قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

زاكازلىق دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىقى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

2018-09-30 13:16:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھازىر دەل كەتىرا، قالقانگۈل قاتارلىق جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى يىغىۋېلىش مەزگىلى. بۇ يىل گۇچۇڭ ناھىيەسىدە تېرىلغان 10 مىڭ مو جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى بۇك- باراقسان ئۆسۈپ، ياخشى ئاينىپ مول ھوسۇل بەردى.
  بىڭتۈەن 6- شىسى گۇچۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جاڭ دېنىيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل كەتىرانىڭ مەھسۇلاتى يۇقىرى چىقتى، كۆز مۆلچەرىمىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 800 كىلوگرامدىن كەم بولماسلىقى مۇمكىن، كېلەر يىلى 5 مىڭ مو يەرگە كەتىرا تېرىپ، يەنىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، ھەر مو يەرنىڭ مەھسۇلاتىنى 900 كىلوگرامغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز.
بۇ يىل گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ لوچىتەي بازىرى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىقىنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتىكى بىرىكمە كەسىپ قىلىپ، مەۋقەنى رايون ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، 5 مىڭ مو كۆلەمدە تېرىقچىلىق رايونى بەرپا قىلىپ، ئاساسلىقى كەتىرا، قالقانگۈل، ئوسما يىلتىزى قاتارلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى ھەمدە شەندۇڭ «خاۋتيەن» جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى شىركىتى ۋە بىڭتۈەن 6- شىسى گۇچۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق كوپىراتىپىنى كىرگۈزۈپ، دېھقانلار بىلەن تېرىقچىلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، پۈتۈن مۇساپىلىك تېخنىكىلىق يېتەكلەشنى يولغا قويۇپ، يېقىن ئەتراپتىلا سېتىۋېلىپ، دېھقانلارنىڭ سېتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.
بىڭتۈەن 6- شىسى گۇچۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جاڭ دېنىيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەن لوچىتەي بازىرىدىكى 600 موغا يېقىن يەرگە جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىغانىدىم، بۇ لوچىتەي بازىرى، گۇچۇڭ ناھىيىلىك دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە دۇڭۋەن بازىرى قاتارلىق جايلاردىكى دېھقانلارنىڭ دورا ماتېرىياللىرى تېرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، لوچىتەي بازىرى ۋە مورى ناھىيەسىدىكى دېھقانلار 2 مىڭ موغا يېقىن يەرگە جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ يىل تېرىلغان جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكى جەمئىي 5 مىڭ موغا يەتتى.
گۇچۇڭ ناھىيەسى لوچىتەي بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ ياشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 2 مىڭ 300 مو يەرگە كەتىرا، مىڭ مو يەرگە قالقانگۈل تېرىدۇق. دورا ماتېرىياللىرى شىركىتى بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمدە، ھەر كىلوگرام ھۆل دورا ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى 5 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق شەرتى بولغاچقا، ھەر مو يەردىن 800 كىلوگرامغا يېقىن ھۆل جۇڭيى دورا ماتېرىيالى يىغىۋېلىندى دېگەندىمۇ، ھەر مو يەرنىڭ ساپ كىرىمى 1 مىڭ 500 يۈەندىن 2 مىڭ 800 يۈەنگىچە بولىدۇ دىگەن گەپ. بۇنىڭ بىلەن، دېھقانلىرىمىزنىڭ تېرىقچىلىق ئىقتىسادى ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ.
بۇ يىل گۇچۇڭ ناھىيەسى ھۆكۈمەت يۆلەش، كوپىراتىپ قاتنىشىش، دېھقانلار ئۈلگە كۆرسىتىپ تېرىقچىلىق قىلىش، يەر ئوبوروتىنى ئاساس قىلىش، يەنى «كوپىراتىپ، شىركەت، بازا، دېھقان ئائىلىسى» ئۆز ئارا قوشۇلغان تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە، نۇقتىلىق ھالدا بىلۇخې بازىرى، لوچىتەي بازىرىنى نوقتا قىلىپ، دورا ماتېرىياللىرىدىن ئاساسلىقى ئوسما يىلتىزى، داغۇر كىرەشى، كەتىرا، قالقانگۈل، گۈلسامساق قاتارلىقلارنى تىرىدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق دەسلەپكى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرلۈپ، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى تېرىقچىلىقىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مو بېشى ساپ كىرىمى 3 مىڭ يۈەن ئەتراپىغا يىتىپ، دائىملىق تېرىلىدىغان ئاشلىق تېرىقچىلىق ئۈنۈمىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى. قىسقىسى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى بازىسى قۇرۇلۇشى-- جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
ھازىرغا قەدەر، گۇچۇڭ ناھىيەسىدە جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق كۆلىمى بەش يىل بۇرۇنقى نەچچە يۈز مودىن تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى 10 مىڭ مودىن ئاشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى