: جۇ ۋېنيوڭ، جياڭ جيې، جاۋ يىمەن، پېڭ بەي، سەي خېسېن قاتارلىق كوممۇنىستلارنىڭ ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان مەردانىلىكى، ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلغان خائىنلار بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغان. ئۆلۈمدىن قورقىدىغان خائىنلارنىڭ ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلىشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى، ھەممىسى ئېتىقادقا ئاسىيلىق قىلىشتىن باشلانغان، ئېتىقادقا ئاسىيلىق قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى، چىرىكلىكتىن چۈشكۈنلىشىش ۋە راھەت ـ پاراغەتكە بېرىلىشتىن باشلانغان. بۇ تارىخىي تىياتىرلار ھەر بىر كوممۇنىستنىڭ ۋىجدانىنى سوراپ، بۈگۈنكى كىشىلەرنى غەپلەتتىن ئويغىتىش سىگنالىنى ياڭراتتى: غايە ئېتىقادىمىزدىن ۋاز كەچسەك، قوشۇنىمىزدىن يەنە چوڭ ـ كىچىك «گۇ شۈنجاڭ»،«فۇ جىگاۋ» لار چىقىدۇ.
گەپنى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، نۆۋەتتە تارىخىي تىياتىر ئىجادىيىتى بىلەن خەلقنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان مەدەنىيەت ئېھتىياجىدا يەنە نۇرغۇن پەرق بار، سەل قاراشقا بولمايدىغان بەزى مەسىلىلەر گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. بازار قۇلى بولۇشقا رازى بولغان، پۇل بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئىجادىيەتلەر يەنى «بازار قوغلاشقان ۋە مەنپەئەتپەرەسلىك يوشۇرۇنغان»، «يىلتىزى يوق جامكا، كېسىلى يوق نالە، روھى يوق گەۋدە»دىن ئىبارەت «ئۈچى يوق» تارىخىي تىياتىرلار يەنىلا مەدەنىيەت بازىرىدا مەۋجۇت.
   مەسىلەن: بىر خىل خاھىش بار، ئۇ بولسىمۇ تارىخقا ئىنكارچىلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتۇش. بەزى ئەسەرلەر تارىخنى ئىپادىلەشتە ھەمىشە كۆڭۈل ئېچىش ئۈنۈمى ۋە سودا مەنپەئەتىنى قوغلىشىپ، ۋەقەنى كۆرۈپ تارىخنى كۆرمەيدۇ، ھەتتا ئويۇن ئويناش پوزىتسىيىسى بىلەن تارىخقا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ، تارىخ بىلەن پاكىتنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىپ، ئاق ـ قارىنى بۇرمىلاپ، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بەزىلىرى كەسكىن تارىخىي تېمىلار ۋە ھەقىقىي تارىخىي ۋەقەلەرنى پارچىلاپ، ئىتوتلاشتۇرۇپ، ئىستىمال قىممىتىنى قوغلاشتى. شۇنداق قىلىپ، بايان «چاقچاق تەلىماتى» غا ئايلىنىپ قالدى، تارىخ «مەخپىي تارىخ» بولۇپ قالدى. ئاممىنىڭ تەنقىتىگە ئوچرىغان بىر قىسىم چاكىنا فېلىملار، مانا مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا پەيدا بولغان غەلىتە مەخلۇق. بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە، تارىخنىڭ مۇقەددەس روھى، ئازاب ـ ئوقۇبەتلىرى، جۇشقۇن ھەم تەنتەنىلىك كۆرۈنۈشلىرى كۈلكە ـ چاقچاققا ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان ئاجايىپ -غارايىپ نەرسىلەرگە ئايلانغان. ئەگەر بۇنداق كۆڭۈل ئېچىش پاتقىقىغا پېتىپ قالسا، تارىخىي فېلىملار پەقەت مودا مەدەنىيەتنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قېلىپ، بازار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
تارىخىي تىياتىرلاردا بەزى ئىجادىيەتچىلەر ئالدىراقسانلىق قىلىپ، تارىخنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلماي، بەزى غەلىتە ھېكايىلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە رەتلەش بىلەن شۇغۇللاندى، ھەتتا بەزى غەلىتە ھېكايىلەرنى توقۇپ چىقىپ، كەسكىن تارىخنى ئوردىدىكى رەڭۋازلىق، ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشى ۋە چاقچاق پاراڭلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇنداق ئەسەردە پېرسوناژلار روھى دۇنياسىنىڭ بايانىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا تارىخنىڭ ئىلھامى ۋە تەربىيەسىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، نەتىجىدە ئۇ ئىدىيىۋىلىكىدىن يىراقلاشقانسېرى، چاكىنىلىشىپ كەتكەن.
ماركسىزملىق تارىخ قاراش تارىخىي تىياتىر ئىجادىيىتىدە چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك تۈپ مەيدان. ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئەگەر «چەت ئەلنىڭكىنىلا ئەلا بىلىش»، «چەت ئەلنىڭكىنىلا گۈزەللىك دەپ بىلىش»، «چەت ئەلنىڭكى بولسلا ئەمەل قىلىش» نى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئەسەرلەرنىڭ چەتئەلدە مۇكاپاتقا ئېرىشىشىىنى ئەڭ يۇقۇرى ئىنتىلىش دەپ قاراپ، باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ مېڭىپ، «ئىدىيەنى چىقىرىپ تاشلاش» «قىممەت قارىشىنى چىقىرىپ تاشلاش» «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى چىقىرىپ تاشلاش» «ئاساسي ئېقىمنى چىقىرىپ تاشلاش» نى تەرغىپ قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئىستىقبالى بولمايدۇ!
 شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، تارىخىي ئىرادىنى يوقاتقان، قىممەت مەيدانى كەمچىل بولغان ئەسەر مۇقەررەر ھالدا يىلتىزى يوق جامكىغا ئوخشاش دەۋردە ئىز قالدۇرغان ئەسەر بولالمايدۇ.
كېلەر يىلى، بىز يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتىۋالىمىز. ئىككى يىلدىن كېيىن، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتىۋالىمىز. بۇ مۇھىم پەيتلەردە، مۇقەررەر ھالدا كىنو ـ تېلېۋىزىيەدە ئاساسىي تېما ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ، شۇنداقلا تارىخىي فېلىملارنىڭ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ. ماركسىزملىق تارىخ قارىشىنى ئىجادىيەت داۋامىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ ساقلاپ، تارىخىي پاكىتلارنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە تارىخىي شارائىتتىكى ئالاھىدە ھادىسىلەرنى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ، تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي تېمىسى ۋە ئاساسىي لىنىيەسىنى ياخشى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ تارىخىي تەرەققىياتتىكى ئاساسىي كۈچ ئىكەنلىكىنى مەدھىيلەش كېرەك. قولىمىزدىكى قەلەمدىن قەتئىي تەۋرەنمەي پايدىلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ، مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ، ئارمىيەنىڭ تارىخىنى ياخشى يېزىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش تارىخ يۈكلىگەن مۈشكۈل ۋەزىپە.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى