قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توغراققا ئوخشاش ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش

2018-09-30 11:42:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:

2003- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرىدىن بىرى بولغان، شىنجاڭ تېببىي پەنلەر داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خۇاڭ خۇي ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ كېسەللەرگە مۇلازىمەت قىلدى. مۇلازىمەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن خۇاڭ خۇي بۇ يەردە داۋاملىق قېلىشنى قارار قىلدى.

2003- يىلى خۇاڭ خۇي باشقا 18 پىدائىي بىلەن بىرلىكتە ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كەلدى. دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىدە مۇلازىمەت قىلىش مەزگىلىدە، خۇاڭ خۇي دائىم يېرىم كېچىدە تېلېفون كەلسىمۇ، ئورنىدىن قوپۇپ دەرھال بۆلۈمگە باراتتى. بەزىدە ئۇدا نەچچە كۈنلەپ ياخشى ئۇخلىيالمايتتى. ئۇ گەرچە ھېرىپ- چارچىسىمۇ، خىزمەتنى يەنىلا ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ داۋالاش شارائىتى ناچار بولغانلىقتىن، مەن كۆپچىلىكنىڭ بىزگە بولغان ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم. شۇڭا، مەن پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ۋاقتى توشقاندىن كېيىنمۇ، بۇ يەردە داۋاملىق قېلىپ كېسەللەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى تاللىدىم.

ۋۇ دېڭيۈنگە ئوخشاش دوختۇر بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى كېسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش خۇاڭ خۇينىڭ ئارزۇسى ئىدى. 2007- يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، سېسترالار مەسلىھەت سوراش ئورنى ئالدىدا بىر سىستېرا ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك چىققان، پۇت- قوللىرى تارتىشىپ قالغان بىر ھامىلدار ئايالنى تۇتۇپ جىددىيلەشكەن ھالدا يەردە ئولتۇراتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن خۇاڭ خۇي تەجرىبىسىگە ئاساسەن بۇ ھامىلداردا كۆرۈلگەن ئەھۋالنىڭ «ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى» ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى. ئۇ دەرھال بۇ ھامىلدار ئايالنى تۇغۇت ئۆيىگە يۆتكەپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى. بۇ ھامىلدار ئايال ۋاقتىدا جىددىي قۇتقۇزۇلغانلىقتىن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر ئوغۇل بوۋاقنى سالامەت يەڭگىدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى «ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى» ئەھۋالىغا تۇنجى قېتىم دۇچ كەلگەچكە، نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغانىدى. ئەمما، خۇاڭ خۇي خەتەرلىك پەيتتىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ بۇ ئانا- بالىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن بۆلۈمدىكى خىزمەتداشلار ئۇنىڭ قابىلىيىتىگە بارىكاللا ئېيتىشتى.

بۇ بىر نەچچە يىلدا، خۇاڭ خۇي ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، ئۇلۇغچات ناھىيەلىك مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئۇلۇغچات ناھىيەلىك ئانا- بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. ئۇ تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن جايىدا چىقىپلا قالماي، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ كۈچ چىقاردى. ئۇ ھەر بىر ئىش ئورنىدا تىرىشىپ ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا قىزغىن مۇلازىمەت قىلدى. خۇاڭ خۇي مۇنداق دېدى: مەن ئۇلۇغچاتتا ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلالايدىغان كەسىپكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە بىر بەختلىك ئائىلەممۇ بار بولدى. ھەر قېتىم ئەينى يىللاردىكى تاللىشىمنى ئويلىساملا، ناھايىتى خۇشال بولىمەن ھەمدە ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىمەن.

خۇاڭ خۇينىڭ خىزمەت نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن، جۇڭگو پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئالتۇن مېدالىغا، ئاپتونوم رايون بويىچە «4- ماي» ياشلار مېدالىغا، ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى» دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ھەمدە ئاپتونوم رايون بويىچە سەھىيە سىستېمىسىدىكى «تۆھپىكار ئايال» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. خۇاڭ خۇي مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر تۈركۈم ئىرادىلىك ياشلار پارتىيەنىڭ چاقىرىقى بويىچە شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشۇپ، توغراققا ئوخشاش شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. ئورتاق تىرىشچانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسىدە شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى