قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خېجىڭ ناھىيەسىدىكى دېھقانلار باش پىيازدىن مول- ھوسۇل ئالدى

2018-09-30 13:14:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

موشۇ ئاينىڭ 26- كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بارۇن خارمودۇن بازىرى قارسۇ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان جاڭ چىياڭ ئېتىزلىقىدا باش پىيازلىرىنى يىغىۋېلىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ 10 مو يەرگە باش پىياز تېرىغان بولۇپ، ھەر مو يەردىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8 توننا ئەتراپىدا پىياز چىققانىدى. بازار باھاسى بويىچە ھەر كىلوگىرامىنى بىر يۈەندىن ھېسابلىغاندىمۇ، ھەر مو يەردىن سەككىز مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولاتتى، بۇنىڭدىن ھەرخىل چىقىملارنى چىقىرۋەتكەندە، ھەر مو يەرنىڭ ساپ پايدىسى 6 مىڭ يۈەن بۇلاتتى. دېمەك، باش پىياز تېرىقچىلىقى-- دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىدا تۈرتكلىك رول ئوينىغانىدى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، قارسۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى باشقا ناھىيە، شەھەرلەردىن باش پىياز تېرىقچىلىقىغا كىتەرلىك مەبلەغنىڭ ئاز، باشقۇرۇشنىڭ ئاسان، مەھسۇلاتىنىڭ يۇقىرى، ئاسان ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قارسۇ كەنتنىڭ يەرلىرى يېرىم قۇمساز تۇپراق بولۇپ، باش پىياز تېرىقچىلىقىغا تولىمۇ ماس كەلگەچكە، ياخشى ھوسۇل ئالغىلى بۇلاتتى. باش پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ساقلىقنى ساقلاشتىكى رولىمۇ ياخشى بولغاچقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بازىرى ئىتتىك كۆكتاتقا ئايلىنىپ، كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، دېھقانلارنى ئاق باش پىياز تېرىشقا يېتەكلىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر باش پىيازنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەنە دېھقانلارنى زىيانسىز ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا يېتەكلەپ، بىر تۇتاش تېرىش، ئوغۇتلاش، بۆلەكلەر بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، باش پىياز ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا سۈپەتكە نازارەتچىلىك قىلدى.
«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى باش پىيازنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە، ئالاقىدار تېخنىك خادىملارنى كۆپ قېتىم كەنتكە تەكلىپ قىلىپ، تېرىقچىلىق باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرۈپ، مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنتتىكى تېرىقچىلىق ماھىرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تېرىقچىلىق تەجرىبىلىرىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەر، ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنى ئىلمىي تېرىقچىلىققا ئىلھاملاندۇرۇپ،باش پىياز مەھسۇلاتى ۋە كىرىمنى ئاشۇردى.
دېھقان جاڭ چياڭ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ يىل پىيازلىرىم ئوبدان ئوخشىدى، دانىسى چوڭ، رەڭگى پارقىراق چىقتى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مايسا يېتىشتۈرۈشتىن تارتىپ، ئېتىزغا كۆچۈرۈش، باشقۇرۇش، رېتىسىپلىق ئوغۇتلاش، پىيازلارنى يىغىۋېلىش، سېتىپ چىقىرشقىچە بىز دېھقانلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى. كېلەر يىلى تېرىلغۇ كۆلىمىمنى كېڭەيتىپ، پىياز تېرىقچىلىقىنى كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشمنىڭ يېڭى يولىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىم بار.خېجىڭ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ بارۇنخارمودۇن بازىرى قارسۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلش» خىزمەت ئەترتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى ليۇ جۈن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، بىزقارسۇ كەنتىدە داۋاملىق تۈردە باش پىياز تېرىقچىلىقى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىمىزگە تايىنىپ، تېز ئۈنۈم بىرىدىغان ئۆزگىچە زىرائەتلەرنى زور كۈچ بىلەن كىرگۈزۈپ، تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، تىپ ئارقىلىق يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلايمىز. يەنە دېھقان- چارۋىچىلارنى پەن- تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى