قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جاھان ئايلانسىڭىز كىتابنى ھەمراھ قىلىڭ

2018-09-29 12:34:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەگەر سىز ئۆزىڭىز كېمە ھەيدەپ دۇنيانى ساياھەت قىلماقچى بولسىڭىز ھەمدە پەقەت بىرلا نەرسىنى ئۆز خۇشاللىقىڭىز ئۈچۈن ھەمراھ قىلىۋېلىشقا توغرا كەلسە ئۇ چاغدا سىز نېمىنى تاللىغان بولاتتىڭىز؟ بىر پارچە گۈزەل رەسىم، بىر پارچە قىزىقارلىق كىتاب، بىر قاپ قارت، بىر مۇزىكا قۇتىسى ۋە ياكى بىر ئېغىز گارمونى... بەلكىم بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللاش تەسكە توختىشى مۇمكىن.
ئەگەر سىز مەندىن سورىسىڭىز، مەن قىلچە ئىككىلەنمىگەن ھالدا سىزگە: «مەن بىر پارچە كىتاب ئېلىۋېلىشنى تاللايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتىم.
«بىر پارچە كىتاب!» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ بەزىلەر: ئەگەر كېمە بىلەن ساياھەت قىلغاندا، يېتىپ تۇرۇپ بىر كىتابنى يۈز قېتىم ئوقۇۋەتكىلى بولىدۇ، ئاخىرىدا يادلىۋېتىشىمىزمۇ مۇمكىن،- دەپ ئۇھسىنىشى مۇمكىن.
بۇنىڭغا قارىتا مېنىڭ جاۋابىم شۇكى، شۇنداق، مەن كىتابنى يۈز قېتىملارچە ئوقۇشنى خالايمەن، كىتابنى يادلىۋەتكۈچە ئوقۇشنىمۇ خالايمەن، بۇنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بولسۇن؟ سىز ئىلگىرىكى دوستىڭىزنى قايتا كۆرۈشنى خالىمايمەن دېمەيسىز، ئائىلىدىكى كۆزىڭىزگە سىڭىشىپ كەتكەن نەرسىلەرنى تاشلىۋەتمەيسىز شۇنداققۇ؟ سىز ياخشى كۆرگەن كىتابمۇ خۇددى شۇ دوستىڭىزغا، ئۆيىڭىزدىكى نەرسىلىرىڭىزگە ئوخشايدۇ. سىز دوستىڭىزنى يۈز قېتىم كۆرگەن بولسىڭىز، بىر يۈز بىرىنچى قېتىم كۆرگىنىڭىزدە، بەلكىم «سىزنىڭ بۇنى چۈشىنىدىغىنىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن» دېيىشىڭىز مۇمكىن. ھەر كۈنى ئۆيگە بارغىنىڭىزدا شۇ ئۆيدە قانچىلىك تۇرغان بولىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر سىز يەنە: «مەن چىراغ نۇرىنىڭ بۇ بۇلۇڭغا چۈشىدىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن. چىراق نۇرى نېمىدېگەن چىرايلىق!» دېيىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
سىز بىر پارچە كىتابنى مەيلى قانچە قېتىم ئوقۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ھەمىشە بىر يىڭىلىقنى بايقايسىز.
شۇڭا، مەن ئۆز كېمەمدە ئولتۇرۇپ، يېنىش-يېنىشلاپ كىتاب ئوقۇشنى خالايمەن. مەن كىتاب ئوقۇغاندا ئالدى بىلەن ھېكايىدىكى پېرسۇناژنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى، ئاپتورنىڭ بۇ ھېكايىنى نېمىشقا يازغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىمەن، ئاندىن كاللامدا بۇ ھېكايىنى داۋاملىق توقۇپ چىقىمەندە، قايتىدىن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن بۆلەكلىرىدىن ھوزۇرلىنىمەن ھەمدە بۇ بۆلەكنى نېمىشقا ياخشى كۆرىدىغانلىقىم ئۈستىدە ئويلىنىمەن. ھەمدە مەن ئۇنىڭ باشقا قىسىملىرىنىمۇ قايتا ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ تازا دىققەت قىلالمىغان تەرەپلىرىنى ئىزدەپ تاپىمەن. ئاخىرىدا مەن كىتابتىن ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى رەتكە تىزىپ خاتىرىلەپ چىقىمەن.
ئەڭ ئاخىرىدا مەن يەنە ئاپتورنىڭ ئوبرازىنى، تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىمەن. بۇ خۇددى كېمىدە باشقا بىر كىشى بىرگە كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.سىز ياخشى كۆرىدىغان بىر پارچە كىتاب دوستىڭىزغا ئوخشايدۇ. قاچانلا بېرىشنى خالىسىڭىز شۇئان بارالايدىغان قەدىمىي جايلارغا ئوخشايدۇ. مەلۈم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇ سىزگىلا تەئەللۇق نەرسە، چۈنكى دۇنيادا ھېچقانداق ئىككى كىشى ئوخشاش بىر كىتابنى ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە ئوقۇمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى