قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چۆپ يىيىش قائىدىسى

2018-09-30 12:44:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«ئۇن تاماق خۇمارلىرى»-- ئاتا- بوۋىلىرى گۈرۈچ بىلەن ئوزۇقلىنىشنى ئاساس قىلغان چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردىكى ئۇن تاماقلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ نامى. بۇ خىل قىزىقىش چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان.
چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى كىشلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەخسۇس چۆپ يىيىش ئۈچۈن ئالاھىدە كەلگەنلەرنىڭ تەلىپى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. بىر قاچا چۆپكە نىسبەتەن ئۇنىڭ ئاش سۈيى، چۆپى، قىيمىسى قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىن ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئاش سۈيى ساپ، تەملىك، قويۇق بولىشى كېرەك، ئادەتتە ئاش سۈيى توخۇ ياكى يىلان بېلىق سۆڭىكىنى قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. دارا- دەرمەك بىلەن تەڭشەلگەن ئاش سۈيىمۇ ياكى سۆڭەكنى سۇس ئوتتا ئاستا قاينىتىپ تەييارلىغان شورپىمۇ بۇنى تەجرىبىلىك كىشىلەر بىرلا تېتىپ بىلەلەيدۇ. خېمىرنى كۆپرەك ئارىلاشتۇرۇپ، خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسىدا نەچچە قېتىم بېسىش كېرەك. بۇنداق چۆپلەرنىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشى، جانلىق بولىدۇ. ئادەتتە خېمىرغا ئەھمىەت بېرىدىغانلار كۆپىنچە توخۇم سېلىپ يۇغۇرىدۇ. قىيمىنى تەييارلاشتا، ئالدىن پىشۇرۇپ تەييارلانغان دۈملەپ پىشۇرۇلغان گۆش، بېلىق، قۇلۇلە، گۆشتە ئېچىتىلغان ميەنجىن، تۇخۇم، توخۇ گۆشى، ئاچچىق سەي، قورۇلغان گۆش قەلەمچىسى، بېيجىڭ قىيامى گۆش قەلەمچىسى، راك، بېلىق پارچىسى، سىڭىر، قوش موگۇ قاتارلىقلار بار. ئالاھىدە تەملىك خۇەيياڭ قورۇمىسى ئاساس قىلىنغان چۆپنىڭ قىيمىلىرىنىڭ ماتېرىيالى يېڭى، قورۇما تەملىك، قويۇق ماي قىيامى، تۇزلۇق تەمى كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ. ئەجداتلىرىمىز ئاش سۈيى، چۆپى ۋە قىيمىسىنىڭ ئۆزگىچە تەمىنى بەرپا قىلغاندىن سىرت يەنە بۇ ئۈچ تەم بىرلەشكەندىكى ئۆزگىچە ئالاھىدە خاسلىقنى ئوخشىمىغان شەكىللەر ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. ئۇلار بەزىدە قىيما قورۇمىسىنى ئايرىم تەقسىگە تەييارلىسا، بەزىدە چۆپنىڭ ئاستىغا قويغان. بۇنداق بولغاندا چۆپ بىلەن قىيمىنىڭ تەمى تېخىمۇ زىچ بىرلىشىپ، ئۆزگىچە پۇراقنى ھاسىل قىلىدۇ.
ئەجدادلار ياخشى كۆرۈپ كەلگەن تەمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس مۇقىم قىزىقىشى بار. تەجرىبىلىك خېرىدارلار ئاشخانىغا كىرگەندە، تاماق تىزىملىغىچىغا ئالاھىدە تاپىلايدۇ، تاماق تىزىملىغۇچىلار ئاشخانىدىكىلەرگە قاراپ: چۆپى كۆپ ياكى ئاز بولۇش، ئاش كۆكى سېلىش ياكى سالماسلىق، سامساق كۆكىنى سېلىش- سالماسلىق قاتارلىقلارنى جېكىلەيدۇ. بۇ ئىنچىكە تەپسىلاتلار شۇ كىشىنىڭ تەم ئارزۇسىىنى چىقىش قىلىدۇ. چۆپ يىيىش ئۈچۈن كەلگەنلەر تاماق بۇيرۇتقاندا چىرايلىق سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن. مەسىلەن: بىر چىنە قۇرۇق چۆپ بۇيرۇتماقچى بولغاندا «بىر چىنە چۆپ» دىمەي، «ياڭ چۈن چۆپىدىن بىر قاچا» دەپ بۇيرۇتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئىللىق قۇياش نۇرىغا تولغان باھار كۈنلىرى نامايان بولىدۇ.
چۆپ يىگۈچىلەر كۆپ قېتىم تېتىپ بېقىپ پەرقلەندۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان بىر ئاشخانىنى تاللايدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شۇ ئاشخانىنىڭ دائىملىق خېرىدارىغا ئايلىنىدۇ. چۆپ يىيىشكە ھېرىسمەن كىشىلەر ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاشخانا ئەمدىلا ئېچىلىشىغا چۆپ يىگىلى كېلىشىدۇ. بۇلار ئەڭ دەسلەپكى چۆپنى يىيىشنى مەقسەت قىلغانلار، ئەڭ دەسلەپكى چۆپ دېگىنىمىز، ھەر كۈنى ئاشخانا ئېچىلىپ تۇنجى قازاننىڭ چۆپى بولۇپ، چۆپ قاينىتىلغان سۇ سۈزۈك، پىشۇرۇلغان چۆپ جانلىق، تىرىك بولىدۇ. مانا بۇ خىل چۆپنى يىگىلى كەلگەنلەر كۆپىنچە تونۇش خېرىدارلار بولۇپ، ئاشخانىغا كىرىشى ھامان، تاماق تىزىملىغۇچى زاكاسنى چۈشىرىۋېتىدۇ، ئاندىن ئالدىن تەييارلاپ قويغان كىچىك تەخسىلىك سوغۇق سەينى جوزىغا ئېلىپ كېلىدۇ، بىر قاچا چۆپ خېرىدارنىڭ ئالدىغا قويۇلغاندا ئۇ بىر قاراپلا ئۇستامنىڭ ئالماشقانلىقىنى بىلەلەيدۇ: «جۇ ئۇستام، يوقكەندە؟»، «شۇنداق، جۇ ئۇستامنىڭ ئۆيىدە ئازراق ئىشى چىقىپ قېلىپ، رۇخسەت سورىۋېدى، بۈگۈن يېڭى كەلگەن لى ئۇستام تاماق قىلىۋاتىدۇ».
ئەتىگەنلىك تاماقتىن باشقا، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكىلەر يەنە كەچلىك چۆپ يېيىشكە ئادەتلەنگەن. كەچلىك چۆپ، كەچلىك تاماق دېگەن مەنىدە. ئىلگىرى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا كەچلىك تاماق دېگەن گەپ يوق ئىدى. كەچلىك تاماق ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، گۇاڭدۇڭدىن تارقىلىپ كەلگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى كىشىلەر پەقەت «كەچلىك چۆپ يەيمىز» دىيىشەتتى. كىشىلەر دو تىكىشكەندىمۇ، ئۇتتۇرۇپ قويغۇچى باشقىلارنى چۆپتە مېھمان قىلاتتى.
بەزىلەر كەچلىك چۆپ يىگەندە يالغۇز چۆپلا ئەمەس، يەنە ئازراق قورۇما بۇيرۇتۇپ، بىرەر بوتۇلكا ھاراقمۇ ئىچىپ قويىدۇ. ئىچىپ خېلى تەڭشىلىپ قالغاندا ئاندىن ئاساسىي تېمىغا چۈشىدۇ. ئۇلار يەنە ئىككى چىنە چۆپ بۇيرۇتىدۇ، چۆپ چىققاندا رومكىدىكى ئېشىپ قالغان ھارىقىنى چۆپ ئۈستىگە قويىدۇ- دە، چۆپنى تازا ئېلىشتۇرۇپ، يەيدۇ. خام چۆپ يىيىشنى خالايدىغان كىشىلەر كۆپىنچە ئالاھىدە دەرىجىلىك چۆپ خۇمارلار ھېساپلىنىدۇ. ئاشپەز چۆپنى قايناپ تۇرغان قازانغا بىرلا سېلىپلا سۈزۈۋالىدۇ، بۇنداق چۆپنى يىگەندە چۆپنىڭ ئىچى يەنىلا خام بولىدۇ. خام چۆپ يەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قەپەس كۆتۈرۈپ كېلىپ تاماق يەيدۇ، ئاندىن قەپەسنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كېتىدۇ. باغچىغا بېرىپ، قەپەسنى دەرەخكە ئېسىپ قويۇپ، دەرەخ ئاستىدا ئولتۇرۇپ بىر چەينەك «بىلوچۈن» چېيىنى دەملەپ ئىچىدۇ. چاينىڭ خۇشپۇرىقى بىلەن خام چۆپنىڭ لەززىتى قوشۇلۇپ، ئۇلارنى ئاستا- ئاستا ئۇيقۇ باسىدۇ. بۇ چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئەنئەنىۋى شەكىلدە ياشايدىغان ئەرلەرنىڭ ئۆزگىچە ھۇزۇرى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى