قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پوسكام ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش› خىزمەت ئەترىتىنىڭ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا

2018-09-30 13:08:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«سادىق، ئادىل، پاك، مەدەنىيەتلىك بولۇش»-- تەپتىشلەر كەسپىي ئەخلاقىنىڭ تۈپكى مىزانى. پوسكام ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پوسكام يېزا يۇقىرى قالغېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى  بۇ پىرىنسىپقا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەشكە يېتەكلەپ، خىزمەت تەپەككۇرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەل رايىنى مۇجەسسەملىدى.
كەنت «ئىككى كومىتېت»دا ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، خىزمەت ئەترىتى  يېتەكلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، قولمۇ- قول چارە-تەدبىر ئۆگىتىپ، پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خىزمەت پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، ئورتاق ئۆگىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «تۆتنى مۇھاكىمە قىلىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىن قول سېلىپ، ھەر دۈشەنبە كۈنى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلاش تاختىسىدا كەنتنىڭ پارتىيە ئىشلىرى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى، مالىيە كىرىم ـ چىقىم قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئېلان قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، كەنت «ئىككى كومىتېت» نىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈردى.
كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەنۋەر ئۆمەر ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دىدى: «خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىرگە بىر ياردىمىدە، كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيىسى بىرلىككە كەلدى، تەشكىلىي تۇرمۇش قېلىپلاشتۇرۇلدى،كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدارى ئۆستى، كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئىناۋىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، كۆپچىلىك بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇپ، خىزمەتنى تېخىمۇ قالتىس ئىشلىدى.
 خىزمەت ئەترىتى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «قانۇن-تۈزۈم دەرسخانىسى»، «قانۇن- تۈزۈملەرنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيىنىڭ تۈرلۈك سىياسەت ۋە قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، «ئىككى كومېتېت» كادىرلىرىنىڭ قانۇن بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى قانۇنىي تەپەككۈر بويىچە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاساسى قاتلامدىكى زىددىيەت-توقۇنۇشلارنى بىخ ھالىتىدىلا ھەل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. يۇقارقى قالغېرىق كەنتىدە تەدرىجىي ھالدا قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈلمىگەن مۇنداق بىر بەلگىلىمە شەكىللەندى: دېھقانلار تەلەپ قىلغان ئىش بولسىلا كادىرلار باشلامچى بولۇپ ئورۇنداش. كەنت «ئىككى كومېتېتى» نىڭ دېھقانلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنىڭ ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، 25 نەپەر دېھقان پارتىيىگە كىرىش ئىلتىماسى تاپشۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 14 نەپەر دېھقان تەربىيلىنىۋاتقان پارتىيىگە كىرىش ئاكتىپلىرى قاتارىغا كىردى.
   يۇقارقى قالغېرىق كەنتىدە 303 ئائىلە 1مىڭ 84 نوپۇس بولۇپ، ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بىجىرگەن نامرات ئائىلىدىن 452 سى بار ئىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە كەنت «ئىككى كومېتېتى» ھەر بىر نامرات ئائىلىنىڭ ئەمگەك كۈچى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، تەرەققىيات ئارزۇسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئېھتىياجى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئومومىيۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، بىر- بىرلەپ ئىنچىكە مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىق سەۋەبىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ھويلا ـ ئارام ئىگىلىكى، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز كەنتىدىكىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يۆنىلىشى قىلدى.
ناھىيە بازىرىغا يېقىن كەنت بولۇش سۈپىتى بىلەن،يۇقارقى قالغېرىق كەنتىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»  خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومېتېتى» پوسكام ناھىيە بازىرىدىكى كۆكتات بازىرىنى نىشانلاپ، ھويلا -ئارام ئىگىلىكى تۈر مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 268 ئائىلىنىڭ ھويلا -ئاراملىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ئولتۇراق ئۆي، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقتىن ئىبارەت «ئۈچ رايون»نى ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ «كىچىكرەك كۆكتاتلىقى بولۇش، ھەربىر ئائىلىدە ئۈزۈم بارىڭى» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. خىزمەت ئەترىتى يەنە يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، دېھقانلارنىڭ شوخلا، لازا، جاڭدۇ، كاۋا قاتارلىق  كۆكتاتلارنى تېرىشقا يېتەكچىلىك قىلدى، يەنە كېلىپ كۆپچىلىك ئىشلەپچىقىرىۋاتقان كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى ھويلا ئاراملاردىن چىققان زىيانسىز كۆكتاتلار بولغاچقا، پۈتۈن بۇ كەنتتىكى كۆكتاتلار تېخى بازارغا چىقماي تۇرۇپلا توپ سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى تەرىپىدىن ئالدىن زاكاس قىلىنىپ تۈگدى.
تېرىقچىلىق ئىشلىرىدىن باشقا، خىزمەت ئەترىتى پوسكام ناھىيەسىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇنلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى نىشانلىق تەربىيلەپ، بىر ئائىلىدىن بىر ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ تىرىشچانلىقدا، يۇقارقى قالغىرىق كەنتىدىكى نامرات ئائىلىلەردىن  مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 104 كە يەتتى.
كونىلاردا: «ئادىل ئەمەلدارنىڭمۇ ئائىلە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى تەس» دەيدىغان گەپ بار. بىراق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتتىن ئىبارەت«ئۆز ئائىلىسى»نىڭ ئىشلىرىنى بىجرگەندە قىلچە بىخەستەلىك قىلمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ئارتۇقچىلىقلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۈرەك قېنى، مېھرى مۇھەببىتى بىلەن، ئامما ئارىسىدىكى ئائىلە ماجراسى، قوشنىلار ماجراسى، سېتىش- سېتىۋېلىش ماجراسى، ئەمگەك ماجراسى، يەر ماجراسى قاتارلىق ماجرالاردىن 20 نەچچىنى ھەل قىلىپ، نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ قەلبىدىكى «جاراھەت»لەرنى داۋالىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يۇقارقى قالغئېرىق كەنتىدىكى كادىر-ئاممىنىڭ تەڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدە، كەنت يوللىرىغا يول چىراقلىرى ئورنىتىلىپ، رادىيو ئاڭلىتىلىدىغان بولدى، مەنىۋى-مەدەنىيەت ئىشخانىسى، سەھىيە داۋالاش ئۆيى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تاللا بازىرى قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەر تولۇقلىنىپ، كەنت قىياپىتى يىپ- يېڭى تۈسكە كىردى، توغرىسى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ چىن مىھرى بىلەن تۆلىگەن ئۇنسىز بەدەللىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت يولىنى يورۇتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى