قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ليۇ بوۋام مېنىڭ ئۆمۈرلۈك تۇققىنىم

2018-09-29 12:14:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بورتالا شەھەرلىك پارتكوم پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسىنىڭ مانىشاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئېرگىن چىچىك كەنت ئاھالىسى ليۇ زىگو بىلەن قوشماقلىشىپ تۇققان بولغاندىن بۇيان، ليۇ زىگو ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەملىشىپ، بىر- بىرى بىلەن بولغان مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.
يېقىندا، ئېرگىن چىچىك قوشماقلاشقان تۇققىنى ليۇ زىگونى يوقلاپ كەلدى. ليۇ زىگو ياشانغان ئىگە- چاقىسىز شۇنداقلا كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئىدى. بۇ يىل 2- ئايدا، بۇ ئىككىيلەن قوشماقلىشىپ تۇققان بولغاندىن كېيىن ئېرگىن چىچىك پات- پات كېلىپ ياشىنىپ قالغان ليۇ زىگونى يوقلاپ تۇرغاندىن سىرت، ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى. ليۇ زىگو مۇنداق دېدى: قىزىم ئېرگىن چىچىككە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇ دائىم ئۆيۈمگە كېلىپ ئۆي تازىلىشىمغا، تاماق ئېتىشىمغا ياردەملىشىپلا قالماي، توخۇلىرىمنى دانلىتىپ، كۆكتاتلىقىمدىكى ئوت- چۆپلەرنى ئوتاپ بىرىدۇ، مەن بۇ كۆيۈمچان قىزىمنى بەك ياخشى كۆرىمەن.  
بۇ يىل 5- ئايدا، ليۇ زىگو باققان 80 يەرلىك توخۇدىن 50 گىنى لالما ئىتلار چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويغاندا، ئۇ قاتتىق ئازابلانغانىدى. ئېرگىن چىچىك بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا 30 توخۇ سېتىۋېلىپ، بوۋاينىڭ زىيىنىنى تولۇقلاپ بەردى. ئېرگىن چىچىك يەنە ئۇرۇق-تۇققان، دوست- بۇرادەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ليۇ زىگو باققان 70 نەچچە يەرلىك توخۇنى سېتىش ئۈچۈن يول ئاچتى. ئېرگىن چىچىك مۇنداق دېدى: ليۇ بوۋامنىڭ سالامەتلىكى سەۋەبلىك يول مېڭىشى قۇلايسىز بولۇپلا قالماي، ئۈندىدارىمۇ يوق. پات ئارىدا دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىدۇ، مەن ئۇنىڭ ھويلىسىدا باققان يەرلىك توخۇلىرىنى ئۇرۇق- تۇققان، دوست- بۇرادەرلىرىمگە تەۋسىيە قىلىپ، ئۇنىڭ توخۇلىرىنى سېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەرمەكچى. 
ليۇ زىگونىڭ ئىشىكى ئالدىدىن كەنتكىچە بولغان چىغىر يول ئىلگىرى ئېگىز- پەس توپا يول بولغاچقا، يامغۇردىن كېيىن پاتقاق بولۇپ كېتەتتى. ياشىنىپ قالغان ليۇ زىگونىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، سىرتقا چىقىشىمۇ تەسكە توختايتتى. ئېرگىن چىچىك بوۋاينىڭ بۇ ئىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. بۇ يىل 8- ئاينىڭ بېشىدا، ئېرگىن چېچىك كەنتنىڭ يوللىرىنى ياساش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى پۇل چىقىرىپ، قۇرۇلۇش ئەترىتىدىكىلەردىن بوۋاينىڭ سىرتقا چىقىشىغا قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈن، ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 2 مېتىر كېلىدىغان سېمونت يول ياساپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ليۇ زىگو مۇنداق دېدى: ھازىر ئىشىكىمنىڭ ئالدىدىكى بۇ يول ياسىلىپ بولدى، ئەمدى ئەتىگەن ھەتتا كەچتىمۇ سىرتلارغا چىقالايدىغان بولدۇم. يوللارنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كۆڭلۈممۇ يورۇپ كەتتى. ئېرگىن چىچىك قىزىمغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. 
 ئېرگىن چىچىك مۇنداق دېدى: بوۋام ليۇ زىگو مېنىڭ ئۆمۈرلۈك تۇققىنىم. مەن تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرسەم دەيمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى