قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مىللىي مەدەنىيەت دائىرىسىدىكى ئېسىل نامايەندىلەر ــ رەڭگارەڭ، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئەسەرلىرى

2018-09-30 12:48:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جاڭ تيەنمەن

جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ رەڭگارەڭ مەدەنىيىتى شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتى، سەنئەتكارلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۇلارنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى مۇھىم خام ماتېرىيال بولۇپ قالدى. ھازىرقى زاماندا، مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن رەسساملار مەيدانغا كەلدى. ئۇلار مىللىي مەدەنىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، ھازىرقى زامان سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ۋە يېڭى نۇقتىسىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىۋاتىدۇ. بۇمۇ يېقىنقى مەزگىلدە يەنخۇاڭ سەنئەت سارىيىدا بىر يىلغا يېقىن تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، «جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈشتىكى دەسلەپكى مەقسەت.
مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە روھى قىياپىتىنى قانداق قىلىپ سىستېمىلىق نامايەن قىلىش ھەمدە ئىجادىيەتتە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئۆزگىچە سەنئەت قىياپىتىنى قانداق ئىپادىلەش بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ئالاھىدە مۇلاھىزە نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
 خۇاڭ ۋېي ئەپەندى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىس. كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن ئىزچىل تۈردە خۇاڭ ۋېي ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋە سەنئەت كەچۈرمىشلىرىنى پىششىق ئېگىلىدىم. ئۇزاق ۋاقىت ئويلىنىش ۋە ئالاقىدار ئوبزورچى، سەنئەتكارلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، كاللامدا خۇاڭ ۋېينى يېتەكچى قىلىپ، خۇاڭ ۋېينىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت سەنئتكارلىرىنى بىرلىكتە كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش ئويۇم پەيدا بولدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن كېيىن، دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت تېمىسىدىكى ئادەم رەسىملىرىنىڭ ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق نامايان قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. كۆرگەزمە مەيدانىنى خۇاڭ ۋېي قاتارلىقلار قۇرغان يەنخۇاڭ سەنئەت سارىيىدا تەسىس قىلىش، ھۆرمەت قىلىش ۋە خاتىرلەش مەنىسىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، خۇاڭ ۋېي ئەسەرلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ «دەۋر مارشى» ناملىق 1- بۆلىكىدە خۇاڭ ۋېي ئەسەرلىرىدىن 17 پارچە ئەسەر قويۇلغان بولۇپ، ھەمممسى دىگۈدەك ئىجادىيىتىنىڭ 2- يۇقۇرى پەللىسى بولغان 20- ئەسىرنىڭ 70-، 80- يىللىرى ئىجات قىلىنغان نادىر ئەسەرلەر ئىدى. بۇ ئەسەرلەردە تاجىك، قازاق، ئۇيغۇر، موڭغۇل، چاۋشيەن قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېڭى تۇرمۇشى ۋە روھىي ھالىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېلىمىز سەنئەت مائارىپى ۋە سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، زور بىر تۈركۈم سەنئەت ئىجادىيەت خادىملىرىنى يېتىشتۈردى. ھازىر، ئوخشىمىغان ياشتىكى سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتى ئىنتايىن جانلاندى. يېڭى جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى ئىجادىيەتنىڭ تومۇرى ۋە نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق نامايەن قىلىپ، سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ سىجىللىقىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، كۆرگەزمىگە ياشانغان، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد سەنئەتكار ـ ـ ـ خۇاڭ ۋېينىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئەگەشكۈچىسى، خۇاڭ ۋېي گۈزەل سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەردىن سىرت، يەنە مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى، مەركىزىي گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنى، جۇڭگو سەنئەت تەتقىقات يۇرتى، پايتەخت سىفەن داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت تېمىسىدىكى ئىجادىيەتكە ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن سەنئەتكارلار قاتناشتى. بۇ 30 رەسسامنىڭ ئەسىرى «تۇرمۇشنى كۈيلەش» ۋە «روھنى مەدھىيىلەش» دىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، دەۋر تۇيغۇسىغا ئىگە بەدىئىي ئۇسلۇب ئارقىلىق ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش مەنزىرىسى ۋە روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلغان.
كۆرگەزمىگە قاتناشقان بۇ 30 سەنئەتكار ئىچىدە، 12 ئاز سانلىق مىللەت سەنئەتكارى بار. ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان تەسىراتى تېخىمۇ چوڭقۇر، ھېسسىياتى تېخىمۇ سەمىمىي. بۇ باشقا كۆرگەزمىلەردە كۆپ ئۇچرىمايدۇ. بۇ سەنئەتكارلار يېڭى جۇڭگونىڭ مىللىي مائارىپتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدە ئالىي مەكتەپنىڭ سىستېمىلىق تەربىيەسىنى ئالغان بولۇپ، چوڭقۇر ئىجادىيەت ئاساسى ۋە مەدەنىيەت ساپاسىغا ئىگە. شۇڭا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كۆرگەزمىدە ئېلىمىزنىڭ مىللىي مائارىپتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ مول سەنئەت نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان ئىدى.
كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى تاللاش جەھەتتە، ئالدى بىلەن ئەسەرلەرنىڭ رېئاللىقىغا دىققەت قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ مول ئادىمىيەت تارىخى ۋە رەڭدار رايون مەدەنىيىتىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن نامايەن قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىلدى. بۇ قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشقان سەنئەتكارلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇاڭ ۋېي ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن «سەنئەت تۇرمۇشتىن كېلىدۇ» دېگەن ئىجادىيەت ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا يىلتىز تارتىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى كەڭ، مەزمۇنى مول بولۇپلا قالماي، ھەقىقىي جانلىق. ئۇنىڭدىن قالسا، ئەسەرلەر ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، تاجىك، قازاق، ئۇيغۇر، دەيزۇ، موڭغۇل، زاڭزۇ، چاۋشيەن، ئېۋېنكې، خۇيزۇ، ۋازۇ، شىبە، مياۋزۇ، ياۋزۇ، بەيزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇشىنى كۆپ نۇقتىدىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
كۆرگەزمىگە قاتناشقان سەنئەتكارلار ئەستايىدىل ئىجادىيەت پوزىتسىيىسى بىلەن، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى سەنئەت ئامىللىرى ۋە خام ماتېرىياللىرىنى سەزگۈرلۈك بىلەن تۇتۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئۆرپ- ئادىتىنى پىششىق بىلىش ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئىجات قىلىنغان ئەسەرلەر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتىنى ھەقىقىي ھەم بەدىئىي گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. كىيىم- كېچەك، تۇرمۇش قاتارلىق مەزمۇنلار كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ ئۆزگىچە سەنئەت قىياپىتى ۋە سەنئەت ئۇسۇلىدىكى يېڭىلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. كۆرگەزمىگە قاتناشقان سەنئەتكارلار ئاز سانلىق مىللەتلەر تېما قىلىنغان سەنئەت ئىجادىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ماھارەت، شەكىل، رەڭ قاتارلىق جەھەتلەردە ھازىرقى زامان سەنئەت تىلىدا دادىل يېڭىلىق يارىتىشنى سىناپ كۆرگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ باش تېمىسى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا ئىلگىرلىشىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، يەنە مول مەزمۇنلۇق مىللىي مەدەنىيەتنىڭ جۇڭگولۇقلارغا ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى تىل ئۆزگىرىشىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە تېخىمۇ كۆپ سەنەتكارلارنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سەنئەت قەلىمى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى خىلمۇ- خىل غايەت زور مىللىي مەدەنىيەت مەنزىرىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى