قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سۇ تېجەپ سۇغىرىشتىكى «بىڭتۈەن ئەندىزىسى» زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

2018-09-29 11:23:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، قوللىنىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ سۇ تېجەش تېخنىكىسىدا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى، سۇ تېجەپ سۇغىرىشتىكى «بىڭتۈەن ئەندىزىسى» زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، بىڭتۈەن 13- شىسى قىزىل يۇلتۇز 1- مەيدانى شىچېڭزى سۇغىرىش رايونىنىڭ بىسىم بىلەن سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى باسقۇچقا بۆلۈپ سۇ كىرگۈزۈپ بېسىم چۈشۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بېرىپ،  بىسىم بىلەن سۇ يەتكۈزۈپ سۇغىرىش سىستېمىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ياخشى ئاساس سالدى. قىزىل يۇلتۇز 1- مەيدانى چىڭتۇ شىركىتىنىڭ كەسپىي خادىمى شى خۇاخۇا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ سىستېمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى سۇ تېجەش، يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىش. بىزنىڭ بۇ تۈردە ئەسلىدىكى سۇ يەتكۈزۈش يوللىرى ئارقىلىق سۇ ئېقىپ كېتىش ۋە پارغا ئايلىنىپ كېتىش زىيىنىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بۇلىدۇ، يەنى يىلىغا 3 مىليون كۇپ مېتىر سۇ تېجىگىلى بۇلىدۇ.
نۆۋەتتە، قىزىل يۇلتۇز 1- مەيداندىكى 44 مىڭ 700 مو يەردىكى كېۋەزلىك بىلەن 10 مىڭ 500 مو يەردىكى چىلاننىڭ ھەممىسىدە سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. چىلان ئۆستۈرگۈچى خۇا يۇڭخۇڭ 1997- يىلدىن باشلاپ، بۇ يەرنى ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، 20 يىلدىن بۇيان، باستۇرۇپ سۇغىرىشتىن چۆنەك تارتىپ سۇغىرىشقىچە، پۈركۈپ سۇغىرىشتىن تېمىتىپ سۇغىرىشقىچە بولغان جەرياننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: چۆنەك تارتىپ سۇغىرىشتا ئىلگىرى كۆپ كۈچ سەرپ بۇلاتتى، تۆۋەن جايلاردىكى چىلان دەرەخلىرى نابۇت بولۇپ كېتەتتى، ئىگىز جايلارنى سۇغارغىلى بولمايتتى. تېمىتىپ سۇغۇرۇشتا مەھسۇلات مىقدارىمۇ ئاشتى، سۈپىتىمۇ ئۆستى، ئادەم كۈچىمۇ، تەننەرخمۇ تېجەلدى.
 سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىشمۇ ھەرقايسى چوڭ تۈەن- مەيدانلاردا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى. ۋۇجياچۈدىكى دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا باغچا رايونىدا، كېۋەزلەر ئېچىلىپ، پاختا ئۈزۈشنىڭ ئاۋات مەزگىلى يېتىپ كەلدى. باغچا رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ گوشياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر تېخنىكلار ئىنتېرنېت تورى ياكى يان تېلېفون ئارقىلىقلا 40 مىڭ مو ئېتىزنى سۇ، ئوغۇت بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرالايدۇ. يىراق مۇساپىلىك كونتىرول قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا ئۆلچەش ئەسۋابى بولغاچقا، تۇپراقتا سۇ كەمچىل بولسا سىگنال بېرىدۇ، بىز ۋاقتىدا سۇ تامچىلىتىمىز، بۇ ئارقىلىق سۇ ئىشلىتىشكە تېگىشلىك يەرگە سۇ ئىشلىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرالايمىز، نورمال بېسىملىق تېمىتىپ سۇغىرىشقا قارىغاندا %40 ئەتراپىدا سۇ تېجىلىدۇ، يەنى باشقا ئۇسۇلدا 100 كۇب مېتىر سۇ بىلەن بىر مو يەرنى سۇغارغىلى بولسا بۇ تېخنىكا قوللىنىلسا 60 كۇپ مېتىر سۇ بىلەن بىر مو يەرنى سۇغارغىلى بۇلىدۇ ھەمدە بىرلىك مەھسۇلاتنى %30 ئەتراپىدا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ سۇ تېجەش تېخنىكا ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان شىنجاڭ «تيەنيې» (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، سۇ تېجەپ سۇغىرىش نەزەرىيىسى، پىلانلاش لايىھەسى، ئەمەلىي قوللىنىش، تېخنىكىنى توپلاشتۇرۇش، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە كېڭەيتىشنى بىر گەۋدە قىلغان سۇ تېجەشتىكى «بىڭتۈەن ئەندىزىسى» ئۈستىدە ئىزدەندى. بىڭتۈەن بۇ تېخنىكىنى قوللىنىپ، ئاساسلىق زىرائەتلەردە %40 سۇنى تېجەپ، مەھسۇلات مىقدارىنى %50 ئەتراپىدا ئاشۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆممىقوناق، كېۋەزنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى مەملىكەت بويىچە رېكورتنى يېڭىلىدى. قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق 17 دۆلەتتە سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، 30 دىن ئارتۇق خەلقئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى 20 نەچچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا سۇ تېجەش كۆلىمىنى 70 مىليون موغا يەتكۈزدى. يېقىندا، شىنجاڭ تيەنيې سۇ تېجەپ سۇغىرىش چەكلىك پاي شىركىتى ئىلتىماس قىلغان «سۇيۇق ھالەتتىكى ئوغۇت ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش ۋە ئەقىل ئىدراكلىق مۇلازىمەت يېڭى ئەندىزىسى» سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ «2018- يىللىق سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىش تۈرى» گە كىرگۈزۈلدى. شىنجاڭ تيەنيې ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما جەندۇڭ مۇنداق دېدى: «ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش دولقۇنىدا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوغۇتلاش تېخنىكىسىنى تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى بىلەن جانلىق بىرلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ياساشقا ئايلاندۇرۇپ، «ئادەمسىز مەشغۇلات قىلىش»، «تىجارەتنى رەقەملەشتۈرۈش» ۋە «تەدبىر بەلگىلەشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش» مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز».

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى