قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جەسەتلەرگە تولغان يېشىل تاغ

2018-09-29 12:41:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭنەنخەي. ماۋجۇشىنىڭ ياتىقىدىكى يېزىق ئۈستىلى ئۈستىدە چاۋشىيەننىڭ ئالدىنقى سەپ پىدائىيلار ئارمىيەسىنىڭ باش شىتابىدىن ئەۋەتىلگەن، قوماندان پېڭ دېخۇەي تەييارلىغان تېلىگرامما تۇراتتى. تېلىگرامما مۇنداق يېزىلغانىدى:
رەئىس:
بۈگۈن سەھەردە، «قوماندانلىق شتابى» دۈشمەن ئايروپىلانلىرىنىڭ قاتتىق بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچرىدى، خۇڭ شۆجى، ماۋ ئەنيىڭلار مېنى بىخەتەر جايغا ئاپىرىپ قويۇپ، ئاندىن ئەنيىڭ ئۇرۇش خەرىتىسىنى ئالغىلى قوماندانلىق شىتابىغا قايتقان ئىدى. بەختكە قارشى دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچرىدى.
رەئىس ياخشى كۆرىدىغان ھەم مەھكىمىمىزنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى يولداش ئەنيىڭ خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى.
تېلىگىراممىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ماۋجۇشى كۈن بويى بىر ئېغىز سۆزمۇ قىلماي، تاماكىسىنى توختىماي چەكتى. ئۈستەل ئۈستىدىكى تاماق نەچچە قېتىم ئىسسىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما پەقەتلا چوكا تېگىلمىگەي تۇراتتى. ئەنيىڭ بولسا ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چوڭ ئوغلى ئىدى.
شۇ يىلى، يەر ئاستى پارتىيەسىدىكى يولداشلار ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ئەنيىڭنى ئىزدەپ تاپقان ۋە بالىنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن ھەمدە يەنە ئەنيىڭنى سوۋىت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ئىدى.
چەتئەلدىكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز قولى بىلەن ئامراق ئوغلى ئەنيىڭنى يېزىغا چېنىقىشقا ئاپىرىپ قويغان ئىدى. شۇ قېتىمقى ئايرىلىشتىن كېيىن ئەنيىڭ ساق-سالامەت ھالدا ئۇنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلەلمىدىغۇ؟ بۇ زادى نېمە ئىش؟
رەئىس كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن قوشۇمىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغان ھالدا «ئەنيىڭ، ئەنيىڭ!» دەپ چاقىراتتى. دەل شۇ چاغدا كاتىپ «رەئىس» دەپ چاقىرغىنىچە كىرىپ كەلدى-دە، تۆۋەن ئاۋازدا: «پىڭ قوماندان، ئەنيىڭ رەئىسنىڭ ئامراق ئوغلى ئىدى. شۇڭا جەسەتنى دۆلەت ئاتلىتىپ قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلسۇن، دەيدۇ» دېدى.
كاتىپ رەئىسكە يەنىمۇ يېقىنلىشىپ تۇرۇپ، پەس ئاۋازدا : «چاۋشىيەن رەھبىرى كىم ئېرسىن تېلىفۇن قىلىپ، سىزدىن ئەھۋال سورىدى، ئۇ ‹يولداش ئەنيىڭ چاۋشىيەن خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن قۇربان بولدى. ئۇ چاۋشىيەن خەلقىنىڭ ئوغلى، شۇڭا ئۇنىڭ جەسىتىنى چاۋشىيەنگە دەپنە قىلساق دەيدۇ» دېدى.
رەئىس بېشىنى كۆتۈرۈپ تورۇسقا قارىدى. قەلبىدىكى ئازابلىرىنى بېسىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆز نۇرلىرىدىن ئوغلىغا بولغان چەكسىز مۇھەببەت ۋە ھەسرەت ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
ئەنيىڭ چاۋشىيەنگە كەتكەندىن كېيىن، ئۇ خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن ئۇنى بېرىپ كۆرۈپمۇ كېلەلمىگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئوغلىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
ماۋجۇشى كۆڭلىدە«ئوغلۇمنى ھايات ۋاقتىدا كۆرۈپ كېلەلمىگەن ئىدىم. ئەمدى جەسىتىنى بولسىمۇ كۆرەي» دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىياللىرىدىن تېزلا ۋاز كەچتى. ئۇ ئۆز-ئۆزىگە: «ئوغلۇمنىڭ ئۆلۈمىدىن ئەلۋەتتە ئازابلىنىمەن. ئەمما ئۇرۇش دېگەندە ئۆلۈش ئىشلىرى بولۇپ تۇرىدۇ. چاۋشىيەن ئۇرۇشىدا بىزنىڭ قانچىلىغان مۇنەۋۋەر قىز ئوغۇللىرىمىز ھاياتىنى قۇربان قىلمىدى. ئەجابا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئازاپلانمىدىما؟ ئۇلارمۇ بالىلىرىنىڭ جەسىتىنى كۆرۈۋېلىشنى ئويلىمىدىمۇ؟ ئەنيىڭ بولسا مېنىڭ ئوغلۇم ھەم چاۋشىيەن خەلقىنىڭ ئوغلى. شۇڭا چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىمەن» دەپ ئۆز-ئۆزىگە تەسەللىي بەردى.
كاتىپ تېلىگرامما خاتىرىسىنى رەئىسنىڭ قول قويۇپ بېرىشىگە تاپشۇرغاندا، رەئىس بىر پەس تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ھالىتىدىن «ئەنيىڭدىن راستىنلا ئايرىلىپ قالدىممۇ؟ ئاتا-بالا ئىككىمىز ئەمدى راستىنلا كۆرۈشەلمەمدۇق؟» دېگەنلەرنى ئويلاۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ شۇ خىياللار بىلەن ئازراق تۇرىۋەتكەندىن كېيىن، كاتىپنى تېلىگراممىنى ئۈستەلگە قويۇشقا شەرەت قىلدى.
ئىككىنچى كۈنى سەھەردە، كاتىپ رەئىسنىڭ ياتىقىغا كەلدى. ئەمما رەئىس سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ياستۇقىنىڭ ئۈستىدە بىر پارچە قەغەز تۇراتتى. قەغەزگە چوڭ قىلىپ مۇنداق يېزىلغانىدى: چىڭشەننىڭ ھەممە يېرى جەسەتلەرگە تولغان، ئات خۇرۇمى بىلەن جەسەت يۆتكەش نە ھاجەت.
خەت ئاستىدىكى ياستۇق كۆز ياشلىرىدىن ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى