قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قېرىنداشلىق مىھرىدىن ئېچىلغان بېيىش يولى

2018-09-30 13:10:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قاراقاش ناھىيەسىدە نۇرغۇن كىشى ئالتۇن سودىسى قىلىدىغان «ئاكا- ئۇكا» لاردىن ئابدۇمەمەت جاپپار بىلەن خۇاڭ چەيبونى بىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى سېتىشقا، بىرى ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل بولۇپ، شىركەتنىڭ ئۈنۈمى كۈندىن- كۈنگە روناق تېپىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭمۇ قېرىنداشلىق مېھرى كۈچەيدى.
شىنجاڭ «جىنخۇارۈي» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئالتۇن زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سېخىدا، خۇاڭ چەيبو ئابدۇمەمەت جاپپار بىلەن بىللە يېڭى بىر تۈركۈم ئالتۇن زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرىۋاتاتتى. بۇ شىركەتنىڭ بەش يىل بۇرۇن تاقىلىپ قىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى.
 2009- يىلى ئابدۇمەمەت جاپپار شىنجاڭ «جىنخۇارۈي» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. باشقۇرۇش تەجرىبىسى كەمچىل، ئالتۇن زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ لايىھىلىنىشى زامانغا لايىق بولمىغاچقا، شىركەتنىڭ ئۈنۈمى ئىزچىل ياخشى بولمىدى. 2013- يىلى ئابدۇمەمەت جاپپار بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، گۇاڭجۇغا تەكشۈرۈشكە بېرىپ، دوستلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن شېنجېندا ئالتۇن سودىسى قىلىدىغان خۇاڭ چەيبو بىلەن تونۇشۇپ، خۇاڭ چەيبونى ئۆزىنىڭ شىركىتىگە كېلىپ بىر مەزگىل ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلدى. خۇاڭ چەيبو مۇنداق دېدى: بىر ھەپتىدىن كېيىن خوجايىن مېنىڭ شىنجاڭدا قېلىشىمنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ چاغدا شېنجېندا خىزمىتىم بار ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ تەلىپىگە قۇشۇلالماي شېنجېنغا قايتتىم. ئابدۇمەمەت جاپپار شېنجىنغا مېنى ئىزدەپ 4، 5 قېتىم باردى. ئاخىرقى قېتىم ئۇ ماڭا زاۋۇتنىڭ تاقىلىپ قىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقى، مېنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
 ئابدۇمەمەت جاپپارنىڭ سەمىمىيىتى خۇاڭ چەيبونى تەسىرلەندۈردى. خۇاڭ چەيبو شۇ ھامان 180 مىڭ يۈەن يىللىق مائاش چىقىدىغان خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، شېنجېندىن قاراقاش ناھىيەسىگە كەلدى. ئۇ ئالتۇن پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىنى ياخشىلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئىلغار پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ، خادىملارنى ئىلمىي باشقۇرۇپ، ئابدۇمەمەتنىڭ شىركەتنىڭ زىيىنىنى پايدىغا ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم بەردى. خۇاڭ چەيبو مۇنداق دېدى: ئۈچ يىلدا ماللىرىمىزنىڭ سۈپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. ئىلگىرى شىركەتتە ئايدا تەخمىنەن ئون نەچچە كىلوگىرام ئالتۇن سېتىلاتتىكەن، مەن كەلگەندىن كېيىن ئايدا 150 نەچچە كىلوگىرام ساتىدىغان بولدۇق.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ «جىنخۇارۈي» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ھەر يىلى 2 مىليون يۈەن ئەتراپىدا پايدا ئېلىپ، 114 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ئابدۇمەمەت جاپپار مۇنداق دېدى: خۇاڭ چەيبو بۇ يەردە بولسا، زاۋۇتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ياخشى بولىدۇ، ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىمغا ئوخشاش، ئۇ بولسا مەن خاتىرجەم بولىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى