قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىيا تاش سىزمىلىرى

2018-09-29 12:43:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇ مىڭدوڭ
شۇ يىلى كۈزدە چوڭ ھىنگان تېغىدىكى شىگېغا بارغاندا، مەن تۇنجى قېتىم قىيا تاش سىزمىلىرىنى كۆردۈم.
شىگې چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ،  ئېگىز تاغدىكى ئورمانلار قويۇق، قىيا تاشلار ئېگىز ھەم تىك، خۇما دەرياسى ئۆركەشلەپ ئاقاتتى. تاغ يولىنى بويلاپ جاپالىق مېڭىپ، تاغ چوققىسىغا چىققاندا، جەنۇب ـ شىمال تەرەپتىكى قىيا تاشلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. چىڭقى چۈشتىكى قۇياش نۇرى قىياغا چۈشۈپ، ئالاچىپار رەڭلەر ئىچىدە قارامتۇل قىزىل رەڭلىك سىزىقلاردىن شەكىللەنگەن رەسىملەر گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەيتتى. رەسىملەر مۇستەقىل ھەم بىر گەۋدە بولۇپ، دەل ـ دەرەخ، گۈل ـ گىياھ، يولۋاس، بۆرە ۋە ئىت، ئېيىق قاتارلىقلارمۇ شۇنداقلا يەنە لىباس كىيمىگەن، ئوقيا تۇتقان، بېشىدا يەنە يۇمىلاق قۇياش، ئەگرى ئاي بار شەخىسلەرنىڭ ئوبرازىمۇ بار ئىدى. مەن بەكمۇ قىزىقىپ قالدىم، دەسلەپتە قايسى ئۆينىڭ بالىسى تاغقا چىققاندا رەسىم قەلىمى بىلەن سىزىپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئالدىغا بېرىپ قولۇم بىلەن سىلىسام، يىغىلىپ قالغان توپىلار تۆكۈلۈپ چۈشتى. سىنچىلاپ قارىسام، رەسىمنىڭ ئەسلى ھالىتىدە ئاددىي ـ ساددىلىق چىقىپ، جۇشقۇن ھالەتتە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەندەك كۆرۈندى. سۈرتۈشكە ئۇرۇنۇپ باقتىم، ئەمما ئازراقمۇ ئۆزگىرىش بولمىدى، پۈتۈنلەي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىلىقلانغان شەكىل ئىدى.
ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، مەن قىيادا كۆرگەن رەسىمنى دادامغا سۆزلەپ بەردىم. دادام بىر پەس تۇرغاندىن كېيىن: «سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز قىيا تاش سىزمىلىرى بولۇشى مۇمكىن، بۇنى قەدىمكى زاماندىكى كىشىلەر سىزغان» دېدى. مەن ھەيران قالدىم، ئەجەبا يىراق قەدىمكى چوڭ ھىنگان تېغىدا ئادەملەر ياشىغانمىدۇ؟ دادام: «بىزىڭ ئائىلىمىز چوڭ ھىنگان تېغىغا ئەمدىلا كەلگەندە، پېشقەدەم مەكتەپ مۇدىرى، چوڭ ھىنگان تېغى قاقاسلىق بولغىنى بىلەن، 10 مىڭ يىل بۇرۇنلا ئىنسانلار بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. ئىنسانلار ياشىغانلا بولسا، چوقۇم بۇنداق ياكى ئۇنداق ئىزلارنى قالدۇرۇپ قويىدۇ». دادام ئېيتقان پېشقەدەم مەكتەپ مۇدىرى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغان ئىكەن. قارىغاندا، قەدىمكى كىشىلەر چوڭ سېربى تېغى دەپ ئاتايدىغان بۇ سىرلىق جاي، بەلكىم توپا، سىئانپى مىللىتى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئولتۇراقلاشقان «ئەجدىھا گۈللەنگەن جاي» بولۇپلا قالماستىن، يەنە قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكى بولۇشى مۇمكىن.
چوڭ ھىنگان تېغى بىر ـ بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەر بىر داۋاننىڭ ئەگرى سىزىقى تەمكىن بولۇپ، قىياپىتى گۈزەل، بۇلۇت ۋە قار ـ يامغۇر، مۇز ۋە ئوتمۇ بار ئىدى. سانسىز داۋانلار خىلمۇ خىل ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ، ۋاقىتنىڭ ئىسسىق-سوغۇقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، قىيا تاش سىزمىلىرىنىڭ رەڭگى ئۆڭمەيلا قالماستىن، بەلكى مەدەنىيەت دەۋرىدە تېخىمۇ نۇر چاچقان ئىدى. قىيا تاش سىزمىلىرى خارابىلىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بەزى قىيا تاش سىزمىلىرى مۇتەخەسسىسلىرى، ئالىملار ۋە قىيا تاش سىزمىلىرى ھەۋەسكارلىرى توپ ـ توپ بولۇشۇپ، دائىم تاغدىكى قويۇق ئورمانلىققا پىيادە باراتتى، بەزىدە بىر قېتىم كېلىپ كېتىشى نەچچە ئايغا سوزۇلاتتى. چوققا بىلەن چوققا ئارىسىدىكى ئويمان يەرلەر ئىنتايىن تار بولۇپ، تەكشى، ئازادە جاينى تېپىش تەس ئىدى. بەزىدە كەڭرەك دەريا جىلغىسى ئۇچىرىسىمۇ، ئەمما ئەگرى ـ بۈگرى ئاقاتتى. بۇنداق مۇھىتتا قەدىمكى دەۋرنىڭ ئىزنالىرىنى ئىزدەش شەك ـ شۈبھىسىزكى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك تەس ئىدى. ئەمما ھەقىقەتەن، قىيا تاش سىزمىلىرى خارابىلىرى بۇ يەرگە تارالغان. مەيلى ئورمان بولسۇن، سۇلۇق يەر بولسۇن، دەرياغا ئۇچىرىغاندا دەريادىن ئۆتۈشكە، غايەت زور قىيا تاشقا يولۇققاندا يامىشىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. گىرەلىشىپ كەتكەن تاغلار، قويۇق ئۆسكەن دەل-دەرەخ، ئوت ـ چۆپلەردىن باشقا پاشا، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. تاغ ـ دەريالىرى، دەريا ـ ئېقىنلىرى، جىلغىلار، ئاق يېغىن تۆكۈلۈپ، سوغۇق شامال گۈرگىرىشى، بارلىق جاپا ـ مۇشەققەتلەر ئاشۇ قىيا تاش سىزمىلىرىدىن تارقالغان قىزىقتۇرۇشقا تەڭ كېلەلمەيتتى.
شىمالىي تاغ ئۆڭكۈرى قىيا تاش سىزمىلىرىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى ئاجايىپ خەۋەرلەرنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدىم، چوڭ ھىنگان تېغىدىكى خۇجۇڭ رايونى بىشۈي بازىرىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. بۇ بازارنىڭ غەربىي شىمالىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بىر تاغ بار بولۇپ، قىسقارتىلىپ شىمالىي تاغ دېيىلىدۇ. تاغنىڭ ئېگىزلىكى نەچچە يۈز مېتىر بولۇپ، ناھايىتى تىك. خۇما دەرياسى شاقىراپ قىلىپ ئېقىپ ئۆتىدۇ. يېقىندىن يىراققا نەزەر سالسام، ئۆزەمنى خۇددى تارىخ مەدەنىيىتىنىڭ شىددەتلىك ئېقىنىدىن كېچىپ ئۆتىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم، ھەر خىل خىياللار ئۆركەشلەۋاتقان دولقۇندەك ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەيتتى. تاغقا يامىشىپ، تاغ قاپتىلىغا چىققاندا، ئۈچ بۇلۇڭغا ئوخشايدىغان بىر تار ئۆڭكۈر ئېغىزى كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولدى. بۇ ئۆڭكۈر دەل قىيا تاش سىزمىلىرى خارابىلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ساھەسى ھەتتا ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرغان شىمالىي تاغ ئۆڭكۈرى ئىدى. تاش ئۆڭكۈرنىڭ ئىچى قاپقاراڭغۇ بولۇپ، كىشىنى چۆچۈتەتتى. 2014- يىلى 8-ئاينىڭ 20- كۈنى، مەملىكەت ئىچىدىكى قىيا تاش سىزمىلىرى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش ئەترىتى شىمالىي تاغدىكى سىرلىق ئۆڭكۈرگە كىردى. چىراغ نۇرى ئاستىدا، نەچچە يۈز ئادەم سىغىدىغان ئۆڭكۈر كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. چىراغ نۇرى ئاستىدا، تاش ۋە  تاش ئۈستىدە، يۇلتۇزلار، گۈل ـ گىياھلار، دەل ـ دەرەخلەر، ئۇچار قۇشلار، ھايۋانلار، ئەمگەك قىلىۋاتقان ئادەملەر، نەزىر ـ چىراغ سورۇنلىرى ۋە ھەرخىل سىرلىق بەلگىلەر ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇراتتى. تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، ئەسھوشىنى يوقۇتۇپ قويغاندەك بولدى.
شامال ئۇچۇرالمىغان، كۈن نۇرىدا قۇرۇپ كەتمىگەن، سانسىزلىغان يىللارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، تاش ئۈستىدىكى سىزمىلارنى يەنىلا كۆرگىلى بولاتتى. مەن يەرلىكتىكى بىر خىزمەتچى خادىمدىن قىيا تاش سىزمىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن يوقالماي ساقلىنىپ قېلىش سەۋەبىنى سورىسام، ئۇ: «بۇ قەدىمكىلەر گىل دەپ ئاتىلىدىغان قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك مىنېرال ماددىنى پارچىلاپ پاراشوكقا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھايۋانلارنىڭ قېنىنى قوشۇپ سىزغانلىقىدىن بولسا كېرەك» دېدى. مېنىڭ چۈشەنمەسلىكىمدىن ئەنسىرەپ، ئۇ يەنە بىر ئېغىز گەپ قوشۇپ قويدى: «گىل شۇ چاغدىكى كىشىلەر دائىم ئىشلىتىدىغان بوياق». قارىغاندا قەدىمكى كىشىلەر رەسىم سىزىشتا ئۆزىنى كامالەتكە يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئەقىل ـ پاراسەتلىك ئىكەن.
كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام، قىيا تاش سىزمىلىرىنى دەسلەپ كۆرگىنىمدە، ماڭا بەرگەن تەسىرى خۇددى كىچىك ۋاقتىمدا بور بىلەن كەنتنىڭ غەربىي تېمىغا سىزغان رەسىمگە ئوخشاش، ئاددىي ـ ساددا، سەمىمىي بولۇپ، بەزىدە ئادەم ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈۋېتەتتى. لېكىن ئون مىڭ يىل بۇرۇنقى رەسىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانچە قوپال، ئاددىي بولسىمۇ ئەينى چاغدا بىر قەدەر يۇقىرى بەدىئىي ئىپادىلەش شەكلى ھېسابلىناتتى. ھەرىكەت، تىل، ئاۋاز ھەمىشە سىزمىنىڭ جانلىقلىقىغا يەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ دەۋردە تاش ئۈستىگە رەسىم سىزىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشنىڭمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ. قىيا تاشلار ئالدىدا تۇرۇپ، مەن قاتتىق ئويغا چۆمدۈم. ئون مىڭ يىل ئىلگىرى، قىياتاش سىزمىلىرى ئىنسانىيەتكە خاس مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ قالغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قويۇق ئىپتىدائىي پۇراققا ئىگە چوڭ ھىنگان تېغىغا ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت ئوتى ئاللىقاچان تۇتاشقان ئىدى.
قىياغا سىزىلغان رەسىم يۈرەككە سىڭىپ كەتتى. چاغاندا مەن خۇبېيدىن خېيلوڭجياڭغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزگەندە، دادام بىلەن چوڭ ھىنگان تېغىدىكى شىگېدا قىيا تاش سىزمىلىرى بىلەن ئۇچراشقان ئىش ئۈستىدە قايتا پاراڭلىشىپ قالدىم. دادام ھاياجانلانغان ھالدا: «بۇ سىز بايقىغانلىرى، بايقالمىغانلار، بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلاردا ساقلانغانلاردىن يەنە قانچىلىك بارلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. كونا ئورمانلىق چوڭىيىپ كەتتى، ئادەمگە تايىنىپ تەكشۈرسەك، قانچىلىك ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ بولغىلى بولىدۇ؟» ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، بىر پارچە رەسىم، بىر قاتار بەلگىلەر، تاغ داۋانلاردىكى تاشلارغا سىزىلىپ، ئورمانلىق ۋە ئۆڭكۈرلەرگە يوشۇرۇلۇپ، جىمجىت ھالدا ئىزدىنىش ۋە بايقاشنى كۈتمەكتە ئىدى.
قىياتاش سىزمىلىرىنى تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ھەر بىر تاشنى بوش قويىۋەتمەسلىكىنى، ھەر بىر قىيا تاش سىزمىلىرى بار يەرنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر قېتىملىق ئىنچىكە تەكشۈرۈشتە چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ تارىخى يەنىمۇ ئايدىڭلىشىپ، قەدىمكى چوڭ ھىنگان تېغىدىكىلەرنىڭ ئەسلى قىياپىتى، مەدەنىيىتى، ئۆرۈپ ـ ئادىتىنى دۇنياغا تونۇتتى. بىز ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى پەرەز قىلالمايمىز، ئەمما كەينىمىزگە بۇرۇلساق، بىز يەنىلا تارىخ دېڭىزى چاڭ ـ توزانلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بەزى ئىزلارنى تېپىپ چىقالايمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى