قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خۇاڭگوشۇدا شارقىراتما ئاۋازىنى ئاڭلاش

2018-09-30 12:46:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسىنى تەبىئەتنىڭ بىر نادىر ئەسىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئاپتومۇبىل خۇاڭگوشۇ مەنزىرە رايونىغا يېتىپ كەلگەندە، يىراقتىن سۇنىڭ شارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى، شامال دەرەخ شاخلىرىنى يەلپۈپ ئۆتكەندە، ئاستا- ئاستا چىقىۋاتقان شارقىراتما ئاۋازى ئادەملەرنىڭ شاۋقۇن- سۈرەنلىرىنى بېسىپ كىتەتتى- دە، زىمىندا خۇددى پەقەت سۇنىڭلا ئاۋازى باردەك تۇيۇلاتتى..
دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدىن قارىسىڭىز، بىر پارچە ئاق پەردىنىڭ قىيا تاشقا ئېسىلغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىنىڭ ئۈچ قەۋەت ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. ئۇ خۇددى ئاق شايى رەخت توقۇش ماشىنىسىدىن يېيىلىپ چىقىۋاتقاندەك، ماشىنىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى بىلەن بىرلىشىپ، بۇلۇتلارغا يېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ.
بىزنىڭ بارغان ۋاقتىمىز سۇنىڭ تارتىلغان پەسلىگە توغرا كەلگەچكە، شارقىراتمىنىڭ سۈيى ئۇنچىلىك ھەيۋەتلىك ئەمەس بولۇپ، شۈ شىياكېنىڭ ساياھەتنامىسىدە تەسۋىرلىگىنىدەك كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالالمايتتى. شۇڭا، ساياھەتچىلەرمۇ شالاڭ بولۇپ، كوچىلاردىكى دۇكانلارمۇ ئاللىبۇرۇن تاقىلىپ قالغان ئىدى. يەرلىك كىشىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، سۇ كۆپ مەزگىلىدە، شارقىراتمىدىن چاچراپ چىققان سۇ تامچىلىرى شامال بىلەن ھەر يان چېچىلىپ، ھەتتا نەچچە يۈز مېتىر يىراقلىققىمۇ بارالايدىكەن. شارقىراتمىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تاشلىق ئۈستىگە جايلاشقان خۇاڭگوشۇ بازىرى «كۈمۈش پۇل چېچىش كوچىسى» نىڭ ئاجايىپ قىياپىتىنى نامايان قىلىدىكەن ھەم مىغ- مىغ ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋالىدىكەن.
ئەپسۇس، بىز ياخشى پەيتىدە كېلەلمىگەچكە، ھەيۋەتلىك مەنزىرىلەرنى كۆرەلمىگەنلىكىمىزدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇق.
خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى تاغلار بىلەن ئورالغان جىلغىغا جايلاشقان ئىدى. بىز غەرپ تەرەپتىكى تاش پەلەمپەينى بويلاپ كېتىۋاتقىنىمىزدا، تاغ ئىچىدە بىرمۇ ئىنسان يوق، جىلغىدا پەقەت «شار-شار» قىلغان شارقىراتما ئاۋازىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. شارقىراتمىنىڭ ئەكس ساداسى خۇددى مىڭلىغان تۆۋەن ئاۋازلىق باس ئىسكىرىپكىلاردىن ياڭرىغان يېقىملىق مىلودىيەگە ئوخشاپ كىتەتتى.
بىز جىلغىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە سۇ بويىدىكى بىر تاشتا ئولتۇردۇق. بىر پارچە يېشىلچىلىق ئاق پەردىدەك شارقىراتمىنى ئايرىپ تۇرغان بولۇپ، خۇددى قولنى سوزۇپلا يۈزىنى قايرىغاندەك، سۇ تامچىلىرى سۇس تۇماندىكى شەبنەمگە ئوخشاش، يۈزلىرىمىزگە چاچرايتتى.
خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى گەرچە لۇشەن شارقىراتمىسىدەك چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما شارقىراتما يۈزى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. ئەينى يىللىرى شۈ شىياكېنىڭ «بىر ئېرىق سۇ بۇژغۇن چاچراتتى كۆكتە، ئېرىقتىكى تاشلار پەقەت نىلوپەر يوپۇرماقلىرى ئاستىدا، سۇ يوپۇرماقلار يۈزىدىن ئېتىلىپ چۈشەر پەسكە» دېگەن تەسۋىرلىرىنىڭ توغرىلىقىدىن قايىل بولماي تۇرالمىدۇق.
شارقىراتمىنىڭ ئاۋازى خۇددى گۈلدۈرماما ئاۋازىغا ئوخشاش تاغلاردىن جىلغىلارغا قايتاتتى. خۇددى يۇمىلاق مۇزىكا كۆلچىكىگە كىرىپ قالغاندەك، ئەتراپتىن يېقىملىق مۇزىكا ئاۋازى كېلىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. ئەگەر ئادەم دولقۇن يۈزىگە چىقىپ، دولقۇنلار بىلەن بىرلىشىپ كېتەلىگەن بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا خۇددى ھەر بىر ھۈجەيرىلىرى ئاجايىپ ھاياتىي كۈچكە تولغاندەك، تەبىئەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايتتى. 
بىز تاش ئۈستىدە خېلى ئۇزۇن ئولتۇردۇق. مۇزدەك سۇ تامچىلىرى قىززىق يۈزلىرىمىزگە ئۇرۇلاتتى ۋە كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى ھۆل قىلاتتى. بىز جاراڭلىق ھەم ھەيۋەتلىك شارقىراتما ئاۋازىغا مەستخۇش بولغىنىمىزدىن كۆكرەك قەپىزىمىز خۇددى كۆز ئالدىمىزدا يېيىلىپ تۇرغان جىلغىغا ئوخشاش كېڭىيىپ كەتكەندەك بىلىندى. شارقىراتما تەبىئەتكە تۈگىمەس ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىپ، تەبىئەتنىڭ ساپ، زىل ئاۋازىنى ياڭرىتاتتى.بىز كۆل بويىدىن ئايرىلىپ، تاشلارنى بويلاپ كۆل بويىدىكى بىر سۇپىغا چىقتۇق. بۇ يەردىكى يېشىل ئورمانلىق ئارىسىغا شۈ شىياكېنىڭ ھەيكىلى تىكلەنگەن بولۇپ، ئۇ شارقىراتمىغا تىكىلگىنىچە، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. دەل شۇ پەيتتە مەنمۇ پۈتۈن قەلبىم بىلەن بۇ مەنزىرىگە مەپتۇن بولغان ئىدىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى