قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قارشى قىرغاق

2018-09-29 12:31:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دۈەن جيېشيوڭ

كۆز يەتمەس قۇمۇشلۇق، شەبنەم ۋە قىرو، ئاتالمىش ئۇ، قارشى قىرغاقتا. ئېقىنغا قارشى ماڭغان بولساممۇ، يولۇم توسۇلۇپ ئىلگىرلىيەلمەيمەن، پەقەت كۆزۈمدە ئۇنىڭ سىماسى، تۇرار ئىدى ئۇ قارشى قىرغاقتا......مەن «نەزمىنامە» نى ئوقۇپ چوڭ بولغان. ئۇ چاغدا مەن ئەزەلدىن كەنتتىن چىقىپ باقمىغان. كېيىن بۇ «كۆز يەتمەس قۇمۇشلۇق» ناملىق شېئىرنىڭ مەنىسىنى ئاساسەن چۈشەنگەندىن كېيىن، كۆڭلۈمدە ئويلىنىپ قالدىم، شېئىرنىڭ مەنىسى مۇنداق ئىدى: «كۆڭلۈمدىكى قىز قارشى قىرغاقتا تۇراتتى، ئېقىنغا قارشى مېڭىپ ئۇنى ئىزدىدىم، يول ئۇزۇن ھەم خەتەرلىك ......
شېئىردا يېزىلغىنى ھەقىقەتەن مېنىڭ يۇرتۇممۇ؟
مۇشۇنداق ئاھ ئۇرۇشۇم، يۇرتىمىزدا سۇ كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئىدى. يۇتۇمىزدا ھەقىقەتەن سۇ ئىنتايىن كەمچىل. ئەجدادلار بارلىق ئاماللارنى قىلىپ ،جوتو، گۈرجەك، پولات سۈمبىلەرنى ئېلىپ تەرەپ ـ تەرەپتىن سۇ ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھىچقانداق نەتىجىسى بولمىغان ئىدى. ھەتتا مەخسۇس قېتىشما پولات ئۈشكە بىلەن چوڭقۇرلىقى يۈز مېتىر كېلىدىغان جايلارنى نەچچە قېتىم قىدىرىپ چەكشۈرۈپ، پەقەت بىر نەچچە چېلەك دۇغ قالدۇقلىرىنى تېپىپ چىققان ئىدى. ئۇلار سۇ ئىزدەش جەريانىدا ئاخىرقى بىر تامچە تەرىنى ئاققۇزۇپ، قېنىپ بىرەر قېتىم سۇ ئىچەلمەي ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە، چاڭ -توزاڭ باسقان سېرىق توپىلىقتا ياشاپ، ھاياتلىققا جەڭ ئېلان قىلىشنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرغان ئىدى.
ئېسىمنى بىلگىنىمدىن باشلاپ، پۈتۈن كەنتتىكى ئىككى مىڭ نوپۇس ۋە چارۋا سۇ ئىچىشتە ئۈستى ئوچۇق كۆلچەككە تايىنىدىكەن، ھەر قېتىم يامغۇر ياغقاندا پۈتۈن كەنتتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆستەڭ چېپىشقا تەشكىللەيدىكەن، يامغۇر سۈيى يېتەرلىك بولغاندا ئەتىياز ۋە يازدا بىر كۆلچەك سۇنى تولدۇرۋالغىلى بولىدىغان بولۇپ، يېرىم يىل ئىشلىتىشكە ئاران يېتىدىكەن. ئوچۇق شەكىلدىكى ئېرىقلار ھەر قايسى تاغ چوققىسىدىن بويىغا ۋە توغرىسىغا چۈشۈدىغان بولۇپ، سۇنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايتتى، ئەمما يۇرتداشلار باشقىنى ئويلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، سۇ ئىچىدە لەيلەپ يۈرگەن ھايۋانلارنىڭ جەسىتىنى سۈزۈۋېتىپ، كۆرمىگەنگە سالاتتى، قۇرغاقچىلىق پەسلىدە، ھەتتا بۇنداق سۇمۇ يوق ئىدى.
مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ھەر يىلقى ئىككى قېتىملىق تەتىلدىكى ۋەزىپەم ئىككى ـ ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قوشنا كەنتكە بېرىپ سۇ توشۇش ئىدى. قەھرىتان قىشتا، ئاچچىق شامال ئادەمنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلسا پىچاق تىلغاندەك بولسىمۇ، ئەمما كۆڭلۈم يەنىلا خۇشال ئىدى، چۈنكى زۇمرەتتەك دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان كەڭ سۇ يۈزىنى كۆرگىلى ھەتتا بېشىنى سۇغا تىقىپ قانغىچە سۇ ئىچكىلى بولاتتى. تاتلىق، مۇزدەك سۇ ئاشقازىنىمىزنى تىترىتىپ، يول ماڭغاندا قورسىقىمىزدا غۇرت ـ غۇرت قىلىپ ئاۋاز چىقىراتتى. سوغۇق سۇ كۆلچىكىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، مەن ئىختىيارسىز «نەزمىنامە» دىكى جۈملىلەرنى ئەسلەپ قالدىم. ئەسلىدە كىتابتا يېزىلغىنى راست ئىكەن.
ئەمما مەن يەنە ئويلىنىپ قالدىم، يۇرتۇم زادى سۇنىڭ قايسى تەرىپىدە؟
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلەت نامرات تاغلىق رايونلاردا ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ كۆلچىكى ياساشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا باشلىدى، سۇ گەمىسى ياساپ يامغۇر سۈيى ۋە يەر يۈزى سۈيىنى غەملەپ، سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. تەلىيىمىزگە بىزنىڭ ئائىلىمىز كەنتتىكى تۆت سىناق نۇقتىسىنىڭ بىرى بولۇپ، چوڭقۇرلىقى تەخمىنەن ئۈچ مېتىر كېلىدىغان، كەڭلىكى ئىككى مېتىر كېلىدىغان تۆت چاسا سۇ گەمىسىدىن بىرنى ياسىدى. يامغۇر ياغقاندا، كۆپچىلىك سۇ گەمىسىنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، سۇ ئېقىنىنىڭ سۇ گەمىسىگە كىرگەندىكى «ياڭراق ئاۋازى» نى ئاڭلىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى يىپى ئۈزۈلۈپ كەتكەن مەرۋايىتنىڭ كۈمۈش تەخسىگە چېچىلغان ئاۋازىدەك، يېقىملىق، كىشىنى ھاياجانغا سالاتتى. ئۇ ئادەتتىكى ئاۋاز ئەمەس، يۇرتۇمنىڭ تەقدىر ئۈچۈن باش ئەگەي كۈرەش قىلىشتەك ئېگىلمەس ـ سۇنماس روھى ئىدى.
سىناق نۇقتىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، سۇ گەمىسى يېزىلاردا زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادى ياخشىراق ئائىلىلەر ئالدى بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، سۇ گەمىسى بىر مەزگىل باياشات بولغانلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان ئىدى. يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، يۆلەش سالمىقىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ شۇنداقلا «ئانا سۇ گەمىسى» قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، سۇ گەمىسى ياسىسا تولۇقلىما بېرىلىدىغان، ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزى پۇل خەجلىمەيدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئائىلىلەردە سۇ گەمىسى ياسالدى. بەزىلەر يەنە ئۆز جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ بىنەم سۇ گەمىسى ياساپ، تېرىقچىلىقتا سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، يۇرتۇمدىكىلەرمۇ باشقا جايلارغا ئوخشاش يىل بويى ياپيېشىل كۆكتاتلارنى يىيەلەيدىغان بولدى.
كەنتتىن سىرتقا چىققانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، نەزەر دائىرىسىمۇ بارغانسېرى كېڭەيدى. ئۇلار باشقا جايدىكى دەريالارنىڭ قانداق كەڭ ئىكەنلىكىنى، تۇرۇبا سۈيىنىڭ قانداق قولايلىق بولىدىغانلىقىنى مۇنازىرە قىلاتتى. ئانام بۇلارنى ئاڭلاپ:« كىشىلەر قانائەت قىلمايدۇ، سۇ بولسىلا بولدى، تۇرۇبا سۈيى ئىچكۈسى باركەن تېخى، بىزنىڭ بۇ يەردە دەريا يوق بولمىسا، شۇنچە ئېگىز تاغدىن سۇنى قانداقمۇ بۇ يەرگە باشلاپ كەلگىلى بولسۇن؟» دەيتتى.
ئانام مەكتەپتە ئوقۇمىغان، چوڭ ئىشلارنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان، ئۇ ئاشۇ ئىنچىكە تۇرۇبىنىڭ ئېگىز تاغ ۋە تىك چوققىلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قۇرغاق بولۇپ كەلگەن بۇ جايغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمىدى. ئاتا ـ ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىشەنمەيتتى.
 2009 ـ يىلى جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلاندى، يۇرتداشلار تېلېۋىزوردىن بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ ئىشەنمەيلا قالدى. دەنجياڭكۇدىن بېيجىڭغا سۇ ئەكەلگىلى بولامدۇ؟ شۇنچە يىراق تۇرسا قانداق بارىدۇ؟ يېقىن ئەتراپتىكى تۇغقانلىرى كۆچۈرۈشنىڭ خەۋىرىنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئاندىن بۇ ھەقىقەتكە ئىشەندى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىدىغان بۇ زور قۇرۇلۇشقا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى، بوش ۋاقىتلىرىدا تېلېۋىزورنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى، يەنە يۇرتىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان تۇغقانلىرىغا خىزمەت ئىشلەپ: «ھەممە يەردە جان باققىلى بولىدۇ!» دىيىشتى.
2014 ـ يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، تېلېۋىزورنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، يۇرتداشلار جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، دەنجياڭكۇ سۇ ئامبىرىنىڭ سۈيى كۈلكە ساداسى ئىچىدە شىمالغا قاراپ ئېتىلدى، كىشىلەر ئاشۇ ئۆستەڭنىڭ سۈيى ئىشىك ئالدىغا كەلگەندەك ھاياجانلانغان ئىدى. قاپقارا، قۇرۇپ كەتكەن چىرايلاردىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى، ئۇلار ماختاش سۆزلىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى، ئەمما ئاخىرىدا ئەينى يىللاردىكى سۇ ئىزدىگەنگە ئوخشاش ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغان ئىدى. بىرسى باش بولۇپ: «قالتىسكەن! » دەپ ۋارقىرىغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك بەس ـ بەستە ئاۋاز قوشۇپ :« قالتىس!بەك قالتىسكەن!» دىيىشتى.
يۇرتداشلار كەنتىمىزگە تۇرۇبا سۈيى ئورنىتىلغان ئاشۇ كۈنى ھەقىقىي قالتىسلىقنى ھېس قىلغان ئىدى. ئانام تېلېفون قىلىپ ھاياجانلانغان ھالدا :« بۇ يەردىمۇ تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان بولدۇق» دېدى. مەن ئېلېكتر دولقۇنى ئارقىلىق ئانامنىڭ خوشاللىقىدىن سەكرەپ كەتكەن ھالىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم، ئارقىدىن يان تېلېفوندىن كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ ئاۋازى ۋە كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ، تېلېفون ئۈزۈلۈپ قالدى. تۇرۇبا سۈيىنىڭ نەدىن باشلاپ كېلىنگەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئالدىراپ كەتتىم. مەن يۇرتۇمغا قايتىپ كېلىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئالدىدا ئاق رەڭلىك سۇ تۇرۇبىسى ۋە كۈمۈش رەڭلىك جۈمەك تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق بىلەن كەنتنىڭ ھەممە يېرىگە نەزەر سېلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
شادىيانە سۇ ئېقىمى يەر يۈزىگە ئۇرۇلۇپ، چاچراپ چىققان سۇ تامچىلىرىدىن كۆپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، بەخت ئىچىدە قانائەت ھاسىل قىلغان غايەت زور كۈلگەن چىراي پەيدا بولغان ئىدى. ئانام ئەمدىلا ئېتىزدىن ئۈزگەن كۆكتاتلارنى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا يۇيۇپ، گېپىمگە جاۋاب بېرىپ:«دۆلەتنىڭ دەنجياڭكۇدىن بېيجىڭغا سۇ يۆتكىيەلىشىگە سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ بۇنچىلىك ئارىلىق ھېچقانچە ئىش ئەمەس» دېدى.
يېقىنلا يەردىكى مەكتەپتىن بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇغان ئاۋازى ئاڭلاندى : بېلىقچى قۇش، دەريادا شۇڭغۇپ ئوينىماقتا. قىز مۇلايىم ھەم گۈزەل، يىگىت ئۇنىڭغا قىلدى كۆڭۈل ئىزھارى....
سۇنىڭ قارشى تەرىپى ئىلگىرى يۇرتداشلار كېچە ـ كۈندۈز ئويلايدىغان چۈش ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ چۈش ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى