قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۈەن خۇڭگاڭ تېخىمۇ كۆپ ياشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

2018-09-29 11:46:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارنى قىلىشتىن ئىككى رېستۇراننىڭ خوجايىنى بولغۇچە، شىنجاڭدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان شەنشىلىك ياش گۈەن خۇڭگاڭ جاپاغا چىداپ ياخشى ئۆگىنىپ، تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، رىقابەت كەسكىن بولۇۋاتقان يېمەك- ئىچمەك بازىرىدا پۇت دەسسەپ تۇردى، يەنە تېخىمۇ كۆپ ياشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتىدىن ئاشقاندا، گۈەن خۇڭگاڭ كۆكتات بازىرىغا بېرىپ مال سېتىۋالىدۇ، قەيەرنىڭ قوي گۆشى كاۋاپ قىلىشقا ماس كېلىدۇ، قەيەرنىڭ كالا گۆشى قىيمىلىق گۆش قىلىشقا ماس كېلىدۇ، ئۇ ھەممىنى ئېنىق بىلەتتى. گۈەن خوڭگاڭ مۇنداق دېدى: بىز ھەر كۈنى ئەتىگەندە بېرىپ، ئۆزىمىزگە ئېھتىياجلىق ئېسىل گۆشلەرنى تاللاپ سېتىۋالىمىز، يىمەكلىك ماتېرىياللىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمىسەك بولمايدۇ.
1991- يىلى 15 ياشقا كىرگەن گۈەن خۇڭگاڭ ئۆزى يالغۇز شەنشىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ تىرىكچىلىك قىلدى، بىر رېستۇراندا يۈگۈر- يېتىم ئىشلارنى قىلغاچ، ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى ئۆگەندى. كېيىن دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىر تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايدا بىر ئۇستامغا شاگىرت بولدى. ئۇ بۇ پۇرسەتنى ناھايىتى قەدىرلەپ، ئۇستام قورۇما قورۇغاندا يېنىدا تۇرۇپ خاتىرە قالدۇردى، تۆت يىلدا جەمئىي ئىككى ساندۇق خاتىرە دەپتەر يېزىپ تۈگەتتى. نەتىجىدە، كۆپ خىل قورۇما قورۇشنى ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ئاشپەز بولۇپ يىتىشىپ چىقتى. 2002- يىلى گۈەن خۇڭگاڭ قومۇلدىكى بىر مېھمانسارايدا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىندى، شۇنىڭدىن باشلاپ قۇمۇلدا يىلتىز تارتتى. 2009- يىلى كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىپ، گۈەن خۇڭگاڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ بېلىنى يارىلاندۇرۇۋېلىپ، توپتوغرا بىر يىل ئورنىدىن تۇرالمىدى. كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن بارلىق پۇللىرىنى خەجلەپ بولدى. سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ مېھمانسارايغا قايتىپ كېلىپ جاپالىق ئىشلەپ، ئاخىرى بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ قەرزنى قايتۇرۇپ بولدى ھەمدە پۇل يىغدى. گۈەن خوڭگاڭ مۇنداق دېدى: تۇرمۇشتا ھەرگىزمۇ بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ. مەن جاپاغا چىداپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، دوستلىرىم ياردەم قىلغان پۇللارنى قايتۇرۇپ بولدۇم.
2015- يىلى 12- ئايدا، گۈەن خۇڭگاڭ قومۇل شەھىرىدە «چوڭ خوجىدار» لەغمەنخانىسى ئاچتى. ئۇ تاماققا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارغا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى ماتېرىياللارنى ئىشلەتتى ھەمدە قۇمۇلنىڭ ئەنئەنىۋى لەغمىنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈردى يەنى لەغمەنگە ياغدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى ئىشلەتتى، تىجارىتى تېزلا راۋاج تاپتى. گۈەن خوڭگاڭ مۇنداق دېدى: 90- ي‍‍ىللاردا لەغمەنگە ياغدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئىشلىتىلەتتى، مەن ئ‍‍ەنئەنىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ دەپ ئويلاپ، بۇ خىل تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى قوللاندىم، لەغمەنگە ياغدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئىشلەتسە، بەك يېيىشلىك بولىدۇ ھەم بۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ مىجەزىگە ماس كېلىدۇ.
 گۈەن خۇڭگاڭ خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن يەنە 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، كاۋاپدان سېتىۋېلىپ، تۈرلۈك كاۋاپلارنى چىقاردى، يەنە تۈرلۈك قورۇما، چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى، جياڭيۇغا چىلانغان گۆش قاتارلىق قورۇمىلارنى كۆپەيتتى، بۇنىڭ بىلەن سودىسى تەدرىجىي جانلاندى. 2016- يىلى 12- ئايدا يەنە بىر تارماق ئاشخانا ئېچىپ، كۈنىگە 500 ئەتراپىدا مېھمان كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى. بۇ يىل 5- ئايدا، گۈەن خۇڭگاڭ ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدىن ئىشلىگىلى كەلگەن ئالتە ياشنى ئىشقا قوبۇل قىلدى. ئابلا ياسىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: خوجايىن بىزنى تاماق، ياتاق بىلەن تەمىنلىدى، قانداق قىيىنچىلىقىمىز بولسا خوجايىن ھەل قىلىپ بېرىۋاتىدۇ.
گۈەن خوڭگاڭ مۇنداق دېدى: بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىمەن، ئەڭ زور ئىقتىدارىم بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىشكە تىرىشىۋاتىمەن، بۇنىڭدىن ئۆزەمنى تېخىمۇ خاتىرجەم، تېخىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن.

تەرجىمان: مەمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى